ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
نەپسى دېگەن بالاكەن، ھەر كويلارغا سالاركەن


نەپسى دېگەن بالاكەن، ھەر كويلارغا سالاركەن


 

بۇلتۇر – ئاينىڭ – كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىلەر بولغان چاغ. ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ۋوگزال ئەتراپىدىكى مەلۇم بىر تورخانىنىڭ ئارقا ئىشىكى.
ئابدۇرۇسۇل يېڭىلا تۇتاشتۇرغان تاماكىسىنى قېنىپ – قېنىپ ئىككى شورىۋالغاندىن كېيىن، يېنىدا تۇرغان لو يۈنتاڭغا تۇتقۇزدى.
تورخانىنىڭ ئارقا ئىشىكى خالىي جاي ئىدى، بۇ يەرگە تورخانىغا كىرىپ چىقىدىغانلارنى ھېسابقا ئالمغىاندا ئانچە كۆپ ئادەم كەلمەيتتى. بۇ جاي تاماكا چېكىش ۋە موڭدىشىشقا قۇلايلىق بولغاچقا، ئابدۇرۇسۇل بىلەن لويۈنتاڭ بۇ جايدا دائىم دېگۈدەك بىر تال تاماكىنى نۆۋەتلىشىپ چەككەچ مۇڭدىشىپ قالاتتى. لېكىن ئۇلار بۈگۈن سەھەردە موڭدىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر شۇم نىيەت بىلەن بۇ يەرگە كەلدى.
ئۇلار كېچىچە كومپيۇتېرغا قاراۋېرىپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى زورىغا ئېچىپ سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتى، سائەت سەككىزلەردە ئىشىك ئېچىلىپ تورخانىدىن ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا قىزىرىپ ئىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئۇۋلىغىنىچە چىقتى. ئابدۇرۇسۇل ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ:
- ھۇ ھارىمى، پۇل چىقىرە، - دەپ ھۈرپەيدى.
- پۇلۇم يوق، بايا ...، - ئۇ گېپىنى تۈگەتمەيلا ئابدۇرۇسۇلدىن بىر مۇشت يېدى.
ئابدۇرۇسۇل بىلەن لويۈنتاڭ ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ ھېچ نەرسە تاپالماي ئۇنى ئۇردى. بالا يىغلىغان پېتى ئالدى – كەينىگە قارىماي بەدەر قاچتى. ئۇلار بۇ يەردە يەنە «ئولجا» كۈتۈپ ئولتۇرۇۋىدى، تورخانىدىن ئون نەچچە ياشلاردىكى بىر بالا چىقتى. ئابدۇرۇسۇل ئورنىدىن تۇردى – دە، ئۇنى ياقىسىدىن تۇتۇپ تامغا تىرىدى ... بۇ قېتىم تورغا چىقىش كارتىسىدىن بىرسى قولغا چۈشتى. ئۇلار بۇ «تۇنجى غەلىبىسىدىن خۇشال بولۇپ قېن – قېنىغا پاتماي قېلىشتى، ئەمەلىيەتتە ئۇ كارتىدا تۆت يۈەنلا بار ئىدى.
ياشقار كىرگەن ئابدۇرۇسۇل تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇشتىن توختىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم يۈك توشۇش مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، يۈك توشۇپ تاپقان ئازغىنە پۇل بىلەن ئائىلىسىنى قامدايتتى، دادىسى ئابدۇرۇسۇلغا ئوبدان ئوقۇش توغرىلىق كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولمىدى. كېيىن ئۆيدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى. دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىرگە ئويناپ يۈردى. كېيىن تورخانىغا ئۆگىنىپ قالدى.
ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئۆزىدىن ئۈچ ياش كىچىك ئىنىسى بولۇپ، ئىسمى ئابدۇسالام ئىدى، «ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ» دېگەندەك ئۇمۇ ئاكىسىنى دوراپ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆيدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي ئوقۇشتىن توختىدى، ئاكىسىغا ئەگىشىپ «مۆجىزاتلار دۇنياسى» بولغان تورخانىغا ئۆگەندى. ئۇلار كۈنلىرىنى تورخانىدا غەبلەت ئىچىدە ئۆتكۈزدى. بۇ جەرياندا ئۇلار شەنشى ئۆلكىسى يۇنجىڭ شەھىرىدىن كەلگەن ياشلىق لو يۈنتاڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى، لو يۈنتاڭنىڭ دادىسى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلۇشتا ئىشلەيتتى. لو يۈنتاڭمۇ بىكارچى بولغاچقا، ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ۋوگزال يېنىغا جايلاشقان بۇ تورخانىغا كۈندە دېگۈدەك كېلەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بۇ بىر نەچچە بىكارچى يېقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ قالدى.
ئىككى – ئۈچ سائەتلىك ئويۇن كېيىنچە ئۇلارنىڭ نەپسىنى قاندۇرالمىدى. ئويۇننىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقاندا پۇلنىڭ تۈگەپ قېلىشى ئۇلارنىڭ كەيپىنى ئۇچۇراتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ كونىلارنىڭ :«نەپسى دېگەن بالاكەن، ھەر كويلارغا سالاركەن» دېگەن گېپى راست ئىكەن، ئۇلار ئەنە شۇنداق ئەرزىمەس نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇلاڭچىلىق يولىنى تاللىدى.
ئۇلار قىسقىغىنە ئون نەچچە كۈن ئىچىدە قېتىم بۇلاڭچىلىق قىلدى. ئىككى قېتىملىق بۇلاڭچىلىقتا ئۇلار ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى، چۈنكى بۇ قېتىم بۇلانغىنى پۇللىرىنى تورخانىدا تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئىدى.
بۇلتۇر – ئاينىڭ – كۈنى ئۇلار قانۇن تورىغا چۈشتى. يىل ئاخىردا ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ بۇلاڭچىلىق جىنايىتىگە سوت ئاچتى.
ئاتىلارنىڭ قولىدا ھۆكۈمنامە تۇراتتى. ئابدۇرۇسۇلغا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئون يىللىق قاماق جازاسى ، قۇرامىغا يەتمىگەن لو يۈنتاڭغا مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى ، ئابدۇسالامغا قۇرامىغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋە بۇلاڭچىلىق جەريانىدا ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، بىر يېرىم يىل كېچىكتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
ئاتىلارنىڭ ھۆكۈمنامىنى تۇتقان قوللىرى تىترەيتتى، بالىلارنىڭ ئەقىلسىزلىكىگە ئەپسۇسلانسا كېرەك، خۇرسىنىپ باشلىرىنى چايقايتتى. ئەمما بۇنىڭغا نېمە ئامال، كىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا شۇ تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ – دە


 

(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203