‹‹ ھالاكەت ئۇۋىسىدىن›› قۇتۇلغان قىزلار
كاتتا مېھمانسارايدىكى رەسۋاچىلىق :
– يىل – ئاينىڭ – كۈنى يېرىم كېچە، ۋۇخەن شەھىرىدىكى «ئەنخۇا» مېھمانسارىيىنىڭ ئالىي خانىسىدىكى قوش كىشىلىك كارىۋاتتا بىر قىز ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ياتاتتى.قىزنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگەن، چۇۋۇلغان چاچلىرى ياستۇققا يېيىلغان بولۇپ، شىشىدەك سۈزۈك بەدىنى بىلىنەر –بىلىنمەس تىترەۋاتاتتى.قىز تۇيۇقسىز بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى. «مەن نېمە دېگەن دۆت – ھە، دۆتلىگىمدىن ئۇ قارانىيەتلەرنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ يۇرتۇمنى، بەختىيار تۇرمۇشۇمنى تاشلاپ ياقا يۇرتتا ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتىمەن، ئاھ خۇدا، بۇندىن كېيىنكى كۈنلىرىم ئىپپەت – نومۇسۇمنى سېتىش بىلەنلا ئۆتەرمۇ؟ بۇ ئىشلاردىن قاچانمۇ قۇتۇلارمەن؟» دېدى ئۇ ئۆز – ئۆزىگە. ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى ئۇنى سەگەكلەشتۈردى. ئۇ يېڭى مېھماننى كۈتۈشكە چىقىش كېرەكلىكىنى بىلىپ كىيىملىرىنى كىيدى – دە، ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى ...
قارا نىيەتلەرنىڭ دامىغا چۈشكەن قىزلار
– يىل – ئاينىڭ – كۈنى. ھەر ئاينىڭ مۇشۇ كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئايشىگۈلنىڭ ئايلىقىنى ئالىدىغان كۈنى ئىدى.ئايشىگۈل زاۋۇتتا بىر ئاي تولۇق ئىشلىسە يۈەن ھەق ئالاتتى، ئۇ زاۋۇتتا تارتقان جاپاسىغا چۇشلۇق تاپقان پۇلىنىڭ ئازلىقىدىن ئەپسۇسلانسىمۇ، ھەر ھالدا ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشاۋاتقانلىقىدىن خۇش ئىدى.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئايشىگۈل ھۇجرىسىغا كىرىپ كىتاب كۆرمەكچى بولدى.دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ يانفونى سايراپ كەتتى.تېلېفوننى ئۇنىڭ دوستى گۈلبانۇم بەرگەنىدى.گۈلبانۇم تېلېفوندا ئۇنىڭغا ئېيتىدىغان مۇھىم سۆزىنىڭ بارلىقىنى، ھازىرلا ئۆيىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر ھازادىن كېيىن كەلگەن گۈلبانۇم ئايشىگۈل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن گەپ باشلىدى:
-جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن جېنىم دوستۇم، قارا، ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ كېتىپسەن، زاۋۇتتا قۇلدەك ئىشلەپ تاپقان ئازغىنە پۇلۇڭ نېمىگە يېتەتتى؟ ساڭا دېسەم، باشقا جايدا جاپا تارتماي ئىشلەپمۇ ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ پۇل تاپالايسەن.
- شۇنداقمۇ؟ غۇلجىدا بىز ئىشلىگۈدەك ئۇنداق ئوبدان ئورۇن نەدە بار دەيسەن، ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئوبدان يەر بولسا، مېنى تونۇشتۇرۇپ قويغىنە ، - دېدى ئايشىگۈل قىزىقىپ.
-بۇ يەردە دېمىدىم، ئىچكىرىدە دەۋاتىمەن، تۇرنىسا ئىسىملىك بىر تونۇشۇم بار، ئۇنىڭ قىزى ئىچكىرىدىكى مەلۇم رېستوراندا ئىشلەيدۇ، ئايدا يۈەن مائاش ئالىدىكەن. ئۇ ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، رېستوراننىڭ ئىشى ئېغىر ئەمەسكەن.ئۆزۈڭ ئويلاپ باق، بۇ يەردە جاپا تارتىپ ئىشلەپ ئايدا ئاران بىر قۇر كىيىم سېتىۋېلىشقا يەتمەيدىغان پۇل تاپقىنىڭدىن ئىچكىرىدە تۇتام –تۇتاملاپ پۇل تاپقىنىڭ ياخشى ئەمەسمۇ، ئەگەر بۇ ئىشقا قىزىقساڭ، ماڭا تېلېفون بەر، سېنى تۇرنىسا دېگەن ئايالغا تونۇشتۇرۇپ قويىمەن.
ئايشىگۈل گۈلبانۇمنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ «ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى راستمىدۇ؟ ئۇ يەرلەرنىڭ راستىنلا ئىشى ئاسان، پۇلى ئوبدانمىمۇ؟ بولمىسا تەۋەككۈل قىلىپ باقمامدىم، ئىشقىلىپ دۇرۇس يول بىلەن پۇل تاپساملا بولدىغۇ» دەپ ئويلىدى ھەم بۇ ئويىنى نەۋرە سىڭلىسى گۈلىگە ئېيتىپ ئۇنىمۇ بىرگە بېرىشقا كۆندۈردى.
ئەتىسى ئۇلار گۈلبانۇم بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، گۈلبانۇم ئۇلارنى تۇرنىسانىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى.تۇرنىسا ياشتىن ئاشقان، قارامتۇل كەلگەن ئايال بولۇپ، ئۇ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەم قىزىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئىشلەپ نۇرغۇن پۇل تاپقانلىقىنى، ھازىرمۇ شۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلىقىنى، يېقىندا ئۆزىنىڭ ۋۇخەنگە بارىدىغانلىقىنى، ئەگەر بارغۇسى كەلسە بىللە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۇرنىسانىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى ۋە «سەمىمىي» لىكىدىن ئايشىگۈل بىلەن گۈلىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن قىلغان گۇمان ۋە ئەندىشلىرى يوق بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ – ئاينىڭ – كۈنى يولغا چىقماقچى بولۇشتى.
– ئاينىڭ – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەردە تۇرنىسانىڭ ئىنىسى ئەيسا شىخۇ شەھەرلىك ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىدە تۇرنىسا، ئايشىگۈل ۋە گۈلىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ھەم شۇ كۈنىلا ئۇلار بىلەن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقتى.ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئەيسا ئاپتوبۇستىن چۈشۈپلا ۋوگزالغا بېرىپ ۋۇخەنگە قاتنايدىغان پويىز بېلىتى سېتىۋالدى. ئايشىگۈل يولدا تۇرنىسا بىلەن ئەيسانىڭ بەزىدە پىچىرلىشىپ نېمىلەرنىدۇر مەسلىھەتلىشىۋاتقانلىقىنى، پات –پات بىرسىگە يوشۇرۇنچە تېلېفون بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى – يۇ، ئارتۇقچ ئويلاپ كەتمىدى.
-ئۈرۈغمچىدە پەرىخە بىلەن پەرىدە ئىسىملىك ئىككى تونۇشۇم بار، ئۇلارمۇ بىز بىلەن بىرلىكتە ۋۇخەنگە بارىدۇ، بىز ئەتىلا يولغا چىقىمىز ، - تۇرنىسا ياتاقتا نەرسە – كېرەكلىرىنى سومكىسىغا رەتلەۋاتقان ئايشىگۈل ۋە گۈلىگە شۇنداق دېدى – دە، ئۆز ياتىقىغا چىقىپ كەتتى.
توزىغان ئارمان
–ئاينىڭ – كۈنى كەچ، ۋۇخەن شەھىرى. كۆڭلىگە گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلارنى پۈكۈپ ۋۇخەنگە كەلگەن ئايشىگۈل ئۆزىنى ئاجايىپ بىر قىسمەتلەرنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىدىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىدى.
ۋۇخەندە تۇرسۇن ( ياش) ئىسىملىك بىرى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. تۇرسۇن تۆتەيلەننى ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىگە باشلاپ كەلگەندە ئۆيدە يەنە باشقا ئىككى قىز بار ئىدى.
- دەرھال كىيىمىڭلارنى ئالماشتۇرۇپ قېنىقراق گىرىم قىلىۋېلىڭلار، مەن سىلەرنى ئىش ئورنىڭلارغا ئاپىرىپ قويىمەن ، - تۇرسۇن شۇنداق دېگىنىچە كىيىم ئىشكاپىدىن نەچچە قۇر كىيىمنى ئېلىپ ئايشىگۈللەرنىڭ ئالدىغا تاشلىدى – دە، چىقىپ كەتتى.
- كەچ بولغاندا نەگە بېرىپ ئىشلەيمىز ؟ - ھەيران بولۇپ سورىدى ئايشىگۈل ناتونۇش بىر قىزدىن.
- نەدە ئىشلەيتتىڭلار، مېھمانخانىلاردا پاھىشە بولۇپ ئىشلەيسىلەر ، - دېدى ئۇ قاش – كۆزىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايشىگۈلنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ كەتتى، ئۇ دەرھال گۈلىگە قارىدى، گۈلى تۇرغان ئورنىدا ھەيكەلدەك قېتىپ قالغانىدى.
-ياق، ياق، بۇنداق ئىشنى بىز قىلمايمىز، گۈلى، ئۇلار بىزنى ئالداپتۇ، يۈر ھازىرلا كېتەيلى، - ئايشىگۈل شۇنداق دېگىنىچە ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
-نەگە مېڭىشتىڭ ھەي قانجۇقلار؟ -سىرتتىن كىرگەن تۇرسۇن ئىشىكتىن چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئايشىگۈلنىڭ يۈزىگە بىر تەستەك سالدى – دە، ئۇنى ئىتتىرگىنىچە كارىۋاتقا يىقىتتى ، - كېتىمىز دەپ خام خىيال قىلىشما، بۈگۈندىن باشلاپ ماڭا پۇل تېپىپ بېرىسىلەر، بولمىسا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرسىتىمەن
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئايشىگۈل بىلەن گۈلىنى قولىدىن سۆرىگىنىچە ياتاقتىن ئېلىپ چىقىپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا «فۇيۈەن»، «ئەنخۇا» مېھمانسارىيىغا ئېلىپ بېرپ مېھمان «كۈتكۈزدى» . بۇ مېھمانسارايلاردا تۇرسۇننىڭ ئادەملىرى بار بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس قىزلارغا كۆز – قۇلاق بولاتتى. قىزلار ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مېھمانساراي بىلەن ھېساباتنى بوغۇشۇپ قالغان پۇلنى تۇرسۇنغا تاپشۇراتتى.
ھالاكەت دېڭىزىدىن قۇتۇلۇپ چىققان قىزلار
ئايشىگۈل بىلەن گۈلى قېچىپ كېتىشنىمۇ كۆپ قېتىم ئويلىدى، لېكىن تۇرسۇننىڭ ئادەملىرى كەينىدىن ئەگىشىپلا يۈرگەچكە، پۇرسەت تېپىلمايتتى.مەلۇم بىر كۈنى ئايشىگۈل بىلەن پەرىخە تۇرسۇننىڭ مېھمانخانىدا يوق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قېچىپ چىقتى.ئۇلار ئەتراپتىكى ئاممىۋى تېلېفون بوتكىسىدا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن قېچىپ كەتكەن تۇرسۇنگۈل بىلەن گۈلنارغا تېلېفون بەردى ھەم ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بىرلىكتە غۇلجا شەھىرىگە قېچىپ كەتتى.
مەزكۇر دېلودىن خەۋەر تاپقان غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتى دېلونى تېزدىن پاش قىلىش مەقسىتىدە بىر تۈركۈم قابىل رازۋېدكىچىلارنى ۋۇخەن شەھىرىگە ئەۋەتتى. رازۋېدكىچىلار ۋۇخەن شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن شۇ جايدىكى ساقچىلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن جىنايەت گۇماندارى تۇرسۇننى قولغا چۈشۈرۈپ غۇلجا شەھىرىگە يالاپ ئېلىپ كەتتى.
سوراق جەريانىدا جىنايەت گۇماندارى تۇرسۇن بۇ يىل – ئاينىڭ ئاخىردىن – ئاينىڭ ئاخىرغىچە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ غۇلجا شەھىرىدىن سەككىز قىزنى ئىچكىردە ئويۇن قويىسىلەر ۋە ئاشخانىدا كۈتكۈچىلىك قىلىسىلەر، دەپ ئالداپ ئىچكى ئۆلكىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشقا مەجۇرلىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى. جىنايەت گۇماندارى تۇرسۇن يېقىندا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى.
(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |