ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
قىزلارنىڭ كۆڭلى زىيادە نازۇك كېلىدۇ...

 

قىزلارنىڭ كۆڭلى زىيادە نازۇك كېلىدۇ ، بۇ قىزلارنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىگى .

قايسىدۇر بىر يازغۇچى قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئەتىيازپەسلىدىكى شۈرمەلىگە ئوخشاتقان.شۈڭا قىزلار بىلەن ئارلاشقاندا چۇقۇم ئېھتىياتچان بۇلۇش كىرەك.
مەقسەتسىز سادىر قىلغان بىرەر ئىشىڭىزياكى دەپ سالغان بىرەر گېپىڭىزمۇقىزلارنىڭ بىر مۇنچە ھەسرەت ياشلىرىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەپ بولۈشى مۇمكىن.
ئەكسىچە دەل جايىدا ئېيتىلغان بىر ئېغىز سۆزئۇلارغا باھار ئاپتىپىدەك ئىللىقلىق يەتكۈزۈشىمۇ مۇمكىن.پەقەت چىن يۈرەكتىن چىققان مېھىر - مۇھەببەتلا قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئالالايدۇ.
قىزلارنىڭ ئىنتىلدىغىنى يىگىتلەردىكى جەسۇرلۇق،قەتئىيلىك،سېخىيلىق.بۇ قىزلارنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىگى.
پىسخۇلۇگلار قىزلارنىڭ كۆڭلىدە يىگىتلەرنى باشقۇرۇشقا بۇلغان تەققازالىق ئەمەس،بەلكى باشقۇرلۇشقا بۇلغان ئىنتىزارلىقنىڭ كۈچلۇكلىكىنى ئىسپاتلىدى.
شۈڭا سىز مىس - مىس،سۆرەلمە بولماي،ۋۇجۇدىڭىزدا ئەركەكلەرگە خاس جەسۇرلۇقنى يېتىلدۇرۇپ خاسلىقىڭىزنى ۋە مۇستەقىل كۆز قارشىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ،ھەرگىزمۇ«يۈمىلاق تاۋۇز»بولۇپ قالماڭ، بۇ قىزلار ئەڭ يىرگىنىدىغان ناچار قىلىق.
ھەر ئىشنىڭ ئۆز يۇلى بار،زىيادە سىخى بولماڭ،لېكىن بەك بېخىللقمۇ قىلماڭ .
قىزلار يۈمۇرىستىك خاراكتىرىگە ئىگە يىگىتلەرنى ياخشى كۆرىدۈ،بۇ قىزلارنىڭ ئۈچىنچى ئالاھىدىلىگى.
قىزلار مۇھەببەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىزدەيدىغىنى خوشاللىق،خاتىرجەملىك.پەقەت يۈمۇرىستىك خاراكتېرىگە ئىگە يىگىتلەرلا بۇ خىل ئىھتىياجنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.شۈڭا ئۈمۇتۋارلىق بىلەن ھاياتنى،تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۇپ،غەم قايغۇنى ئۆزىڭىزگە يۈك قىلۋالماڭ،جاپا مۇشەققەت ئالدىدا قەيسەرلىك بىلەن باتۇرلارچە ياشاڭ.
قىزلار گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ.بۇ قىزلارنىڭ توتىنچى ئالاھىدىلىگى.
گۈزەللىك تاشقى گۈزەللىك ۋە قەلىب گۈزەللىگىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.قەلىب گۈزەللىگى بىز ئادەمنىڭ ئىدىيىسى،ۋە دۇنيا قارشى،غايىسى،مىجەز - خاراكتېرى،ئەخلاق پەزلىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇسىز بۇ ئىككى خىل گۈزەللىككە ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كىرەك.دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ.سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزلىكسىز ھالدا مۇكەممەللەشتۇرۇشكە تىرىشىڭ.ناچار قىلىق - ئادەتلىرىڭىزنى تاشلاپ زامانغا لايىق مەدىنيەتلىك يىگىت بولۇڭ.
يىگىت -- مۇھەببەت سىرلىق ھەم غايىۋى بولىدۇ.ئۇ مەسئۇليەتچانلىقنى،ئەستايىدىللىقنى، سەۋىرچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.
مۇھەببەت قەسىرنىڭ ئاچقۇچى--ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا،مۇھەببەت ئىكولوگىيسىنىڭ مۇۋازىنىتىنى تەڭشەپ تۇرغۇچى پەقەت ئۆزىڭىز.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203