تاكسىلارنى كىم ھەيدەيدۇ
بىر ئايال مەكتەپتىن قايتقان قىزىنى ئېلىپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ . ئانا-بالا مەلۇم بىر كوچىدىن ئۆتكەندە يول بويىدا يۈز-كۆزلىرىنى بوياپ ، بىر يەرلىرىنى غۇۋا ئېچىپ تۇرغان بىر نەچچە قىزلارنى ئۇچرىتىپتۇ ، بۇ « سودىگەر » قىزلارنى كۆرگەن كىچىك قىز ئانىسىدىن سوراپتۇ:
- ئانا ، ئاۋۇ قىزلار يولنى بويىدا چىرايلىق ياسىنىپ نىمە قىلىدۇ؟
قىزىنىڭ سەبىي قەلبىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ، ئانا قىزىغا مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:
- ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىرىنى ساقلاۋاتىدۇ قىزىم
بۇنى ئاڭلىغان كوت-كوت شوپۇر : « كۈلگۈمنى كەلتۈرمىڭە ، ھەممە ئادەم بىر قاراپلا بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ پاھىشە ئىكەنلىكىنى..» دەپ ئانىنىڭ گېپىگە قوشۇق ساپتۇ ، بۇنى ئاڭلىغان ئانا شوپۇرغا قاتتىق ھومۇيۇپ قاراپ قويۇپتۇ ، ئۇنىڭ قىزى داۋاملىق سوراپتۇ:
- ئانا ئۇلار بالا تۇغامدۇ؟
ئانا چىرايىنى ئۆزگەرتمەي جاۋاب بېرىپتۇ: « تۇغىدۇ قىزىم،بولمىسا تاكسىلارنى كىم ھەيدەيدۇ...»
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |