ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
مېنى ئۆيلەپ قۇيۇڭلا بولمىسا .......


مېنى ئۆيلەپ قوي، بولمىسا...


 

-ئاينىڭ -كۈنى كەچ سائەت توققۇزلار بولغان چاغ ئىدى، سەمەت ئېتىزلىقتا سۇ تۇتۇۋاتاتتى، شۇ ئارلىقتا ئۇنىڭغا گۈجەك لازىم بولۇپ قېلىپ ئۆيگە ماڭدى، ئۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىختىيارسىز قەدەملىرى توختاپ قالدى .
-ھىم، بۇ كەچتە ئۆيگە كىرگە كىمدۇ؟ ئۇ دەرگۇمان بولۇپ ئىشىكنى ئېچىپ ئىچكىركى ئۆيگە كىردى ۋە كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ غەزەپتىن تىترەپ كەتتى، ئۇ ئەزەلدىن ئايالىنى بۇنداق ئىش قىلار دەپ ئويلىمىغان ئىدى، بۇ ئايالى سامساقگۈل قوشنىسى تۇرغۇن بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ ئولتۇراتتى
-سەن دوپپامغا جىگدە ساپسەن، ئەمدى خوتۇنۇم ماڭا قارا بولۇپ قالدى، ئۇ ئەمدى ئەمرىمدە يوق، سەن مېنى ئۆيلەپ قوي-سەمەت شۇنداق دېگىنىچە تۇرغۇنغا ۋارقىرىدى.
ئۇلار سەمەتنىڭ كىرىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، سامساقگۈل قورقىنىدىن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى،بىردەمدىن كېيىن تۇرغۇن پۇرسەت تېپىپ قېچىپ كەتتى ۋە شۇ قاچقىنىچە كېۋەزلىككە مۆكۈۋالدى .
-بۈگۈن سەنلەردىن ھىساب ئالمىسام سەمەت بولماي كېتەي، قوپە نومۇسسىز-سەمەت شۇنداق دىگىنىچە سامساقگۈلنى ئالدىغا سېلىپ ئېتىزلىق تەرەپكە ماڭدى ، ئۇ كېۋەلىككە كېلىپ :
-ھەي نومۇسسىز ئەبلەخ ، ئوغۇل بالا بولسا بۇياققا چىق-دەپ ۋارقىرىدى، سەمەتنىڭ گېپى تۇرغۇننىڭ غورۇرىغا تەگدى بولغاي،يۇشۇرنىۋالغان جايىدىن چىقىشقا مەجبۇر بولدى، سەمەت تۇرغۇننى ئايالىنىڭ يېنىغا تۇرغۇزۇپ:
-ئېيتىش، ئىككىڭ قاچاندىن بېرى دوپپامغا جىگدە سېلىپ يۈردۈڭ؟ بۇرۇن بولغان ئىشلارنى قويماي ئېيىت -دېدى
-بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا بۇرۇن ھېچقانداق ئىش بولمىغان سىزگە قەسەم قىلاي-دېدى تۇرغۇن تىترەپ تۇرۇپ.
-قۇرۇق گەپ ئىشقىلىپ ئەمدى بۇ خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتقىچىلىقىم قالمىدى ، مېنى ئۆيلەپ قوي .
-سىزنى ئۆيلەپ قويغۇدەك پۇلۇم يوق تۇرسا،دېدى تۇرغۇن ، سەمەت ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ غەزەپلەندى ۋە پىچىقىنى چىقىرىپ تۇرغۇننىڭ قورسىقىغا تىقتى .ئارلىقتىن پىچاقنى ئايالغا شىلتىدى . تۇرغۇن قورسىقىنى تۇتقىنىچە قېچىپ كەتتى .
مەھەللىدىكى كىشلەر ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئاستا-ئاستا ئۆيلىرىدىن چىقتى . سامساقگۈلنىڭ بىلىكى يېنىك يارىلاندى ، تۇرغۇن قېچىپ خامانلىقنىڭ يېنىغا بارغاندا بولالماي يېقىلدى - دە جان ئۈزدى ، ۋەقەنى كۆرگۈچىلەر دەرھال كۇچا ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى چىمەن ساقچىخانىسىغا دىلو مەلۇم قىلدى . ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ سەمەتنى قولغا چۈشۈردى ، ئەتىسى جىنايەت گۇماندارى سەمەت كۇچا ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن قاتتىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە توختىتىپ قويۇلدى .-ئاينىڭ - كۈنى كۇچا ناھىيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى .


 

(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى )


 

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203