ھەق - تەلەپ جاۋاپكارلىقى
دۆلتىمىزنىڭ ھەق - تەلەپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھەق - تەلەپ جاۋاپكارلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ.
- توختامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ھەق - تەلەپ جاۋاپكارلىقى :
توختام تۈزۈشكۈچىلەردىن بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمىسا ياكى پۈتۈشكەن شەرتلەر بويۇنچە ئادا قىلمىسا ئىككىنچى تەرەپ ئۇنىڭ ئادا قىلىشىنى ياكى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش يۈزسىدىن تەدبىر قوللۇنىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ۋە زىياننى تۆلتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
توختام تۈزۈشكۈچىلەردىن بىر تەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىگەن تۆلىمى ئىككىنچى تەرەپنىڭ تارىتقان زىينى بىلەن باراۋەر بولىشى كېرەك.
- ھوقۇققا دەخلى تەرۈز قىلغانلارنىڭ ھەق - تەلەپ جاۋاپكارلىقى :
() دۆلەتنىڭ ۋە كوللىكتىپنىڭ مال - مۈلىكىنى ياكى باشقىلارنىڭ مال - مۈلىكىنى ئىگەللىۋالغانلار مال - مۈلۈكنى قايتۇرۇش لازىم . مال - مۈلۈكنى قايتۇرالمايدىغانلار باھاغا سۇندۇرۇپ پۇل تۆلىشى لازىم. زىيانغا ئۇچۇرغۇچى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن باشقا زۆرۇر چىقىم تارىتقان بولسا زىيانغا ئۇچراتقۇچى بۇ زىياننى تۆلىشى كېرەك.
() پۇقرالارنىڭ تىنىنى زەخمىلەندۈرگەنلەر زىيانلانغۇچىنىڭ داۋالىنىش راسخوتى، ئىشتىن قېلىش ھەققى، تاماق، كىرا، قارىغۇچىنىڭ ھەققى قاتارلىقلارنى، مىيىپ بولغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى، كۈتۈنىش پۇلى، كىرەكلىك سايمان پۇلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش راسخۇتلارنى تۆلىشى كېرەك. ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغانلار ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلۈم تۆلىمى، دەپىنە خىراجىتى، ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا بېقىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ زۆرۇر تۇرمۇش خىراجىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش راسخۇتلارنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
() مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمىغانلىقتىن باشقىلارنىڭ مال - مۈلىكى ۋە جىسمانى جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىسا شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى قانۇن بويۇنچە ھەق - تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭدا توشۇغۇچىنىڭ ۋە ساقلىغۇچىنىڭ جاۋاپكارلىقى بولسا مەسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى ئۇلارنىڭ زىينىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
() دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش، بۇلغۇنىشتىن ساقلىنىش توغرىستىكى بەلگىلىمىسىگە خلاپلىق قىلىپ مۇھىتنى بۇلغاپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويۇنچە ھەق - تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ھەق - تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
- دەخلى - تەرۈزنى توختۇتۇش.
- توسالغۇنى تۈگۈتىش.
- خەۋىپنى تۈگۈتىش.
- مال - مۈلۈكنى قايتۇرۇش.
-ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
- رىمنۇت قىلىپ بېرىش، يېڭىدىن ياساپ بېرىش، باشقىغا يەڭگۈشلەپ بىرىش.
- زىياننى تۆلەش.
- توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىق پۇلى تۆلەش.
- تەسىرىنى تۈگۈتىش، نام شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
- ناماقۇل بولۇش.
ھەق - تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ يۇقۇرقى شەكىللىرىنى ئايرىم قوللانسىمۇ، بىرلەشتۈرۈپ قوللانسىمۇ بولىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |