ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئۇيغۇر قىزى
ئۇيغۇر قىزى
[بەرنا قىز ]
بەزمىخاندا كۇرۇپ قالدىم مەن سىنى
ئۇيغۇر قىزى شۇنچە پەسكەش قىلىقىڭ
زەپ سولەتلىك بىلىنىدىكەن ئوزىڭگە ،
يىگىت بىلەن سوقۇشتۇرۇپ ئىچىشىڭ.
قاراپ باققىن شۇ ئۇستىباش تۇرقۇڭغا،
قېنى سىنىڭ ئۇيغۇ رغا خاس سىماھىڭ.
تارتىنىشتىن ئەسەرمۇ يوق دىلىڭدا،
ناز-كەرەشمەڭ شۇنچە خۇنۇك نىگاھىڭ.
ئۇيغۇر قىزى خىتاپ قىلدىم ئۇزۇڭگە،
سەن مىللەتنىڭ ھەمدە يۇرتنىڭ ئانىسى.
كوزنىكى سەن مىللىتىمنىڭ ھەم يەنە،
ئايان بۇلار خىسلىتىڭدىن بارچىسى.
قېرىق ئورۇم بوستان چېچىڭ نەلەردە،
كوركەم ئەتلەس كوينەك يەنە مۇڭلىنار،
چىمەن دوپپا ياش توكۇپتۇ بۇلۇڭدا،
ئوسما-خىنە ئازاپ بىلەن تولغىنار.
ئالتە رەڭدە بويىۋاپسەن چېچىڭنى،
بۇياقچىدەك ھەتتا قېشىڭ ،يۇزىڭنى.
كەيگەن كىيىم ماس كەلمەپتۇ بويۇڭغا،
چاڭگا كەبى كوپتۇرۇپسەن چېچىڭنى.
تارتىنىشتىن ئەسەرمۇ يوق سىنىڭدە،
نايناقلىقتا يىتىپسەن دەل چېكىگە .
ئارمان قىپسەن گۇزەللىكنى ئوزۇڭچە،
گۇزەللىكتە تەڭداشسىز سەن ئويۇڭچە.
زەپ يارىشار بىلسەڭ ئەتلەس كوينىگىڭ،
چىمەن دوپپا ئوزى يەنە بىر دۇنيا.
قېرىق چېچىڭ مەجنۇن تالدەك يەلپۇنۇپ،
قىلار بارچە دىلنى ئوزگە مەھلىيا.
ئاشۇ گۇزەل تۇرقىڭغا يان بەس ئەمدى،
رازى بۇلار سەندىن ئاناڭ غەمگۇزار.
دۇئا قىلار بەختىڭگە ھەم شۇ ئاناڭ،
بەخىت تاپقىن بولسۇن ئىزىڭ لالىزار!!!!
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت
新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths