كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە «تەھرىرلەش كۇنۇپكىلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەچچە كۇنۇپكا بار بولۇپ، بۇ كۇنۇپكىلارنىڭ رولى تۆۋەندىكىچە:
PrtScrSysRq
ئېكراندا ئېسىل كۆرۈنۈشلەر ئۇچرىغاندا PrtScrSysRq كۇنۇپكىسىنى تېزلىكتە باسسىڭىز، سىستېما بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەت ھالىتىدە كومپيۇتېرنىڭ كېسىپ چاپلاش تاختىسىغا كۆچۈرىدۇ. ئاندىن سىز رەسىم سىزىش (画图) يۇمشاق دېتالىغا كىرىپ، چاپلاش بۇيرۇقىنى ياكى CTRL+V بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بۇ كۆرۈنۈش رەسىم سىزىش يۇمشاق دېتالىغا چاپلىنىدۇ (رەسىم سىزىش يۇمشاق دېتالىغا باشلاش تىزىملىكىدىكى قوشۇمچە ماتېرىيال (附件) دىكى 画图 دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق كىرەلەيسىز).
Scroll Lock
بۇ كۇنۇپكا ئەڭ ئاۋۋال ھازىرقى IBM نىڭ PC/XT تىپىدىكى كومپيۇتېرلىرىنىڭ 83 كۇنۇپكىلىق كۇنۇپكا تاختىسى ۋە AT ئېغىزلىق 84 كۇنۇپكىلىق كۇنۇپكا تاختىسىغا سەپلەنگەن بولۇپ، ھازىر بۇ كۇنۇپكا PC ئاپپاراتىنىڭ 101 كۇنۇپكىلىق كۇنۇپكا تاختىسىدا بار بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئالما كومپيۇتېرىنىڭ «كۈچەيتىلگەن» تىپلىق كۇنۇپكا تاختىسىغىمۇ بۇ كۇنۇپكا سەپلەنگەن. DOS دەۋرىدە بۇ كۇنۇپكىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، شۇ چاغدىكى كۆرسىتىش تېخنىكىسىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئېكراندا پەقەت 80 ھەرپ-بەلگە كەڭلىكىدىكى 25 قۇر خەتنىلا كۆرسەتكىلى بولاتتى. ھۆججەتنى ئوقۇش ۋاقتىدا بۇ كۇنۇپكا ئارقىلىق بەت يۈزىنى دومىلىتىپ كۆرۈشنى ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولاتتى. تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، Windows دەۋرىگە كەلگەندە Scroll Lock كۇنۇپكىسىنىڭ رولى بارغانسېرى تۆۋەنلىدى، بىراق Exeel دا ئۇنىڭ يەنە ئازراق رولى بار، ئەگەر Scroll Lock كۇنۇپكىسى تاقاقلىق ھالەتتە بەت ئۆرۈش كۇنۇپكىسى (مەسىلەن، Page Up ۋە Down Page كۇنۇپكىسى) نى ئىشلەتكەندە، نۇر بەلگىسى تۇرغان كاتەكچە بەتنىڭ ئۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ، ئەكسىچە بەتنى ئۆرۈمەكچى، بىراق نۇر بەلگىسىنى ئەسلىدىكى كاتەكچىدە تۇرغۇزماقچى بولساق، Scroll Lock كۇنۇپكىسى بېسىپ قويساق بولىدۇ. Scroll Lock كۇنۇپكىسى ئېچىلغان ھالەتتە بولسا، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Scroll Lock كۇنۇپكىسىىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان مۇناسىپ كۆرسىتىش چىرىغى يورۇيدۇ، تاقاقلىق بولسا يورۇمايدۇ.
PauseBreak
بۇ كۇنۇپكا بىلەن مەلۇم بىر بۇيرۇق ياكى پروگراممىنىڭ ئىجرا بولۇشنى توختاتقىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ DOS پروگراممىسىدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مەشغۇلات سىستېمىسىغا كىرىشتىن بۇرۇن كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرى DOS ھالەتتە كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ چاغدا PauseBreak كۇنۇپكىسى بېسىلسا، ئۇچۇرنىڭ ئالمىشىشى ۋاقىتلىق توختاپ تۇرىدۇ، ئۇچۇرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن خالىغان بىر كۇنۇپكىنى باسساق، ئۇچۇرنىڭ چىقىشى يەنە داۋاملىشىدۇ. WINDOWS دا بىز WINDOWS بەلگە كۇنۇپكىسى بىلەن PauseBreak كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ باسساق، سىستېما خاسلىقى كۆزنىكىنى چىقىرىشقا بولىدۇ.
Power
بۇ كۇنۇپكا بىلەن كومپيۇتېرنى بىۋاسىتە تاقىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ رولىنى باشلاش تىزىملىكىدىن سىستېمىسىنى تاقىغان بىلەن ئوخشاش. بۇ كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسساق كومپيۇتېر تاقىلىدۇ.
Sleep
بۇ كۇنۇپكا بىلەن كومپيۇتېرنى توك تېجەش ھالىتىگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ رولى باشلاش تىزىملىكىدىن سىستېمىنى ساقلاش ھالىتىگە كەلتۈرگەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ كۇنۇپكا بىلەن كومپيۇتىرنى توك تىجەش ھالىتىگە ئەكېلىپ، كومپيۇتېرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |