ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئادىمى ھايۋان دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ


ئادىمى ھايۋان دىگەن  مۇشۇنداق بولىدۇ


 

ئىنسان ئۇچۇن ئاتا- ئانىدىنمۇ قەدىرلىك كىشى بولماس. ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ھەر بىر پەرزەنتنىڭ بۇرچى ، ئەكسىنچە ئاتا-ئانىسىنى ئۇرغانلار ، خورلىغانلارغا باشقىلارنىڭ نەپرىتى ياغىدۇ ، لەنەت ئوقۇيدۇ.
يېقىندا ئونسۇ ناھىيىسىدىكى سەمەت ئاپىسى بىلەن ئۆگەي دادىسىنى ئۇرۇپ ، ئۆگەي دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.


 

پۇل ئۈچۈن ئۆگەي دادىسىنى ئۆلتۈرۇش


 


 سەمەت (ياش) ئونسۇ ناھىيىسىدىن بولۇپ ، ئۇ باشقىلارنى قاقتى - سوقتى قىلىش ، بوزەك قىلىشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىپ ، ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوغۇرلۇق قىلغان ۋە شۇ جەريانلاردا زەھەر چېكىشنى ئۆگەنگەن ئىدى ، قىسقىسى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن مېھىر - مۇھەببەت دىگەننىڭ ئىزناسىنى تاپماق مۇشكۈل ئىدى. شۇڭا ھەتتا ئۆزىنى توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ تۇققان ئاپىسى ئايىمخاننى بوزەك قىلىۋاتقىنىغا ئىككى يىلدەك بولغان ئىدى. سەمەتنىڭ ئاپىسى ئايىمخاننىڭ ھېكىم ئاخونغا ئىككىنچى قېتىم ياتلىق بولغىنىغىمۇ يىلدەك بولغان ئىدى ، يىلدىن بېرى ئۇلار ناھايىتى ئىناق ئۆتۈپ ، بىر بىرىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ ئىككەيلەن ياشىنىپ قالغاچقا ، ئونسۇ ناھىيە بازىرى ئىچىدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتاتتى. ھېكىم ئاخۇننىڭ ئۆز بالىلىرىمۇ دائىم ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى ، ئەمما سەمەتنىڭ ئىچكى ئۆلكىدىن قايتىپ كېلىشى ئۇلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى بۇزۇۋەتتى ، پۇل ئۇچۇن ، زەھەر چېكىش ئۇچۇن ھەر قانداق ۋاستە قوللىنىشتىن يانمايدىغان سەمەتتە ئاپىسىغا نىسبەتەن مېھىر مۇھەببەت يوق ئىدى ، ئۇ پۇرسەت بولسىلا ئۇلاردىن پۇل ئۇندۇرىۋىلىشنى ئويلايتتى ، شۇڭا ئۇ ئايىمخاننى پۇل بەر دەپ ئۇرۇپ بىر قانچە قېتىم يۈز - كۆزىنى ئىششىتىۋەتكەنىدى. بۇ ۋاقىتلاردا ھىكىمئاخونمۇ تاياقتىن نېرى قالمايتتى، ھېكىم ئاخۇننىڭ خوشنىلىرى ۋە بالىلىرى سەمەتنىڭ قىلغانلىرىغا چىدىماي ، بۇ ئىشنى ساقچىغا ئېيتىشنى دىگەن بولسىمۇ ئۇلار ئۇنىماي سەمەتكە يول قويۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىل -ئاينىڭ -كۈنى كەچتە سەمەت يەنە ھاراق ئىچتى ، مەست بولغاندا زەھەر چەككۈسى كەلدى لېكىن يېنىدا پۇل يوق ئىدى ، ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى يەنە ئۆگەي دادىسى ھېكىم ئاخۇن بىلەن ئاپىسى ئايىمخاندىن پۇل ئېلىشنى پىلانلىدى، ئۇ دەلدەڭشىگىنىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلدى ھەم ئىشىكنى تىپىپ ئاچتى.
-بالام نىمە ئىشىڭ بار -دىدى ئايىمخان سىلىق تەلەپپۇزدا .
-بالام دىگەنلىرىڭنى قوي ، ماڭا پۇل بەر دىدى سەمەت ئاپىسىغا ۋارقىراپ.
-بىزنىڭ يە مائاشىمىز بولمىسا ، نەدىكى پۇلنى بېرىمىز ، بالام بىزگە ئىچىڭ ئاغرىسۇن - دىدى ھېكىم ئاخۇن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ.
-سەن قېرى ئىشىمغا ئاز ئارلاش - دىدى سەمەت ھېكىم ئاخۇنغا قاراپ.
 -بىزنىڭ مۇشۇ ئىسسىق جېنىمىزدىن باشقا نەرسىمىز يوق بالام - دىدى ئايىمخان.
 -ھەي قېرى ، سېنى ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەت دىسەم ئاجراشمايسەن ، پۇل دىسەم بەرمەيسەن ، قارىغاندا تاياق سېغىنىپ قالغان ئوخشىمامسەن ؟- سەمەت شۇنداق دىگىنىچە ئاپىسىنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق ئۇردى ، ئاندىن چۆمۈچ ،نوغۇچ دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ دۇمبالىغىلى تۇردى . ھېكىم ئاخۇن ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەيتتى ، ئۇ ، ئايالىنىڭ يەنە تاياق يىيىشىگە چىداپ تۇرالماي سەمەتنىڭ قولىغا ئېسىلدى:- ئۇنداق قىلما ، ئاپاڭغا قول كۆتۈرۈشتىن نۇمۇس قىل.
- سېنىڭمۇ تاياق يىگىڭ كەپتۇ- دە - سەمەت ئاپىسىنى ئۇرۇشتىن توختاپ ، ھېكىم ئاخۇننى ئىتتىرىۋەتتى ، ئاندىن قولىغا چىققان نەرسىلەر بىلەن ئۇنى ئۇردى ، تەپتى ، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، سەمەت ھېرىپ قالدىمۇ قانداق ئۇرۇشتىن توختىدى ۋە :
 - تويۇشتۇڭمۇ ، ئاكاڭ قارىغاي بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمايدۇ- دەپ ۋارقىراپ قويۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. بايىقى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلىغان خوشنىلار ۋە ھېكىم ئاخۇننىڭ بالىلىرى كىرگەندە ، ھېكىم ئاخۇن ۋە ئايىمخان يەردە ئىڭراپ ياتاتتى، ئۇلار دەرھال ئۇ ئىككەيلەننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى ، لېكىن ھېكىم ئاخۇن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جان ئۈزدى.....
جىنايەت گۇماندارى سەمەت قولغا ئېلىنغاندىن كىيىن جىنايىتىگە ئىقرار بولدى ، ۋە -ئاينىڭ -كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى، ھازىر بۇ دېلو ئەيىبلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا.


 

(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىپ ئېلىندى)


 

مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203