ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
خانىم– قىزلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز كىيىم – كېچەكلەر

مۇتەخەسسىسلەر خانىم – قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ۋە سالامەتلىكى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كىيىم – كېچەكلەرنى كىيمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى.
بەك تار ئىچ كىيىم بەزىبىر فىگورسى تازا كېلىشمىگەن خانىم – قىزلار گۈزەللىك قوغلىشىپ، بەك تار، بەدەىنىگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئىچ كىيىملەرنى كىيىپ، بەدىنىدىكى نۇخسانلارنى ياپماقچى بولىدۇ، لېكىن، بۇ خىل ئىچ كىيىملەرنى كىيگەندە ئادەم بىئاراملىق ھېس قىلىپلا قالماي، قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىپ، ھاۋا ئۆتۈشمەي، ھەر خىل ياللۇغلارنى پەيدا قىلىدۇ.
يەنە بەزى خانىم – قىزلار بەنداش كىيىپ فىگورلۇق بولماقچى بولىدۇ، بەنداش ئاددىيىسى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ، يۈرەك سېلىشنى تېزلىتىپ، باش قېيىش، نەپەس يېتىشمەسلىكتەك ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا يۈرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەك چىڭ باغىرداق (لىپتىك) ئەگەر خانىم – قىزلار ئۇزاق ۋاقىت بەك چىڭ باغرىداق تاقىسا، سۈت بېزى ۋە قان ئايلىنىشقا تەسىر يېتىدۇ ھەم تەر قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار سۈت بېزىگە كىرىپ، سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىم خانىم – قىزلار ئۇزاق ۋاقىت بەك ئېگىز پاشنىلق ئاياغ كىيىم كىيسە، پۇت كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۆسۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىم كىيسە، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.

نىلۇڭ پايپاق خانىم – قىزلار ئۇزاق ۋاقىت نىلۇڭ پايپاق كىيسە، پايپاق تەركىبىدىكى خىميىلىك بېرىكمىلەر تېرىگە تەسىر قىلىپ، تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203