ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
سوت مەھكىمىلىرى قانداق دەۋالارنى ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؟


سوت مەھكىمىلىرى قانداق دەۋالارنى ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؟


 

ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكى دەۋالارنى ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىدۇ:
() مەمۇرىي دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي دەۋا قاتارىدا قوبۇل قىلىنىدىغان دېلو دائىرىسىگە كىرسە، دەۋاگەرگە مەمۇرىي دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛
() قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ توختام ماجىراسى ئۈستىدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يازما كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، كېسىم ئورگانلىرىنىڭ كېسىم قىلىپ بېرىشىگە ئىلتىماس قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا بولمايدىغان بولسا، دەۋاگەرگە كېسىم ئورگانلىرىنىڭ كېسىم قىلىپ بېرىشىگە ئىلتىماس سۇنۇشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛
() قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقا ئورگانلار ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تالاش – تارتىشلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىلتىماس قىلىپ ھەل قىلىۋېلىشنى دەۋاگەرگە ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛
() مەزكۇر مەھكىمىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان دېلو بولسا، دەۋاگەرگە باشقۇرۇش ھوقۇقى بار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛
() دەۋالاشقۇچىلار ھۆكۈم – كېسىم قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان دېلو ئۈستىدە قايتا دەۋا قىلسا، ئۇنىڭ ئەرز قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى دەۋاگەرگە ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋادىن ۋاز كېچىشكە رۇخسەت قىلىپ كېسىم چىقارغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
() قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەلۇم مۆھلەت ئىچىدە دەۋا قىلىشقا بولمايدىغان دېلو ئۈستىدە دەۋا قىلسا قوبۇل قىلمايدۇ؛
() نىكاھتىن ئاجرىشىشقا بولمايدىغان، دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ۋە مۇرەسسە يولى بىلەن ياراشتۇرۇپ قويۇلغان، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە ھۆكۈم قىلىنغان ۋە بېقىلىش مۇناسىۋىتى مۇرەسسە يولى بىلەن داۋاملاشتۇرۇلغان دېلو ئۈستىدە يېڭى ئەھۋال، يېڭى سەۋەب بولمىسا، دەۋاگەرنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە قايتا قىلغان دەۋاسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى پىكرىنى – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، دەۋالاشقۇچىلار دەۋادىن كەچكەندىن ياكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلار ئوخشاش دەۋا تەلىپى بىلەن يەنە دەۋا قىلغان دېلونى خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
دەۋاگەرلەر دەۋادىن كەچكەن ياكى دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدىن يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئاساس كۆرسىتەلمەي تۇرۇپ ئالتە ئاي ئىچىدە يەنە دەۋا قىلغانلىرىنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ – ماددىسىنىڭ () تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرۇپ قوبۇل قىلىنمىسا بولىدۇ.


 

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203