قانداق نەرسىلەر دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق مال – مۈلكى ھېسابلىنىدۇ؟
دۆلىتىمىزنى ئالاقىدار قانۇن قائىدە – نىزام ۋە سىياسەتلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق مال – مۈلكى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :
. قانۇنلۇق دارامىتى. بۇ، دېھقانلارنى قانۇن يولغا قويغان دائىرىدە ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئېرىشكەن كىرىمىنى كۆرسىتىدۇ.
. ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۆزى ياسىغان مۇئەسسەسەلەر. بۇ ، ئۆزى سېتىۋالغان يېزا – ئىگىلىك ماشىنلىرى، ترانسپورت قوراللىرى، دورا ئىشلىتىش سايمانلىرى، خىمىيىۋى ئوغۇت، ئۇرۇق ، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش مۇئەسسەسەلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
. ئۆي – ئىمارەت، ئامانەت پۇل. بۇ، دېھقانلارنى ئۆزىنىڭ ئۆي ئىمارەتلىرى، ئامانەت پۇلىنى كۆرسىتىدۇ. دېھقانلار ئۆيىدە ئۆزى ئولتۇرسىمۇ، ساتسىمۇ ياكى ئىجارىگە بېرىپ قانۇنلۇق ئىجارە ھەققى ئالسىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنى ئامانەت پۇلى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمى ئۆزىگە تەئەللۇق بولىدۇ.
. باشقا تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش مۇلازىمەتلىرى. بۇ، ئاساسلىقى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاسارە ئەتىقە، كىتاب ماتېرىيال، دەل – دەرەخ، چارۋا ۋە قانۇن يول قويغان باشقا قانۇنلۇق مال – مۈلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |