ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ياراشمىغان نەسىھەت باستى ئۇنى پالاكەت

 


 

ياراشمىغان نەسىھەت باستى ئۇنى پالاكەت


 


_كەل دوستۇم، تازا ۋاقتىدا كەلدىڭ.
- ساقلىتىپ قويدۇم، كەچۈرۈڭلار.
- ھېچقىسى يوق.
- خىزمىتىڭ قانداقراق؟
- ھەر ھالدا يامان ئەمەس.
ھاكى باتۇرنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ بىر قىز بىلەن ئولتۇراتتى.
- خوش، بۇ دوستۇمنى ساڭا تونۇشتۇرۇپ قوياي، ئىسمى لى خۇا ( ياش). ئاداش ئۆزۈڭۇ بىلىسەن، مەن بىر بىكارچى، بىكارچىلىقنىڭ كۈنى بىھۇدە، مەنىسىز ئۆتۈدىكەن. بۈگۈن ئىككىڭلارنى ماڭا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچىشىپ بېرەمدىكىن ، دەپ چاقىرتتىم، ئىچ پۇشۇقۇمنى مۇشۇنداق چىقارمىسام بولامدۇ، - دېدى باتۇر شىرەگە يەل – يېمىشلەرنى تىزغاچ.
بۇ سۆزدىن كېيىن ئىچىش باشلاندى. باتۇر ھاراقنى بېلىق كۆزى قۇيۇپ:
- دوستلۇقىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن خوشە – دەپلا ئىچىۋەتتى.
ئۇ ئىككىنچى قېتىم قۇيۇلغان ھاراقنى ھاكىغا تەڭلىدى. ھاكى رومكىنى ئېلىپ باتۇرنىڭ پاخپايغان چاچلىرىغا، خۇنۇكلەشكەن كۆزلىرىگە قاراپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى:
- سەنمۇ كەچكىچە «ئۈزۈم پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرۇۋەرمەي ئىش تېپىپ ئىشلىگىن. قارا تۇرقۇڭنى، ئۆزۈڭنى بۇنچىۋالا تاشلىۋەتمە، مەدىكارچىلىق قىلساڭمۇ تۇرمۇشۇڭنى قامدىيالايسەن.
- دېگىنىڭ توغرا ، - دېدى باتۇر، - لېكىن پۇل بولمىسا نېمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ؟ چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتكۈم بار، كىچىك ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولغۇم يوق.
- چوڭ ئىشمۇ كىچىك ئىشتىن باشلىنىدۇ، ئىرادەڭ بولسىلا، ھەممە ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايسەن ...
ئۇلار شۇ تەرىقىدە تالاش – تارتىش قىلىشتى، ئۇلار ھاراقنى خېلىلا كۆپ ئىچىشتى. ھاكى ئاخىرقى نۆۋىتىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن باتۇرغا:
- ئولتۇرۇۋەرسەم سەن بىلەن قىزىرىشىپ قالغۇدەكمەن، مەن قايتاي، ئىككىڭلار ئالدىرىماي ئىچىڭلار، - دەپلا دەلدەڭشىگىنىچە ئۆيدىن چىقتى.
باتۇر ھاكىمنىڭ دېگەنلىرىنى ئويلىغانسېرى جۇدۇنى ئۆرلىدى :«ئۆزىنى چاغلىماي ماڭا تەربىيە بېرىپ كەتكىنىنى قارا، ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلىدىم، دەپ ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان ئوخشىمامدۇ بۇ ؟ ئادەم نېمە دەپ ياشايدۇ، ئەتىدىن كەچكىچە جاپا تارتىپ ئەمەس، بەلكى يەپ – ئىچىپ، ئويناپ، كۈلۈش ئۈچۈنغۇ؟ خۇدايىمنىڭ ماڭا بىر كۈنى ئوڭ كۆزىدە قارىشىنى تىلەپ يۈردۈم، خەپ، شۇ كۈن يېتىپ كەلسە بۇ نېمىنڭى ئەدىپىنى تازا بىر بېرىپ قويمىسام ...»
باتۇر ئاخىرقى رومكىنىمۇ «خوشە» دەپلا كۆتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭ كۆزى لى خۇانىڭ مايكىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۆكسىگە چۈشتى – دە، ۋۇجۇدىدا ئىللىق بىر سېزىم پەيدا بولدى. ئۇ سۈرۈلۈپ كېلىپ لى خۇانىڭ قولىنى تۇتى. لى خۇا:
- ئۇنداق قىلماڭ، نېمە قىلىق بۇ؟ ... – دەپ قاپىقىنى تۈرۈپ قولىنى بوشىتىشقا ئۇرۇندى.
- كۆزۈمگە ھۆر – پەرى كۆرۈنۈۋاتىسىز، سىزدىن ئۆتۈنەي، مېنى رازى قىلىپ قويۇڭ ...
ئۇ لى خۇانى كۈچەپ تارتىپ ، بىر نەچچىنى سۆيۈۋالدى.
لى خۇا ئۇنى غەزەپ بىلەن ئىتتىرىۋەتتى. شۇ چاغدا شىرەدىكى ئىستاكان يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئەسەبىيلەشكەن باتۇر يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ لى خۇانىڭ گېلىغا تەڭلەپ تۇرۇپ:
-ئۈنۈڭنى چىقارغۇچى بولما، بولمىسا جېنىڭنى ئالىمەن كىيىملىرىڭنى سال – دەپ ئۇنىڭغا تەھدىت سالدى.
لى خۇا نائىلاج كىيىمىنى سېلىشقا مەجبۇر بولدى...
ئەتىسى لى خۇا ج خ ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلدى. جىنايەت گۇماندارى باتۇر بۇلتۇر – ئاينىڭ – كۈن باسقۇنچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىندى.
يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار باتۇرنىڭ باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسى بەردى.


 

(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203