ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
shift كۇنۇپكىسىنىڭ 10 چوڭ ئالاھىدىلىگى

1. سىز QQ دا پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا يوللىغان ئۇچۇرىڭىز ئاستا يوللىنىدۇ شۇنداقمۇ؟ بۇنداق ۋاقىتتا سىز shift كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ھەل قىلالايسىز.

ئۇچۇر يوللاشتا shift كونۇپسىڭىزنى بېسىپ يوللىسىڭىز قارشى تەرەپكە تېز يوللىنىدۇ.

2. كومپىيۇتىرىڭىزدا تورغا چىقىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ۋىروس ياكى ئەخلەت توربەتلەرنىڭ تەسىردىن كۆپلىگەن كۆزنەكلەر ئېچىلىپ كېتەمدۇ؟ shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ بىرلا كۆزنەك ئارقىلىق بارلىق كۆزنەكلەرنى ئۆچۈرۈش مەخسىتىگە

يېتەلەيسىز.

3. ھەرپلەرنىڭ چوك-كىچىكلىگىنى shift كونۇپكىسى ئارقىلىق تەڭشەپ يېزىشقا بۇلىدۇ.  (مېنىڭچە بۇنى خېلى كۆپلىگەن تورداشلار ئىشلىتىپ باققانغۇ دەيمەن؟)

4. كومپىيۇتىرغا يېڭى بىر يۇمشاق دېتال قاچىلاپ بولغان ۋاقتىڭىزدا قايتا قوزغۇتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇۋاقىتتا shift كونۇپكىسى ئارقىلىق بۇ تاللانمىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.

5. كۆپلىگەن ھۆججەتنى تاللىغان ۋاقتىڭىزدا shift ئارقىلىق بىرىنچى ھۆججەت بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ھۆججىتىڭىزنى تاللىسىڭىز بىرلا ۋاقىتتا تۈركۈم ھۆججەتلەرنى تاللاش مەخسىتىگە يېتەلەيسىز.

6. ھۆججەت ئۆچۈرگەندە shift ئارقىلىق ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەر ئەخلەت ساندۇقىغا كىرمەي بىراقلا ئۆچۈرۈلىدۇ.

7. نوردېسكىنى CD-Rom غا سالغاندا shift كۇنۇپكىسنى بىرنەچچە قېتىم بېسىۋەتسىڭىز ئاپتۇماتىك قۇيۇش ئۇسۇلىنى چەكلەشكە بولىدۇ.

8. shift+F10 بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكەندە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

9. ھۆججەت ئاچقاندا shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاچقاندا ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنى يېڭى كۆزنەكتە ئېچىلىدۇ.

10. كومپىيۇتىرنى قوزغۇتۇپ بولۇپ shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرغاندا 启动菜单 نىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ قوزغۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203