ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
«خالاستان»دا ئۆلگەن قان

 


 

«خالاستان»دا ئۆلگەن قان


 


ھاياتلىق كەچمىشلىرى كىشىنى بەزىدە تاتلىق – تاتلىق كۈلدۈرىدۇ، يەنە بەزىدە زار – زار قاقشىتىدۇ، يىغلىتىدۇ. ھەر قانداق ئاچچىق ئالدىدىكى يېنىكلىك – شەيتانلىق، ئېغىرلىق – باتۇرلۇق، ئۇلۇغلۇق، قىل سىغماس ھەققىدە شۇكى، ياخشىلىقنىڭ ئۆزىگە يارىشا شان – شەرىپى، مۇكاپاتى بولغىنىدەك يامانلىقنىڭمۇ جازاسى بولماي قالمايدۇ.
– يىلى – يانۋار، قاغىلىق ناھىيىسىدىكى قەھرىتان قىشنىڭ مۇدىھىش سوغۇقى خېلىلا كۈچلۈك ئىدى. كەچ سائەت توققۇزلارغا يېقىنلاشقاندا، ناھىيە بازىرىدا ساتىراشلىق قىلىدىغان ياشلىق ئەختەم ئۆيىگە كېتىۋېتىپ «خالاستان » ئاشخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىۋېدى، ئاشخانا ئۆگزىسىدىن كوچا تەرەپكە تاشلانغان ئوتۇن ئەختەمنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ، ئۇنى چۆچۈتىۋەتتى. ئۆگزىرىدىكى ئوتۇن تاشلىغۇچىنىڭ ئاشپەز مۇتەللىپ ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئەختەم ئاچچىقىغا پايلىماي :«مېنى چۆچۈتىۋەتتىڭ، ئوتۇننى كۆزۈڭگە قاراپراق تاشلىساڭ بولمامدۇ؟» دېگىنىچە بىر بىرى بىلەن جېدەللەشتى. ئاشخانا خوجايىنى ئابدۇكېرىم توختىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە تەربىيە بېرىپ ماجىرانى بېسىقتۇرۇشى بىلەن ئەختەممۇ ئۆيىگە قايتىپ، كەچلىك تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن – زاكۇ بېشىغا كەلدى. ئۇ بۇ يەردىكى كىچىك بازاردا ئىسكەندەر، ئابلىمىت، مۇھەممەت قاتارلىق تونۇشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مۇتەللىپ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقى توغرىسىدا دەرت تۆككەندىن كېيىن «قوشۇن» دىكىلەرنى «خالاستان» ئاشخانىسىنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەلدى. ئاشخانىدا مۇتەللىپ يوق ئىدى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ يەنە – يانۋار يەكشەنبە كەچ سائەت بەشلەردە ئەختەم – زاكۇ تەرەپتىن ئۆيىگە كېتىۋېتىپ، «خالاستان» ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا مۇتەللىپ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. «ئۆچمەن ئۆچمەننى كۆرسە كۆزلىرى چاقناپتۇ» دېگەندەك، مۇتەللىپ ئەختەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى. ئاشخانا خوجايىنى ئابدۇكېرىم توختى:«سەنلەر مېنىڭ تىجارىتىمگە دەخلى قىلىشما» دەپ كايىغاندىن كېيىن تەربىيە بېرىپ جېدەلنى بېسىقتۇردى. ئەمما ئاچچىقنى بېسىۋالالمىغان ئەختەم ئۆيىگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، قىڭراقنى ئېلىپ چىقىپ، ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان مۇتەللىپكە ئاتتى. مۇتەللىپ چەبدەسلىك بىلەن يەرگە ئېڭىشىۋالغانلىقتىن قىڭراق ئۇنىڭغا تەگمىدى. بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مەيدان ئېلىشىش ئەۋجىگە چىقىپ ئاشخانىنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلدى. تاماق يەۋاتقان خېرىدارلارنىڭ بەزىلىرى ئارىغا چۈشۈپ ئۇلارنى ئاجراتتى. يەنە بەزىلىرى پاتپاراقچىلىقتا قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى. ئاشخانا خوجايىنى ئابدۇكېرىم توختى ماجىرانى بېسىقتۇرۇش مەقسىتىدە ئەختەمنى قۇچاقلاپ تۇتۇۋالدى.ئاشخانا مۇلازىمى ئەيسا ئەختەمنىڭ قولىدىكى قىڭرانى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ، يېنىك زەخىملەندۈردى. ئەختەم ئۆزىنى قۇچاقلاپ تۇتۇۋالغان ئابدۇكېرىم توختىنىڭ بېشىغا بىرنى ئۈسسۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن ئاجراپ چىقتى – دە، ئاشخانىدىكى كۆكتات توغرايدىغان پىچاقنى ئېلىپ، ئابدۇكېرىم توختىنىڭ يۈرىكىگە تىقىۋەتكەندىن كېيىن، پىچاقنى تاشلىۋېتىپ، قۇيرۇقىنى خادا قىلدى – دە، ئۆيىگە كىرىۋالدى. ئاشخانىنىڭ ئىچى ۋە سىرتى ئابدۇكېرىم توختىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالدى. ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغاندا يول ئۈستىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. دېلو مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، ج خ ساقچىلىرى قاتىل ئەختەمنى ئۆيىدىن تۇتتى. ئۆتكەن يىلى – يانۋار ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنىپ، – ئىيۇن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلدى ھەمدە ئۆلگۈچىنىڭ دەپنە راسخوتى، ئۆلۈم تۆلىمى، ئۈچ پەرزەنتىنىڭ بېقىلىش، تەربىيىلىنىش راسخوتى قاتارلىقلار ئۈچۈن ئومۇمىي مىڭ يۈەن تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىندى.


 

(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203