قىزلارغا
بىز كۈتمەيمىز قىزلاردىن باشقىنى ،
كىرەك ئەمەس بىزگە ئارتۇق شوخلۇق .
‹‹ قىز ›› ئۇنىمە مەنىسىنى بىلىپ ئۆت ،
ساڭا مەنسۇپ غورۇرۇڭ ھەم پاكلىقىڭ .
قايسىزامان بولسۇن مەيلى ساڭا بەرىبىر ،
ئاجىز كۆزۈڭ يىتەلمەيسەن زامانغا .
خورلۇق ئەمەس يۈزۈڭ تۆۋەن يۈرگىنىڭ ،
ئالدانمىغىن ئېزىتقۇچى شەيتانغا .
بىزدە شۇنداق قىزبارمۇ ؟
ھايا نۇرى پارلىسا ، ھەربېقىشىدا يۈزىدىن ،
ساداقەتتىن باشقىسى ، كۆرۈنمىسە كۆزىدىن .
سايەم بولسا مەيلىتتى ، چىقماس ئىدىم سۆزىدىن ،
شۇنداق قىزنى سۈيەتتىم ، بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ ؟
ئىلمى پاكىز يۇسۇندا ، ئۇتالىسا كۆڭۈلنى ،
شەيتان گىرە سالغاندا ، تۇتالىسا كۆڭۈلنى ،
چىن ساداقەت سۆيگۈدە ، يۇتالىسا كۆڭۈلنى ،
ئاڭا سۆيگۈ تىلەيتىم ، ھازىر شۇنداق قىزبارمۇ ؟
بولسا ئەگەر دىلىدا ، ئانچە-مۇنچە ئىمانى ،
مىللەت ئەخلاق ئالدىدا ، يۈرىكىدە پىغانى ،
بىر ئوغۇلنىڭ ئالدىدا ، تىك تۇرغىدەك ۋىژدانى ،
شۇنداق قىزغا كۆيەتتىم ، قېنى شۇنداق قىز بارمۇ ؟
سىز قىز بالا
دوستۇم ، يولىڭىزغا قاراڭ ، توغرىمۇ-خاتا ؟!
كىچە بولدى ، يۈرىۋەمەڭ دالىمۇ-دالا ،
ھايانى چىڭ تۇتۇڭ ، بولۇپ چۈمبەللىك بالا ،
قولغا ئېلىڭ قۇرئاننى بولۇپ مۇسۇلمان بالا ،
غەيرى مەدىنيەت ئۇ ئۆزى بىر ئاپەت-بالا !
ھەۋەس قىلماڭ ئۇئۆزى بىردەملىك ئالا ،
ئازدۇرمىسۇن بۈدرە چاچلىق شەيتان بالا ،
دىسكوخانا ۋەياكى ياكى رىستورانخانا ،
كىندىكى ئوچۇق ... ھەممىسى بۇزغۇچى خانا ،
تېپىۋىلىڭ توغرا يول ، ئورنىڭىز تالا ،
بۇكۈنلەرنىڭ سورىقىمۇ چوقۇم بار جىما !
رەھمەت تىلەڭ چوقۇم ھىدايەت قىلىدۇ ئاتا ،
توغرا يولنى بەرگۈچى جانابى ئاللاھ !
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |