بىر قانچىلىغان ئاددى بۇيرۇقلار بىلەن كومپۇتېرنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇللارنى كۆرۈڭلار:
1. تورغا ئۇلىنىشىنى تەكشۈرۈش:
ئەگەر سىز كومپۇتېرىڭىزغا باشقىلار تەرىپىدىن مۇما قاچىلىنىپ قالغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالسىڭىز ياكى ۋىرۇسلنىپ قالسىڭىز، بىراق سىزدە مۇكەممەل بولغان ۋىرۇس ئۆلتۈرگۈچى بولمىىسا بىلەلمەيسىز. بۇ چاغدا سىز windowsنىڭ ئۆزىدە بار بۇيرۇقلار ئارقىلىق كىمنىڭ كومپۇتېرىنىڭ سىزنىڭ كومپۇتېرىڭىزغا ئۇلانغانلىقىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ بۇيرۇقنىڭ شەكلى: netstat -an بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق مۇشۇ كومپۇتېر بىلەن ئۇلىنىش ھاسىل قىلغان بارلىق ipئادرىسلارنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ proto(ئۇلىنىش شەكلى)، localaddress ( يەرلىك ئۇلىنىش ئادىرىسى)، foreign address (سىزنىڭكى بىلەن ئۇلىنىش ھاسىل قىلغان ئادرىس)،state(当前端口状态)。يەنى ھازىرقى ئېغىز ھالىتى دىن ئىبارەت تۆت بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقارقى ئۇچۇرلارنىڭ ئشىلىتىش ئارقىلىق كومپۇتېرىڭىزدىكى بارلىق ئۇلىنىشلارنى كۈزىتىپ، كومپۇتېرنى كونتىرول قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
2 .ئېنىق بولمىغان مۇلازىمەتنى چەكلەش
بەزىدە، بىر مۇنچە كۈنلەردىن كېيىن كومپۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىدۇ، قانداقلا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارسىمۇ ئوڭشالمايدۇ، ۋىرۇس ئۆلتۈرگۈچىلەر بىلەن تەكشۈرۈپمۇ مەسىلىنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ بەلكىم بەزىلەر سىزنىڭ كومپۇتېرىڭىزغا تاجاۋۇز قىلىپ سىزگە بەزى ئالاھىدە مۇلازىمەتلەرنى ئېچىپ قويغان بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن iiss مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنىڭ ئېچىپ قويغان بولىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا ۋىرۇس ئۆلتۈرگۈچى قوراللارمۇ تەكشۈرۈپ تاپالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، net start ئارقىلىق سېستىمىڭىزدا زاى قانداق مۇلازىمەتنىڭ ئېچىپ قويۇلغانلىقى كۆرۈپ بېقىڭ. ئەگەر ئۆزىڭىز ئېچىپ قويمىغان مۇلازىمەت بولسا دەرھال مۇشۇ مۇلازىمەتنى توختىتىڭ. كونكىرت ئۇسۇلى: net start ئارقىلىق مۇلازىمەتنى كۆرۈپ بېقىڭ ۋە net stop server ئارقىلىق مۇلازىمەتنى توختىتىڭ.
3 .ئىسچوت (ھىساۋات تۈرى) تەكشۈرۈش.
ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان رەزىل ھۇجۇم قىلغۇچىلار كىلونلانغان ئىسچوت ئارقىلىق سىزنىڭ كومپۇتېرىڭىزنى كونتىرۇل قىلىشنى بەك ياخىشى كۆرۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى سېستىما ئۆزى كۆڭلىدە تونۇيدىغان ئىسچوت ( بۇ ئىسچوت دائىم ئىشلىتىلمەيدۇ) نى ئاكتىپلاشتۇرۇش (قوزغىتىش).ئۇلار بۇ ئارقىلىق بۇ ئىسچوتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. مۇنداقلا قارىغاندا بۇ ئىسچوت ئەسلىدىكى ئىسچوت بىلەن ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق كىلونلانغان ئىسچوت سېستىمىدىكى ئەڭ چوڭ يۇشۇرۇن خەۋپ. رەزىللىشىپ كەتكەن ھۇجۇم قىلغۇچىلار مۇشۇ ئىسچوت ئارقىلىق سىزنىڭ كومپۇتېرىڭىزنى خالىغانچە كونتىرول قىلىدۇ. مۇشۇ زىياندىىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئىسچوتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە بولىدۇ:ئالدى بىلەن net user بۇيرىقىنى 运行قۇرىغا كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىش ئارقىلىق كومپۇتېرىڭىزدا قايسى ئىسچوتلارنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، ئاندىن net user+ بۇيرىقى ئارقىلىق ( پىلوس بەلگىسى ر ھەرپىنىڭ ئۈستىدە) بۇ ئىسچوتلارنىڭ قانداق ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈڭ،ئادەتتە Administrator، administrators (ئارقىسىدا س ھەرپى بار ئىسچوت ئالدىدا، س ھەرپى يوقى ئالدىدا يېزىلاتتى، بۇ يەرگە تەتۈر يېزىلىپ قالدى) نىڭ گورۇپپىسدا بولغانلىرىدىن باشقلىرى سىزنىڭ ئەمەس. ئەگەر سىز سېستىمىڭ ئىچىگە قويۇلغان ئىسچوتنىڭ administratorsگورۇپپىسغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بايقىسڭىز، بۇ سىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراشقا ئازلا قالغانلىقىڭىزنى ھەمدە باشقىلارنىڭ سىزنىڭ كومپۇتېرىڭىزدىكى ئىسچوت نى كىلونلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ چاغدا سىز دەرھال net user/delبۇيرىقى ئارقىلىق بۇ ئىسچوت نى ئۆچۈرىۋېىتىڭ.
بەزى بۇيرۇقلارنى net start نى 开始دىكى 运行 غا كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلساق بولىدىكەن ، بىراق dos كۆزنىكى ئېچىلىلا يوقاپ كەتسە 开始-附件-命令提示符 نى ئېچىپ ئىجرا قىلساق ئاندىن نورىمال ئېچىلىدىكەن . سىناپ بېقىڭ .
كومپۇتېرىڭزغا سالەمەتلىك يار بولسۇن.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |