ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
لەۋ سۇرۇختىكى زەھەر نى ئۈزۈك بىلەن تەكشۈرۈشنى بىلەمسز ؟

 

www.alhux.com 
 
 

كۆپىنچە خانىم – قىزلار لەۋ سۇرۇخ سېتىۋالغاندا ، ئۇنىڭ رەڭگىگىلا ئېتىبار بېرىپ ، تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ ، ئەمەلىيەتتە لەۋ سۇرۇخى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سالامەتلىكىڭىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئەگەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەندە ساغلاملىقىڭىزنىڭ كۈشەندىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ .

      مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، قوغۇشۇن مەركىزي نېرۋا ۋە بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئورگانىزملارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن . بىراق ئۇ ئالاھىدە پارقىرىتىش رولىغا ئىگە بولغاچقا ، كۆپ ھاللاردا لەۋ سۇرۇخىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىلىنىدىكەن .

      لەۋ سۇرۇختىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىنى ئۆلچەشنىڭ مۇنداق ئاددىي ئۇسۇلى بولۇپ ، سېتىۋالماقچى بولغان لەۋ سۇرۇخنى ئاۋۋال قولغا ئازراقلا تەگكۈزۈپ ، ئاندىن ئاق ئالتۇن ئۈزۈكنى ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قانچىنى سۈرتكەندە ، ئۈزۈككە يۇقۇشقان لەۋ سۇرۇخنىڭ رەڭگى قانچىكى قارىداپ كەتسە ، لەۋ سۇرۇخ تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن .

      ئۇنىڭدىن باشقا ، خانىم – قىزلار لەۋ سۇرۇخنى سۈرتۈپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن غىزالىنىشى ياكى ئىچىملىك ئىچىشى ، لەۋ سۇرۇخ تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق بەدەنگە قوبۇل قىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن .


 

 

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203