ستۇدېنت، ئەمگەك مېۋىڭىزنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
ھازىر خېلى كۆپ ستۇدېنت تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش يولىنى تاللاپ، تەتىل ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ۋاقىتلىق ئىش تېپىپ ئىشلەيدىغان بولدى، ئەمما، بۇ ستودېنتلارنىڭ بەزىلىرى ئەمگەك مېۋىسىنى قوغدىيالمايۋاتىدۇ.
–سېنتەبىر بەش ستۇدېنت مۇخبىرغا تۆۋەندىكىلەرنى ئىنكاس قىلدى:
ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹تيەنجىن›› يولىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا – ئىيۇلدىن – ئاۋغۇستقىچە ئىشلىگەن. ئىشى تۈگىگەندىن كېيىن – ئاۋغۇستتىن – سېنتەبىرگىچە قۇرۇلۇش ئورنىدا قالدۇق ئىشلارغا ياردەملەشكەن. ئۇلار ئەسلىدە ھۆددىگەر بىلەن ھەر بىر كىشىگە كۈنىگە يۈەندىن ئىش ھەققى بېرىدىغانغا دېيىشكەن بولۇپ، كېلىشكىنى بويىچە مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ھۆددىگەر ئۇلارغا يۈەن بېرىپلا، قالغان . يۈەنگە ئاق ھۆججەت بەرگەن. ئوقۇغۇچىلار بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ ھۆددىگەرنى تاپالمىغان.
بۇ قۇرۇلۇشنى ھۆددە بەرگۈچى شىنجاڭ ‹‹بېجى›› قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تۈر بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەت مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش پۇلىنى ھۆددىگەرگە بەرگەن. شىركەت تەرەپ ھۆددىگەرنىڭ ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تارقاتمىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى نۆۋەتچى ئادۋوكات يى جۇاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر ھۆددىگەر تېپىلمىسا، قۇرۇلۇش ھۆددىگە بەرگۈچى تەرەپ ھۆددىگەرنىڭ ئىشچىلارغا بېرىدىغان بارلىق ئىش ھەققىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.
مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئالىمجان بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئۆيىگە قايتماي، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم سۈرەتكە تارتىش ئورنىدا ئىشلىگەن. ئالىمجاننىڭ مەقسىتى، ئۆگەنگەن بىلىمىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، تەجرىبە توپلاش ۋە ئازراق بولسىمۇ ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىش ئىدى. ئەمما دۇكان خوجايىنى خېرىدارنىڭ بىر پارچە سۈرىتىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى باھانە قىلىپ، ئالىمجاننىڭ بىر ئايلىق ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالغان. ئالىمجان ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولغان.
ستۇدېنت ئايگۈل يازلىق تەتىلدە مەلۇم خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش ئورنىغا بېرىپ خىزمەت ئىزدىگەن ھەم يۈەن رەنە پۇلى تاپشۇرغان. مەكتەپكە قايتىپ ئون كۈنگىچە خەۋەر كۈتكەن بولسىمۇ، شىركەتتىن خەۋەر كەلمىگەن. ئايگۈل خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش ئورنىغا قايتا بارغاندا، شىركەت زاكالەت پۇلى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتنامىنىڭ يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ، ئايگۈلگە رەنە پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹›› ئەرز – شىكايەت قوبۇل قىلىش قىزىق لىنىيىسىنىڭ ستاتىستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلەش جەريانىدا، قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغانلىق توغرىسىدىكى ئەرزلەر كۆپىيىپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە خوجايىنلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلىگەن ستودېنتلارنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگەنلىكى ياكى تولۇق بەرمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەرز – شىكايەت كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن.
ستۇدېنتلار ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئەمەلىي خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسى توپلاش مەقسىتىدە، ۋاقىتلىق ئىش تېپىپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارمۇ بۇنداق ئەرزان، رايىش ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئوبدان پايدىلىنىۋاتىدۇ. بىراق، بىر قىسىم ‹‹خوجايىن››لار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قاقتى – سوقتى قىلماقتا. قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغان بەزى ستۇدېنتلار ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ‹‹ئەمگەك قانۇنى››دا ستودېنتلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلەش جەريانىدىكى ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا مەخسۇس بەلگىلىمە بولمىغاچقا، ئامال قىلالماي، ئۇۋالچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلار قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلاي دېسە خىراجەت ۋە ۋاقىتتىن قىينالغاچقا، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا ستۇدېنتلار ۋاقىتلىق ئىش تېپىپ ئىشلەشتە، قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟
ئادۋوكات يى جۇاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ستۇدېنتلار ۋە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلەش جەريانىدىكى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئەمگەك قانۇنىنىڭ بەزى ماددىلىرىنى تولۇقلاشقا، ئەمگەك ئىشلىرى تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ – ماددىسىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى تەرەپ ئەمگەكچى ئىشلەتكەندە، ئەمگەكچىگە قىلىدىغان ئىش، ئىش شارائىتى، ئىش ئورنى، كەسىپ خەۋپى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، ئەمگەك ھەققى، شۇنىڭدەك ئەمگەكچى بىلمەكچى بولغان باشقا ئەھۋاللارنى ئەينەن بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار؛ ئەمگەكچىمۇ ئىشلەتكۈچى تەرەپ بىلەن تۈزۈشكەن توختام ۋە توختام مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەھۋاللارنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق، دېيىلگەن. شۇڭا، ستۇدېنتلارمۇ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، تىجارەت ئەھۋالى، مۇقىم خىزمەت ئورنىنىڭ بار – يوقلۇقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق ئىگىلىشى، شۇ ئاساستا ئادەم ئىشلەتكۈچى تەرەپ بىلەن يازما توختام ئىمزالىشى كېرەك. خىزمەت ئىزدىگەندە ستۇدېنتلار ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى، ئاھالىلەر كومىتېتى قارىمىقىدىكى خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئىشەنچلىك ھەم ھەقسىز خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىزدىگىنى تۈزۈك.
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |