دىنوزاۋىرلار---گېئولوگىيە ئىلىمىنىڭ مۇھىم ت
دىنوزاۋىرلار---گېئولوگىيە ئىلىمىنىڭ مۇھىم تېمىسىدۇر
مۇختار قادىر ھونزادە
يەر شارىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخى گېئولوگىيە يىلنامىسى ئارقىلىق ئۆلچىنىشكە باشلىغاندىن بۇيان،ئوتتۇرا ھايات ئىراسىنىڭ كەچكى بور دەۋرىگىچى ياشىغان دىنوزاۋىرلار بىردىنلا ئىنسانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ،مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى.
يەر شارى ئەسلىدە سۇ بىلەن قاپلانغان بىر خىل ئۆچكەن يۇلتۇزدىنلا ئىبارەت بولۇپ،بۇنديىن 4 مىليارت 600 مىليۇن يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن،400مىليۇن يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە دېڭىزدىكى ئومۇرىتقىسىز ھايۋانلارنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنى، 350مىليۇن ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە بېلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنى، 150مىليۇن يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە قوش ماكانلىقلار(بىرلا ۋاقىتتا دېڭىزدىمۇ،قۇرۇقلىقتىمۇ يۈرەلەيدىغان مەخلۇقلار)نىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنى، 70مىليۇن يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ياشاش تارىخىنى، شۇنىڭدىن كىيىن سۈت ئەمگۈچىلەر ۋە ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنى باشتىن كەچۈردى. ئۆمىلىگۈچىلەر دەۋرىدە ياشىغان ھايۋانلار ئومۇمەن گۆشخورلار ۋە ئوتخورلار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ،ئۇزۇنلىقى 20-30مېتىر،ئىگىزلىكى ئون نەچچە مېتىر،ئېغىرلىقى 30-40توننا كېلەتتى. بولۇپمۇ ئوتخور(چۆپخور) دىنوزاۋىرلار ناھايىتى يوغان بپلغاچقا،50-60توننا كېلىدىغانلىرىمۇ بار ئىدى. مانا شۇ دىنوزاۋىرلار(يورا،بور دەۋرىگە مەنسۇپ ئۆمىلىگۈچى مەخلۇقلار،كەسلەنچۈكلەر) يەر شارى ھەركىتىنىڭ غايەت زور ئۆزگۈرۈش ياسىشىغا ماسلىشالماي،بارا-بارا ئۆلۈپ تۈگەشتى ۋە قاتما جىنىسلارغا ئايلىنىپ،گېئولوگىيە لىك ھۆكۈمنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى. گەرچە ئۇلارنىڭ يۇمشاق تېنى چىرىپ تۈگىگەن بولسىمۇ،سۆڭەك-قاسراقلىرى تەدرىجى تاشقا ئۆزگىرىپ ئىسكىلىت ھالىتىدە قېلىۋەردى. نەتىجىدە ئالىملار ئۇلارنىڭ ئومۇرىتقا سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە ئايلانمىسىغا قاراپلا،ئېغىرلىقىنى ھېساپلاپ چىقىپ،قانچىلىك ئوزۇقلۇق يەيدىغانلىقىنى،شۇ ئورۇننىڭ ئوت-چۆپ بايلىقىنى،تىمساھ،كەسلەنچۈك قاتارلىق ھەمرا جانلىقلارنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى،شۇنداقلا ئۇ جاينىڭ جىلغا ياكى ئورمانلىق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايدىغان بولۇشتى.
ئۇنداقتا ، بۇ خىل غايەت زور ھايۋانلار(دىنوزاۋىرلار)قانداق يوقۇلۇپ كەتكەن؟
بەزى ئالىملار بور دەۋرىدە نامائەلۇم بىر سەييارە(يۇلتۇز) يەر شارىغا قاتتىق سوقۇلغانلىقتىن، كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزان قۇياش نۇرىنى توسىۋالغاچقا،دىنوزاۋىرلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن دەپ قارىسا، يەنە بەزى ئالىملار ھېمالايا تاغ ھەركىتى (ئىگىزلىك-تاغلارنىڭ كۆتۈرىلىش ھەركىتى)نىڭ ئالدى-كەينىدە تېنپېراتۇرا بىردىنلا ئۆرلەپ كېتىپ، ئوزۇقلۇق مەنبەلىرى قۇرۇپ كەتكەچكە، ئاچلىقتىن تۈگەشكەن دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر تاشپاقا،تىمساھ قاتارلىق ھەمرا جانلىقلارنىڭ ھازىرغىچە ياشاۋاتقانلىقىغا قاراپ،يۇقۇرىقى قاراشنى رەت قىلىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، دىنوزاۋىرلار بور دەۋرىنىڭ ئاخىرقى 300مىڭ يىلىغا قەدەر يەر شارىدا مەۋجۇت بولغان.بۇنى ئامېرىكا قەدىمكى قانلىقار ئالىمى سىرون دوكتۇر 65مىليۇن يىل ئىلگىرىكى دىنوزاۋىرلارنىڭ تاشقا ئايلانغان چىشىدىكى ئېرېدىيلىق توپا قەۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تولۇق ئىسپاتلىدى.
يەر پوستىنىڭ ھەممە جايلىرىدىن (جەنۇبىي ئامېرىكا،ئىتالىيە ئارىلى،ھىندى ئوكيان قىرغاقلىرى،پىرو ۋە جوڭگو قۇرۇقلۇقى قاتارلىق ئورۇنلاردىن) دېگۈدەك قەدىمكى دىنوزاۋىرلارنىڭ قاتمېسى تېپىلدى. جۈئۈملىدىن ئانا ماكانىمىز شىنجاڭدىنمۇ ئىككى خىل تىپلىق دىنوزاۋىرلار قېزىۋېلىندى. جىمسار،گۇچۇڭ قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان دىنوزاۋىرلارنىڭ سانى 70تىن كۆپرەككە يەتتى. يەنە 100مىليۇن يىل ئىلگىرىكى ئۈچ بوغۇملۇق چوڭ قۇرۇت،200مىليۇن يىل ئىلگىرىكى دېڭىز قۇلۇلىسى قاتارلىق تاشقا ئايلانغان قالدۇقلار جوڭغار،تەڭرىتاغ،تەكلىماكان رايۇنلىرىدىن تېپىلدى.مانا بۇ ئالامەتلەردىن جوڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئەسلىدىنلا ھىلال ئاي شەكلىدىكى دېڭىز قىرغېقى ئىكەنلىكى،تەڭرى تاغلىرى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ تار ۋە ئۇزۇن كەتكەن دېڭىز بوغېزى بولغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.
ئۆسۈملىك ۋە جانلىقلار قاتمېسى يەر شارى ھەركىتىنىڭ چەكسىز تارىخىنى بىلىشتە كەم بلسا بولمايدىغان<<كىتاپ>> بولغىنىغا ئوخشاش،دىنوزاۋىرلار قالدۇقلىرىنىڭ قاتمېسىمۇ تېپىشماقلارنى يېشىدىغان <<قامۇس>>تۇر.
بۇ ماقالە ئەسلىدە <<جەنۇبىي شىنجاڭ نېفىت گېزىتى>>،نىڭ 1989-يىل 18-مارتتىكى سانىغا بېسىلغان
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |