ھەقىقي مەشۇق سېنىڭ بىلەن كۆپ ئايلانغاندا گەرچە ئۆزى شۇنچە ھېرىپ كەتسمۇ ، لىكىن ھارمىدىم ،دەيدىغان بەلكى سەندىن ھېرىپ قالدىڭىزمۇ دەپ سۇرايدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق سېنىڭ ئەتكەن تامىقىڭ گەرچە خامراق بولسمۇ ،لىكىن مىززىلىك بوپتۇ دەيدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق ئاپتوبۇسقا چىققاندا سەن ئورۇن ئېلىپ قۇيىدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق پەقەت سېنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭنى كۆرەلەيدىغان ،كەمچىلىكىڭنى كۆرەلمەيدىغان كىشى .
ھەققىي مەشۇق تۇرمۇشىڭغا خۇشاللىق ھەم ئىللىقلىق ئاتا قىلالايدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق بىرگە تۇرغاندا سېنىڭ ئىشلىشىڭنى ھەم كىتاب كۆرۈشىڭنى خالىمايدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق گەرچە سەن ئېيىتمىغان بولساڭمۇ ،لىكىن سېنىڭ ياخشى كۆردىغان تامىقىڭنى ، سەن ياقتۇرىدىغان رەڭنى ، كىيىم پاسۇننى ، ھەم سېنىڭ قىزىقىشىڭنى .ئېيتىپ بىرەلەيدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق سەن ئوڭۇشىسزلىققا ئۇچرىغاندا كۆڭلى سېنىڭكىدىن بەك بىئارام بۇلىدىغان ، لىكىن سېنى خۇشال قىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق پىشكەللىككە ئۇچرىغان چېغىڭدا سەن ئاۋۋال كۆرۈشنى ئويلايدىغان ھەم بارلىق ئىشلىرىڭنى ئېيىتىپ بىرىدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق خۇشال بولسۇن ياكى ھەيران قالسۇن ، ھەمىشە سېنىڭ كۆكرىكىڭىگە ئۇرۇشنى بىلىدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق سېنىڭ نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشىڭنى ئۈمىد قىلىدىغان ، ئەمما سېنىڭ باشقا قىزلارغا قارىشىڭنى خالىمايدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق ئۆزىنىڭ سىرلىرىنى ساڭا بىرىپ بولغاندىن كېيىن ، نېمىشقا سىزگە سىرلىرىمنى ئېيىتىپ بەرگەندىمەن دەيدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق ئاچچىغى كېلىپ قالغاندا سېنى قايتا كۆرگۈم يوق دەيدىغان ،سېنى راستىنلا كۆرمىگەندە بولسا تىت –تىت بولۇپ كۆڭلى بىئارام بولىدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق بىر مىنۇتنىڭ ئالدىدا سېنى دۇشمىنىم دەيدىغان ، بىر مىنۇتتىن كېيىن باغرىڭغا ئۆزىنى ئاتىدىغان كىشى .
ھەقىقي مەشۇق سېنى دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق .، ئەڭ كىلىشكەن ئادەم سانايدىغان ، لېكىن ھەمشە سېنى سەن بەك كالۋا ، جۇمۇ دەيدىغان كىشى .
ھەقىقىي مەشۇق ئۆز خۇشاللىقىدىن ۋاز كىچىپ سىنى ياخشى ئىشلىسۇن دەپ سەن بىلەن تولا كۈرۈشمەيدىغان ،لىكىن سىنى بەك سېغىنىدىغان كۈرۈشكەندە سىنى قۇيۋەتمەيدىغان كىشى .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |