دوختۇرخانىدا سەۋەنلىك بولسا، داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ
تۆلەم تۆلەش كېرەك
ھاشىرخان يولدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئاچچىقىدا بىر بوتۇلكا دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىچىۋالغان. ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، دوختۇرلار تەكشۈرۈپ دېھقانچىلىق دورىسىدىن زەھەرلەنگەن، دەپ دىئاگنوز قويۇپ، ئۇنىڭ ئاشقازىنىنى يۇيۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇپ ئاسما ئوكۇل سالغان. بىمارنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر تۇراقلاشقاندىن كېيىن، ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىگەن. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ھاشىرخاننىڭ كېسىلى يامانلىشىپ ، قان قۇسۇپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
بۇ ئىشتىن كېيىن قاسىم بازارلىق دوختۇرخانا بىلەن ناھىيىلىك دوختۇرخانىنى داۋالاش جەريانىدا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ھادىسىسى پەيدا قىلغان، دەپ قاراپ، ئۇلار ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، تۈرلۈك چىقىملارنىڭ % ى مىڭ يۈەننى ئىككى دوختۇرخانىنىڭ تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىككى دوختۇرخانا مەسئۇلىيەتنى بىر بىرىگە ئىتتىرىپ تۆلەم تۆلەشكە قوشۇلمىغان. سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونىڭ داۋالاش ھادىسىسىگە كىرىدىغان – كىرمەيدىغانلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن داۋالاش ھادىسىسىنى باھالاش ئورگىنىغا باھالاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان. باھالاشنامىدە :«بازارلىق دوختۇرخانا بىمارنىڭ ئاشقازىنىنى يۇيغان بولسىمۇ، ئاشقازان نەيچىسى سالمىغان؛ بىمار ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا داۋالىنىش جەريانىدا بىمارنىڭ ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۈزەتمەسلىك، بىئو – خىمىيىلىك كۆرسەتكۈچىلەرنى تولۇق تەكشۈرمەسلىك ئەھۋالى ساقلانغان. بىمار دېھقانلىق دورىسىدىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، بىمارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن بۇ ئىككى دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش جەريانىدىكى سەۋەنلىك ئوتتۇرىسىدا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا بۇ بىمارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى داۋالاش ھادىسىسىگە كىرمەيدۇ» دەپ يەكۈن چىقارغان.
سوت مەھكىمىسى :«ئىككى جاۋابكار (دوختۇرخانا ) ئورۇندا داۋالاش جەھەتتە سەۋەنلىك كۆرۈلگەن، بولۇپمۇ ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ بىمارنىڭ ئەھۋالى تەپسىلىي كۆزىتىلمىگەن. ئىككى دوختۇرخانىدا داۋالاش جەھەتتىكى سەۋەنلىكى بىلەن ھاشىرخاننىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا جاۋابكار داۋالاش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىسىمۇ، داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ قاراپ، ھاشىرخانغا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى، ئىككى جاۋابكار ئورۇنغا قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى بېكىتىپ ھۆكۈم چىقاردى. جاۋابكارلار بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي، نارازىلىق ئەرز بەرگەن بولسىمۇ، ئەسلىي سوت ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە قىلىندى.
يۇقىرىقىدەك دېلولاردا دوختۇرخانىنىڭ سەۋەنلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشتا داۋالاش ھادىسىسى شەكىللەنگەن – شەكىللەنمىگەنلىكىنى شەرت قىلىۋالماسلىق لازىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دوختۇرخانا بىلەن بىمار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرالار كۆپىيىپ جەمئىيەتتىكى قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى. بۇنداق ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىش لازىم. داۋالاش ھادىسىسىگە تەۋە بولمىغانلىرىدا داۋالاش ئاپپاراتلىرى گەرچە «داۋالاش ھادىسىسى» تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىسىمۇ، ئەمما كېلىپ چىققان زىيانلىق ئاقىۋەتكە قارىتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسىلا، يەنىلا سەۋەنلىكىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە ئاساسەن ئادەتتىكى ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. چۈنكى داۋالاش ھادىسىسى ئۇقۇمى بىلەن ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى داۋالاش سەۋەنلىكى ئۇقۇمى ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقىسىدا داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئېلىنىدۇ. كېيىنكىسىدە ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامىدا داۋالاش ھادىسىسىگە تەۋە بولمىغان بولسا داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ «نىزام» مەمۇرىي نىزامغا تەۋە بولۇپ، پەقەت داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئالاھىدە بەلگىلىمە. ئۇنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى پەقەت داۋالاش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىسمانىي زىيان تۆلەم ماجىرالىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. داۋالاش ھادىسىسى شەكىللەنمىگەن، ئەمما بىمارنىڭ ھاياتى ياكى جىسمانىي ساغلاملىقى داۋالاش ئاپپاتلىرىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، بۇ ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش زىيان تۆلىمى ماجىراسىغا تەۋە بولۇپ، بۇنداق ماجىرالارغا ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىپ، بىمار ئۇچرىغان زىيانغا قارىتا داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش جەھەتتىكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشتەك ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |