شوۋىگۈرۈچ ماغدۇر تولۇقلايدۇ
شوۋىگۈرۈچ قايناش جەريانىدا كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ ، بۇ ماددىلارنى ئادەم بەدىنى ناھايىتى ئاسان سۈمۈرۈۋالىدىكەن . سۇڭپىياز ئېقى شوۋىگۈرۈچى باكتېرىيەنى ئۆلتۈرىدىكەن . يۇمىلاق گۈرۈچ شوۋىگۈرۈچى قورساق ئاغرىقىنى توختىتىدىكەن . يۇمىلاق گۈرۈچ شوۋىگۈرۈچى قورساق ئاغرىقىنى توختىتىدىكەن . ئىشتىھاسى يوق كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى قىزىق ھەم كۆكتات قوشۇلغان تۇزلۇق شوۋىگۈرۈچ ئىچىپ بېرىشى كېرەككەن .
سامساق ئانتىبيوتىك دورىلاردىن قېلىشمايدۇ
سامساق تەركىبىدىكى ئاللىتسىندا مىكروب يوقىتىش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ ، كۈندە بىر چىش سامساق يەپ بەرسە ، خولېسترولنى تۆۋەنلىتىدىكەن .
يېسىۋېلەك سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىدۇ
يېسىۋېلەكنىڭ قىزىتمىنى ياندۇرۇش ، يۆتەلنى توختىتىش ، بەلغەمنى بوشىتىش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ ، شۇنداقلا سۈت بېزى راك ھۈجەيرىلىرىنى تورمۇزلايدىكەن . ساماۋەر شورپىسى ئىچكەندە ئەڭ ياخشىسى يېسىۋىلەك قوشۇش كېرەك ئىكەن . يېسىۋېلەك سوغۇق تەبىئەتلىك كۆكتات بولۇپ ، ساماۋەر شورپىسىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق تەبىئىيتىنى تەڭشەيدىكەن .
كاپوسكا كۆزنى ئاسرايدۇ
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە توختىماي قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە ، كاپوسكىدىن تەييارلانغان تۇزلۇق قورۇمىنى يەپ بەرسە ، بىنورماللىقنى ئازايتىدىكەن . لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى پايدىسى يەنىلا كۆزنى ئاسراشتا ئىكەن .
قارىغاي ئۇرۇقى يۈرەكنى ئاسرايدۇ
قارىغاي ئۇرۇقىنىڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ، تېرىنى سىلىقلاش رولى بار ئىكەن . ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى يۈرەكنى ئاسرايدىكەن .
ئاچچىقسۇ قوشۇلغان لامنارىيە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
لامنارىيە تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى ئېرىشچان تالا بار بولۇپ ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ھەم ئۇنىڭدىكى يېلىم ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدىكەن . لامنارىيەگە ئاچچىقسۇ قوشۇلسا يۇمشايدىكەن ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىسى تېخىمۇ كۆپ ئاجرىلىپ چىقىدىكەن .
قارا بۇغداي قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ
قارا بۇغداي تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا ۋە ۋىتامىن p قان بېسىمنى ۋە قاندىكى ياغ تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي ، يۈرەكنى ئاسرايدىكەن ھەم ئۇيقۇنى ياخشىلايدىكەن .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |