ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
كومپيۇتېر بۇزۇلۇپ قالغاندا ئىشلىتىدىغان تەدبىرلەر

1. كومپيۇتېر باش ئاپاراتنى قوزغاتقاندا، BIOS كۆرۇنىشى چىقسا باش ئاپاراتتا چوڭ چاتاق يوق،ئەگەر BIOSكۆرۇنمىسە چوقۇم باش ئاپاراتنى ئېچىش كېرەك.

2. ئەگەر ئېكران چىرىقى يانسا،باش ئاپارات چىرىقى يانمىسا ، شامالدۇرغۇچ ئايلانمىسا ، كۆپ ھاللاردا باش ئاپارات قوزغىتىش كۇنۇپكىسىدىكى چاتاق ياكى بولمىسا ئاساسلىق تاختا (主板)توك يولى چاتاق.

3. ئەگەر باش ئاپارات چىرىقى پۇتۇنلەي نورمال، شامالدۇغۇچ ئايلىنىشى نورمال ، ئېكراندا ھېچنىمە كۆرۇنمىسە biosنىڭ خاتالىق سىگنالىغا ئاساسەن چاتاقنى تېپىپ چىقسا بولىدۇ.
4. ئەگەر bios سىگنالى نورمال بولسا ئۇچاغدا چاتاق ئېكران سىمىدا ياكى ئېكراندا بولىدۇ.

ئېچكى ساقلىغۇچ كارتىسىنى كومپيۇتېر تەكشۇرگەندە ئېچكى ساقلىغۇچ كارتىسىنىڭ سىغىمى ئەسلىدىكىسى بىلەن ئوخشىمىسا:
1. ئورنىتىش ياخشى ئەمەس
2. ئەگەر ئىككىدىن ئارتۇق بولسا بىر-بىرسىنى قوللىمايدۇ
3. ئاساسلىق تاختا قوللىمايدۇ
4. ئېچكى ساقلىغۇچ كارتىسىدا فىزىكىلىق خاتالىق بار
كومپيۇتېر قاتتىق دېسكا ۋە ئوپتىك دېسكىنى تونالمىسا:
1. ئۇلۇنۇش خاتالىق ياكى سىمدا خاتالىق
2. قاتتىق دېسكىنىڭ تەڭشەش سىمىدە خاتالىق
3. قاتتىق دېسكىدىكى خاتالىق ياكى IDEئۇلۇنۇش ئېغىزىدىكى خاتالىق
cmosنىڭ مەخپى نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا :
1. ئاساسلىق تاختىدىكى تەڭشەش سىمى ياكى ئاساسلىق تاختىنىڭ باتارىيەسىنى ئېلىۋىتىش ئارقىلىق ئاساسلىق تاختىنىڭ توكىنى ئۇزۇش
2. DOS بۇيرۇقى ئارقىلىق تازىلاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203