توشقان دەرياسىدا بايقالغان جەسەت
بۇ يىل – ئاينىڭ – كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن مىنۇت ئۆتكەن چاغ. ئۇچتۇرپان ناھىيىسى جەمبىزىم سۇ باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى سەمەت توشقان دەرياسىنىڭ جەمبىزىم سۇ باشقۇرۇش –ئايرىش بۆلىكىدىكى توغاننى ئېچىشىغا، نەرسە قاچىلانغان بىر سۇلياۋ تاغار ئېقىپ چىقتى. بۇنى كۆرگەن سەمەت خادىملارغا تاغارنى سۈزۈپ چىقىشنى بۇيرۇدى. ئۇلار تاغارنى سۈزۈپ چىقىش جەريانىدا ئىچىدە جەسەت بارلىقىنى بايقاپ، سەمەتكە خەۋەر قىلدى.سەمەت بۇ ئىشنى دەرھال ساقچىخانىغا مەلۇم قىلدى.ساقچىخانىدىكىلەر بۇ دېلونى ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىگە مەلۇم قىلدى.
ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈن، سىياسىي كومىسسارى پەرھات نىياز دېلو ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال رازۋېدكىچى ۋە تېخنىكىلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا كەلدى.ئارقىدىنلا بدېلودىن خەۋار تاپقان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ زۇسەي، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ پىڭ، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى دۈەن شياۋچۈن قاتارلىقلارمۇ نەق مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭدىنك ېيىن كىشىدىن تەركىب تاپقان « - ماي» مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ تەكشۈرۈش باشلاندى.
ئۆلگۈچى كىم؟
جەسەت ئىككى تاغارغا سېلىنغان بولۇپ، كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى سېمونت پارچىسى ۋە تاشقا باغلانغان، بېشى جېنىدىن جۇدا قىلىنغان ئىدى.جەسەتنىڭ بېشى بولمىغاچقا، تونۇش مۇمكىن بولمىدى.قانۇن دوختۇرىنىڭ جەسەتنى تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، ئۆلگۈچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا تەخمىنەن كۈن بولغان ئىدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنە جەسەت بايقالغان ئورۇننىڭ بىرىنچى نەق مەيدان ئەمەسلىكى دەسلەپكى قەدەمدە دەلىللەندى.
رازۋېدكىچىلار نەق مەيدان ئەتراپى، ئاچتاغ، ئىماملىرىم يېزىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدى. گۇمانلىق دەپ قارالغان گە يېقىن ماتورلۇق، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈردى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئاممىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە سەپەرۋەر قىلدى، ج خ تورىدا ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى.
– ئاينىڭ – كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئايال ج خ ئىدارىسىگە كېلىپ جەسەتنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئېرى ئەنۋەر ( ياش) ئىكەنلىكىنى تونۇدى ۋە ئېرىنىڭ سادىق ( ياش)، ئەخمەت قاتارلىقلار بىلەن شېرىكلىشىپ كۆكتات تىجارىتى قىلىدىغانلىقى، سادىقتىن باشقا شېرىكلىرىنىڭ ھازىر ئاقسۇدا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئاسماندا تور، يەردە قاپقان
رازۋېدكىچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق سادىقنىڭ – ئاينىڭ – كۈنى تېلېۋىزوردا جەسەتنى تونۇۋېلىش ئېلانى بېرىلگەندىن كېيىن غايىب بولغانلىقى، سادىقنىڭ خوتۇنى سالامەتخاننىڭمۇ – ئاينىڭ -كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېرى بەرگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنلا يوقاپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى.
رازۋېدكىچىلار سادىق ئەر –خوتۇننىڭ دېرىكىنى قىلىۋاتقاندا، سادىق بىلەن بىرگە تىجارەت قىلىدىغان بىرەيلەن ئۇنىڭ ئۆزىگە ئۈرۈمچىدىن تېلېفون بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىناين ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بەش رازۋېدكىچىدىن تەركىب تاپقان قوغلاپ تۇتۇش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ سادىقنىڭ قىرغىزىستانغا چىقىش ئۈچۈن ۋىيزا ئىزدەپ يۈرگەنلىكىدەك يىپ ئۇچىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن رازۋېدكىچىلار نىشاننى سالامەتخانغا قارىتىپ، ئۇنى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدىن قولغا چۈشۈردى.سوراق جەريانىدا ئۇ ئېرىدىن كەلگەن «ئۆزۈڭنى چەتكە ئال»دېگەن مەزمۇندىكى تېلېفوننى قوبۇل قىلىپلا يوشۇرۇنغانلىقىنى، تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يالغاندىن كېسەل بولۇۋېلىپ سوراقتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، « – ماي» مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى پەرھات نىياز تۆت رازۋېدكىچىدىن تەركىب تاپقان قوغلاپ تۇرۇش گۇرۇپپىسىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ سادىقنى ئىزدەپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. – ئاينىڭ – كۈنى قوغلاپ تۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى رازۋېدكىچىلار بايىنغولىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىدىكى رازۋېدكىچىلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن سادىقنى كورلا شەھىرىدىكى يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن قولغا چۈشۈردى.
يېشىلگەن سىر
سادىق بۇلتۇردىن باشلاپ ئاقسۇ شەھىرىدە ئەنۋەر ۋە باشقا ئىككى شېرىكى بىلەن بىرلىشىپ كۆكتات تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ يىلى – ئايدا سادىق خوتەنگە كۆكتات ئالغىلى كەتكەندە، ئەنۋەرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، خوتۇنى سالامەتخاننى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئاقسۇدا كۆكتات سېتىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. شۇ جەرياندا ئەنۋەر بىلەن سالامەتخان «چىقىشىپ» قالغان.
– ئاينىڭ – كۈنى سادىق ئۆيىگە تۇيۇقسىز قايتىپ كېلىپ خوتۇنى سالامەتخان بىلەن ئەنۋەرنىڭ ئاشنىدارچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ ئەنۋەرنى ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ دەسمايىسىنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ھۆججەت يازدۇرۇۋالغا. كېيىن سادىق ئەنۋەرگە بىر قانچە تېلېفون بېرىپ، پۇللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتقان، لېكىن ھەر قېتىم ئۇنىڭدىن قايتۇرىدىغان پۇلىنىڭ يوقلۇقى، نوچى بولسا سوتقا ئەرز قىلىشى توغرىسىدىكى جاۋابقا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن سادىق ئەر – خوتۇن ئىككىسى ئەنۋەر بىلەن «ئايرىم ھېساب – كىتاب قىلىش» نى پىلانلىغان.
– ئاينىڭ – كۈنى سالامەتخان ئەنۋەرگە تېلېفون بېرىپ كۆرۈشۈشنى ئېيتقان. ئۇ ئىككىيلەن ئەنۋەرنىڭ كۆكتات ئىسكىلاتىدا بىللە ئولتۇرۇپ ئىككى – ئۈچ سائەت مۇڭداشقان. شۇ ئارىلىقتا ئەنۋەر سىرتقا چىقىپ كەتكەن، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان سالامەتخان ئۇنىڭ چېيىغا ئۇيقۇ دورىسى سېلىۋەتكەن. ئەنۋەر قايتىپ كىرىپ چاينى ئىچىپلا ھوشسىزلىنپى يىقىلغان. سىرتتا كۈتۈپ تۇرغان سادىق ئۇنى ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتقا سېلىپ ئاقباغ يېزىسىدىكى ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ ئەنۋەرنىڭ پۇت – قولىنى باغلاپ قويغان.
ئەنۋەر ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن سادىق پۇلىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، ئەنۋەر:
-مېنى باغلاپ قويۇپ بىر موچەن ئالىمەن، دېمە، ساڭا بېرىشىممۇ يوق، ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلىمەن، - دېگەن.
- ئۆلۈم بۇرنۇڭغا پۇراپ تۇرسىمۇ چوڭ گەپ قىلىسەنغۇ؟ - سادىق شۇنداق دېگىنىچە سىرتتىق بىلەك توملۇقىدىكى كالتەكنى ئېلىپ كىرىپ، ئەنۋەرنى ئارقا – ئارقىدىن تۆت كالتەك ئۇرغان. ئەنۋەر يېرىم سائەت جان تالىشىپ ياتقاندىن كېيىن، سادىق تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇ ئارىلىقتا ئۇ ئاكىسى توختىغا تېلېفون بېرىپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلمەسلىكنى ئېيتقان، ئاندىن ئەنۋەرنىڭ جەسىتىنى ئۆستەڭنىڭ بويىغا ئېلىپ بېرىپ يانچۇقىدىكى پۇللىرىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، جەسەتنىڭ بېشىنى كەسكەن.باش تولۇق كېسەلمىگەندە، سالامەتخاننى كەكە ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇغان ۋە سالامەتخان ئېلىپ چىققان كەكە بىلەن ئەنۋەرنىڭ بېشىنى چاناپ ئۈزۈۋەتكەن.
ئارىدىن ئالتە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سادىق ئەنۋەرنىڭ جەسىتىنىڭ ئۆستەڭدىكى بىر سۆگەتكە ئىلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ كېچىسى ئۇنىڭ جەسىتىنى ۋە بېشىنى سۈزۈپ چىققان. ئۇ جەسەتنى يالغۇز يۆتكىيەلمىگەچكە ئاكىسى توختىنى چاقىرىپ بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، ئۆزىگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.توختى قوشۇلغاندىن كېيىن ئۇلار بىرلىكتە جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن.
– ئاينىڭ – كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارلىرى سادىق بىلەن سالامەتخاننى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى بىلەن، توختىنى جىنايەتنى قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.
(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |