ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
قارا پەردىسى ئېچىلغان جىنايەت


قارا پەردىسى ئېچىلغان جىنايەت


 

  پويىز تاغ – ئېدىرا، ئېتىز – قىرلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. ئاللىقانداق چىگىش خىياللارغا بەنت بولغان ئابدۇغېنى، پويىز رادىئوسىدىن شاڭخەيگە ئاز قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. «ئۇنى تاپالارمەنمۇ؟ بۇ قېتىم پۇلنى ئۇنىڭدىن ئالالىساملا بولاتتىغۇ، ھىم، مېنى ۋەيران قىلغان شۇ مىڭ كوي بولغاندىكىن، چوقۇم ئالماي قويماسمىنا، يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم...»
  ئۇزۇن بىر گۈدۈكتىن كېيىن پويىز شاڭخەي ۋوگزالىغا كىرىپ توختىدى.ئابدۇغېنى ئەنە شۇنداق گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە پويىزدىن چۈشتى. بۇ جاي ئۇنىڭغا ناتونۇش ئىدى.پويىزدا بىرقانچە كۈنگىچە پۇت –قوللىرىنى تۈزۈككىنە سۇنۇپ يېتىۋېلىشمۇ نېسىپ بولمىغان ئابدۇغېنىنىڭ سەپەر ھاردۇقى جېنىدىن ئۆتكەنىدى. ئۇ ھارغىن قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ، تېنەپ – تەمتىرەپ بىر ھازا ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىر ۋوگزال ئەتراپىدىن بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى تېپىپ شۇ يەرگە كىردى.
 - مەن سەمەت (ئۆزگەرتىلدى) توقۇناقنى ئىزدەپ كېلىۋىدىم، ئۇنى تونارسىلەرمۇ؟ - ئۇ ئاشخانىدىكىلەردىن سورىدى.
 - شىنجاڭنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىپ باق، بەلكىم شۇ يەردىن ئۇنىڭ دېرىكىنى ئالارسەن، - ئۇلار شۇنداق دېيىشتى.
  دېگەندەك، ئابدۇغېنى بۇ يەرگە كېلىپ، يۇرتتىكى ۋاقتىدا باشقىلاردىن سوراپ بىلىۋالغان نومۇر بويىچە سەمەت توقۇناققا تېلېفون بېرىۋىدى، تېلېفون ئېلىندى. ئابدۇغېنى شۇندىلا ئۇلۇغ بىرنى تىنىۋالدى. سەمەت كەلدى. ئۇنىڭ تەلەتى سۆرۈن بولۇپ، يېنىدا ئىككى ئادىمى بىرگە كەلگەنىدى. ئۇ ئابدۇغېنى بىلەن خالار – خالىمايلا سالاملاشقاندىن كېيىن ئۇنى باشلاپ ياتىقىغا كەلدى.
  ئابدۇغېنىنىڭ توقۇناقتا مىڭ يۈەن ئېلىشى بار ئىدى، ئۇنىڭ شاڭخەيگە كېلىشىمۇ شۇ ۋەجىدىن ئىدى. ئەمما ئىش خۇددى ئابدۇغېنىنىڭ ئويلىغىنىدەكلا ئىدى. ئۇ پۇلنىڭ گېپىنى چىقىرىپ قاتتىق – يۇمشاق گەپلەرنى خېلى قىلىپ باققان بولسىمۇ، توقۇناق ئۇنىڭدىن بەتتەر زارلاپ، گۆشىيىپ ئولتۇردى.شۇنىڭ بىلەن ئابدۇغېنى پۇلنى سۈيلەپ شاڭخەيدە بىرنەچچە ۋاقىت تۇرۇپ قالدى. توقۇناقنىڭ ياتىقىدا كۈندە دېگۈدەك قىمار بولاتتى.بۇ سورۇنغا مەھەممەت چاقا ئىسىملىك بىرى دائىم داخىل بولۇپ تۇراتتى. ئۇ توقۇناقنىڭ يېقىنلىرىدىن ئىدى. پۇلنى قورقماي چوڭ – چوڭ تىكىشلىرىدىن خېلى پۇلدار ئادەمدەك قىلاتتى. ئابدۇغېنى باشقا بارار جايى بولمىغاچقا، ئىس – تۈتەككە تولغان بۇ ئۆيدە ھەر كۈنى دېگۈدەك قىمارۋازلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ يۈردى ۋە شۇ كۈنلەردە مەھەممەت چاقا دېگەن بىلەن خېلىلا چىقىشىپ قالدى. مەھەممەتكە ئابدۇغېنىنىڭ قارام، يۈرەكلىك خاراكتېرى ياراپ قالغاندەك ئىدى. ئۇ ئابدۇغېنىنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگەچكە، پۇلغا كەلگەندە ئۇنىڭدىن بەك ئاياپ كەتمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇغېنىمۇ ئۇنىڭغا ئوبدانلا مايىل بولۇپ قالدى.
ئابدۇغېنى شاڭخەيگە كېلىپ نەچچە كۈنلەر بولغاندا، يەنى – يىلى – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر كۈنى كەچلىكى قىمار سورۇنى تارقىغاندا، مەھەممەت چاقا ئابدۇغېنىنى بىر ياققا تارتىپ قۇلىقىغا شىۋىرلىدى:
 - سىلە بىلەن بىر پاراڭ سېلىشىشنى ئويلاپ يۈرگەنىدىم، سەمەت گېپىڭلىنى قىلىپ بەرگەن. مۇنداق مەسلىھەت بار ئىدى، بىز كۈنمىڭدا بىر ئاشخانا ئاچساق قانداق، ئۆزۈڭلىمۇ بىلىسىلەر، ئۇ يەردە باشقا سودىمۇ ئوبدان ئاقىدۇ، سىلىگىمۇ پۇل كېرەكتۇ؟
 - ھەئە، كېرەك...
  شۇنداق قىلىپ مەسلىھەت پىشتى. ئەتىسى ئابدۇغېنى ئاۋۋال يۈرۈپ كەتتى. بىراق ئۇ كۈنمىڭگە ئەمەس، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ يەنشەن ناھىيىسىگە ماڭغانىدى. ئۇ يەنشەن ناھىيىسىگە كەلگەندىن كېيىن سەي شۇنيىنى ئىزدەپ تاپتى.
 - بۇرادەر، كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئون نەچچە يىل بوپتۇ، ئوبدان تۇردۇڭمۇ؟ - ئابدۇغېنى سەي شۇنيىدىن تىنچلىق – ئامانلىق سورىدى. سەي شۇنيى بۇ مېھماننى ئېسىگە ئالالماي، دەماللىققا نېمە دېيەرىنى بىلەلمەي قالغان بولسىمۇ، مېھمانلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ سالىمىنى ئىلىك ئالغان بولدى.
 - خوش، مەقسەت نېمىكىن؟
 - مەن مال (خېروئىن دېمەكچى) بولسا ئالاي دەپ كەلگەن، قولۇڭدا مال بارمىكىن؟ يا مۇشۇ مەھەللىدىن تېپىلارمۇ؟
 - ھازىر بىزنىڭ بۇ يەر قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش نىشانى بولۇپ قالدى، مال تاپماق تەس.
 - باشقا جايدىن ئامالىنى قىلغىلى بولماسمۇ؟ ساڭا زور ئۈمىد باغلاپ  كېلىۋىدىم، ئۈمىدسىز قويمىساڭ...
  سەي شۇنيى زەھەر چېكىدىغان نەۋرە ئىنىسى ناشاۋجىننى ئەسكە ئالدى.
 - قېنى مەن ئىزدىنىپ باقاي.
  سەي شۇنيى خۇيزۇ بولۇپ، يېشى لەردە بار ئىدى، سەل ئاقساپ ماڭاتتى. ئۇ تېخى مەھەللىسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىدى. سەي شۇنيى ناشاۋجىننى ئىزدەپ تاپتى.
 - شىنجاڭلىق بىر ئاغىنەم مال ئالغىلى كەپتىكەن، سېنى ئامالىنى قىلالارمۇ دەپ ئىزدەپ كېلىۋىدىم، تاپقىلى بولارمۇ؟
 - تېپىشنىغۇ بولار، بىراق مەندە ئۇياق – بۇياققا يۈرگۈدەك پۇل يوق.
 - خاتىرجەم بول، پۇلنى شۇ چىقىرىدۇ
  شۇنىڭ بىلەن ناشاۋجىن مال ئۇقۇشقىلى رۈيلىگە كەتتى. ئابدۇغېنى خەۋەر كۈتۈپ بىر ھەپتىگىچە سەي شۇنيىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن ناشاۋجىن مالنى ئۇقۇشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دەرھال رۈيلىگە كېلىشىنى ئېيتىپ تېلېفون بەردى. ئەتىسى بۇ ئۈچى رۈيلىدە جەم بولدى. ناشاۋجىن بىر بېرمىلىق بىلەن بىرگە كەلگەنىدى. ئۇ ئىككىسى ئابدۇغېنى بىلەن سەي شۇنيىنى قانداقمۇ بىر يوللار بىلەن چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ، بېرمىدىكى بىر ئەسكى ياغاچ ئۆيگە مال كۆرگىلى باشلاپ كەلدى. مال كۆرۈلۈپ، باھا پۈتۈشۈلگەندىن كېيىن سەي شۇنيى بىلەن ئابدۇغېنى ئاۋۋال رۈيلىگە قايتىپ كەتتى.
  بېرمىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئابدۇغېنى دەرھال شاڭخەيدىكى مەھەممەتكە تېلېفون بېرىپ، ئىشنىڭ پۈتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ رۈيلىگە تېز كېلىشىنى ئېيتتى. مەھەممەت ئەتىسى رۈيلىگە كەلدى. ئابدۇغېنى بىلەن مەھەممەت مەھەممەتنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئامانەت كارتىسىدىكى - مىڭ يۈەن پۇلنى ھېساب يۆتكەش ئۇسۇلى بىلەن  سەي شۇنيى ۋە ناشاۋجىنلارنىڭ ئامانەت كارتىسىغا يۆتكەپ بەردى. ناشاۋجىن بۇ پۇللارنى ئالغاندىن كېيىن مالنى ئالغىلى يەنە بېرمىغا كەتتى. بىراق خېلى كۈنلەرگىچە ناشاۋجىندىن خەۋەر بولمىدى. بۇنىڭدىن تىت – تىت بولغان ئابدۇغېنى، سەي شۇنيىلار بېرمىغا بېرىپ، بۇ زەھەر سودىسىنىڭ يەنە بىر ئىشتىراكچىسى – بېرمىلىق دۇجانى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ناشاۋجىننىڭ دېرىكىنى قىلدى. ئۇلار ناشاۋجىننى ۋەندىڭ (جۇڭگو تەۋەلىكىدە) ىكى ۋەندىڭ مېھمانخانىسىدىن تاپتى. ئۇلار ئۇنى تاپقاندا ئۇ ياتاقتا بىر خوتۇن بىلەن خېروئىن چېكىپ ئولتۇراتتى. ئابدۇغېنى غەزەپلىنىپ ئۇنى بىرقانچىنى ئۇرۇۋەتتى.
 - ھۇ ئەبلەخ مال قېنى، سەن بىزنى قويماقچىمۇ؟ تېز پۇلنى چىقار
 - پۇلنى مالغا بېرىۋەتتىم، ئالساڭلار ئىسسىق جېنىم بار...
  بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇغېنىنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، بۇنچىۋالا كۆپ پۇل يوق بولسا، ھۆددىسىدىن قانداق چىققۇلۇق؟ قولغا كېلەيلا دەپ قالغان نەپ مۇشۇنداقلا توزۇپ كەتسۇنمۇ؟
شۇ كۈنى كەچتە ئابدۇغېنى، سەي شۇنيىلار ناشاۋجىننى رۈيلىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى بىر مېھمانخانىدا بىر كېچە نەزەربەند قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەلپازى يامان ئىدى. تەھدىتتىن قورققان نا شاۋجىن مالنىڭ ئامالىنى قىلىپ بېرىدىغانغا ۋەدە بەرگەندىن كېيىنلا، ئابدۇغېنىلار ئەتىسى ئاندىن ئۇنى قويۇپ بەردى. ناشاۋجىن مالنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كەتتى. ئۇ مال پۇلىنى شۇندىلا زەھەر سودىگىرى دۇجاغا تۇتقۇزدى. دۇجا پۇلنى مال ئىگىسىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن ۋەندىڭ مېھمانخانىسىدا ناشاۋجىن بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككىسى ئۇ ياقتىن كېلىدىغان مالنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ ياتتى.
  بۇ، – يىل – ئاينىڭ – كۈنى كەچ ئىدى. ھەممە يېڭى يىل تەنتەنىسىگە چۆمگەن ئاشۇ خاسىيەتلىك كۈن، خاسىيەتلىك مىنۇتلاردا بىر ئوچۇم زەھەر ئەتكەسچىلىرىمۇ پەقەت ئۆزلىرىگىلا ئايان بولغان يەنە بىر خىل ھاياجان، تامالار ئىلكىدە ئۆزلىرى كۈتكەن ئاشۇ «خاسىيەتلىك» مىنۇتلارنى زارىقىش ۋە يۈرەكزادىلىك ئىلكىدە كۈتمەكتە ئىدى.
شۇ كۈنى كەچ سائەت سەككىزلەر بولغان چاغ، رۈيلى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋەندىڭ چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى نۆۋەتچىخانىسىنىڭ تېلېفونى بىردىنلا جىرىڭلاپ كەتتى.
 - ۋەي، ۋەندىڭ ساقچىخانىسىمۇ؟ ۋەندىڭ مېھمانخانىسىنىڭ – ياتىقىدا بىراۋلار زەھەر چېكىۋاتىدۇ...
  بىرەيلەن دېلو مەلۇم قىلىپ تېلېفون بەرگەنىدى. ساقچىلار دەرھال ئاتلاندى. دۇجا، ناشاۋجىنلار زەھەر چېكىۋاتقان نەق مەيداندىلا تۇتۇلدى. ئەمما ناشاۋجىن ئۈچۈن ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلسا، ھەممە ئەھۋاللارنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. نەتىجىدە بىر زور زەھەر ئەتكەسچىلىكى دېلوسىنىڭ قارا پەردىسى ئېچىلدى. مال ئەتىسى ئەتىگىنى كېلەتتى. دېگەندەك، ئەتىسى سەھەردە چېگرا سىرتىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىدىن دۇجاغا مالنىڭ بەلگىلەنگەن جايغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى توغرىسىدا تېلېفون كەلدى. ساقچىلار ئىككى گۇماندارنى ئالدىغا سېلىپ مالنى ئالغىلى ماڭدى.
  – يىل – ئاينىڭ – كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىز بولغان چاغ. بۈگۈن ھاۋا تۇتۇق ئىدى. رازۋېدكىچىلار تىنجىق ھەم نەم ھاۋادا تىمتاسلىققا چۆمگەن بىر پارچە يېشىلزازلىقتا شەبنەم قونغان چۆپلەرنى ئاۋايلاپ دەسسەپ، سەزگۈرلۈك بىلەن ئاختۇرۇپ باراتتى. ئالدىدىراق كېتىۋاتقان بىر رازۋېدكىچى تۇيۇقسىز توختىدى، ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ، «توختاڭلار» دېگەن مەنىدە ئۇدۇلىدىكى بىر جاينى ئىما قىلدى. سەل نېرىدا راستتىنلا بىر كىچىك يەشىك تۇراتتى. رازۋېدكىچىلار جۇڭگو – بېرما – نومۇرلۇق چېگرا ئېغىزىدىن جۇڭگو چېگرىسى ئىچىگە مېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەن بۇ چۆپلۈكتىن «مال» نى تاپتى. بىراق مالنى ئېلىپ كەلگۈچىلەر يوقالغانىدى.
  خېروئىن ئۆلچىنىش ئارقىلىق توپتوغرا گرام چىقتى. سائەت توققۇزلار بولغاندا سەي شۇنيى ناشاۋجىنغا تېلېفون بېرىپ، مالنى تاپشۇرۇپ ئالالىغان – ئالالمىغانلىقىنى سورىدى، نا شاۋجىن: «مالنى ئالدىم، ئاپتوموبىل ساقلاۋاتىمەن» دېدى. «ئۇنداقتا ئابدۇغېنى بېرىپ مالنى ئېلىپ كەلسۇن» دېدى سەي شۇنيى. بۇنداق بولغاندا گۇماندارلاردىن بىرى توردىن چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، شۇڭا ناشاۋجىن ساقچىلارنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئۇنىڭغا: «مالنى ئۆزۈم ئاپىرىپ بېرەي، سىلەر رۈيلىدا ساقلاپ تۇرۇڭلار» دەپ تېلېفون بەردى. ساقچىلار رۈيلى چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ئەتراپلىق پىلان تۈزگەندىن كېيىن ئىككى گۇماندارنى ئېلىپ رۈيلىگە كەلدى.
  رۈيلى شەھىرى كۇنخۇا مېھمانخانىسىنىڭ ئالدى. ناشاۋجىندىن: «مەن يولدا، بېرىشقا ئاز قالدىم» دېگەن خەۋەرنى ئىشىتكەن ئابدۇغېنى بىلەن سەي شۇنيى ياتاقتا ساقلاپ ئولتۇرۇۋېرىشكە تاقىتى قالماي پەسكە چۈشۈۋېلىشقانىدى. سەل ئىلگىرى سەي شۇنيى ناشاۋجىنغا ئۆزلىرىنىڭ كۇنخۇا مېھمانخانىسىنىڭ – ياتىقىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مالنى شۇ يەرگە قويۇپ قويسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
  ساقچىلار كۇنخۇا مېھمانخانىسىغا كەلدى. ساقچىلار بىلەن تاكسىلىق بىرگە كەلگەن ناشاۋجىن چاندۇرماي تاكسىدىن چۈشۈپ مېھمانخانىغا كىرىپ كەتتى. ساقچىلار ئۇنىڭ كۆرسىتىپ قويۇشى بىلەن مېھمانخانا ئىشىكى ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشقان  ئىككى گۇماندارنى ئاللىقاچان نىشانغا ئېلىپ بولغانىدى.ئۇلار گۇماندارلارنى چاقماق تېزلىكىدە قولغا چۈشۈردى.شۇنداق قىلىپ بۇ زەھەر ئەتكەسچىلىكى دېلوسىدىكى ئاساسلىق تۆت گۇماندار ئىلگىرى‏‏ ‏- ئاخىر بولۇپ تۇتۇلدى. يەنە بىر ئاساسلىق گۇماندار مەھەممەت شەپىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتتى.
يۈننەن ئۆلكىسى دېخۇڭ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى – يىل – ئاينىڭ – كۈنى زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن ئابدۇغېنى ۋە سەي شۇنيىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ھەم ئۇلارنىڭ بارلىق شەخسىي مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ ناشاۋجىنغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈردى، ئۇنى سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ۋە بارلىق شەخسىي مال –مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ دۇجاغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، بارلىق شەخسىي مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى.
  جىنايەتچى ئۈچۈن ھامان ئاسماندا تور، يەردە قاپقان. گۇماندار مەھەممەت چاقىمۇ يۇرتى قەشقەر ۋە باشقا جايلاردا بىر مەھەل يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن كېيىن – يىل -  ئاينىڭ – كۈنى ئاخىر ئۈرۈمچى خېيجياسەندە تۇتۇلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى – يىل – ئاينىڭ – كۈنى ئۇنىڭغا زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە زەھەر ئېلىپ – سېتىش جىنايى بىلەن (ئۇ ئىلگىرى بىرقانچە قېتىم زەھەر ئېلىپ – ساتقان) ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ۋە بارلىق شەخسىي مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. بىراق جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىلىرى ھۆكۈمگە قايىل بولماي، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە: «جاۋابكارغا زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە زەھەر ئېلىپ – سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ جىنايەت بېكىتىشنىڭ دەلىل – ئىسپاتى تولۇق ئەمەس، ئۆلۈم جازاسى بېرىپ دەرھال ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس...» دەپ نارازىلىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، – يىل – ئاينىڭ – كۈنى دېلونى ئەسلىي سوتنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرۇپ كېسىمنامە چىقاردى.
  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلونى قايتا سوت قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشى ئېغىر، قاتتىق جازالاش كېرەك، دەپ قاراپ ۋە بىر قىسىم پاكىتلارنى نەزەردە تۇتۇپ، يېقىندا جاۋابكار مەھەممەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈش، ئۇنى سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ۋە بارلىق شەخسىي مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى.


 

مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203