مىلتىقىم يوق
بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى قوشۇنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئەسكەرلەردىن:
-مەن سىلەرگە ماڭا قارىتىپ ئوق چىقىرىڭلار دەپ بۇيرۇق چۈشۈرسەم ،سىلەر بۇيرۇقۇمغا بويسۇنامسىلەر؟-دەپ سوراپتۇ.
-بويسۇنىمىز، چۈنكى بۇيرۇققا بويسۇنۇش ئەسكەرنىڭ بۇرچى،بۇيرۇق چۈشۈرسىڭىز بىز چوقۇم بويسۇنىمىز،_دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەسكەرلەر.
بىراق بىر ئەسكەر:
-مەن ئوق چىقارمايمەن،-دەپتۇ.
پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ خوشال بوپتۇ ۋە ھېلىقى ئەسكەرنى ماختاپ :
-ناھايىتى ياخشى ،سەن بولساڭمۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ئەسكەرلەرنىڭ بۇرچىدىن يۇقىرى كۆرىدىكەنسەن،-دەپتۇ.
كېيىن ئۇ ھېلىقى ئەسكەردىن نىمىشقا ئوق چىقارمايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ:
-چۈنكى مەن ئاشپەز،شۇڭا مىلتىقىم يوق،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
توخۇدىن سوراش
بىر ئوغرى توخۇ كاتىكىگە ئەمدىلا كىرىشىگە، ئۆي ئىگىسى ئويغۇنۇپ كېتىپتۇ-دە:
- بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ دەپ سوراپتۇ.
- مەن توخۇدىن، تۇخۇمنىڭ بىرى نەچچە پۇل؟ دەپ سوراپ باقاي دېۋىدىم، دەپتۇ ئوغرى.
يامغۇر ئۆتمەسلىك
بىر قىز ماگىزىندىن بۆك تاللاۋېتىپ:
-توشقان تېرىسىدىن تىكىلگەن بۇ ئاق بۆكنى ياقتۇرۇپ قالدىم،ئۇنىڭدىن يامغۇر ئۆتەمدۇ؟-دەپ سوراپتۇ مال ساتقۇچىدىن.
-ئەلۋەتتە يامغۇر ئۆتمەيدۇ،سىز توشقاننىڭ كۈنلۈك كۆتۈرۋالغانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ مال ساتقۇچى.
ئىسسىق ئىچەي
بىر ھاراقكەش شىرەگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ، چۈشىدە قاۋاقخانا خوجايىنى ئۇنى ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلىپ:
- «ھاراقنى ئىسسىق ئىچەمسىز- سوغۇقمۇ؟» دەپ سوراۋاتقۇدەك.
ئۇ: - «ئىسسىق ئىچەي» دەۋاتقۇدەك. ئىسسىق ھاراق تېخى ئالدىغا كەلتۈرۈلمەستىنلا، خوتۇنى ئۇنى تۈرتۈپ ئويغىتىپ ئىشقا ھەيدەپتۇ.
- بۇرۇنراق مۇشۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام، سوغۇقلا ئىچىۋالار ئىكەنمەن - دەپتۇ ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا.
ھەممىدىن كېيىنكى چىش
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا سۇئال قويۇپ :
-ئادەمنىڭ قايسى چىشى ھەممىدىن كېيىن چىقىدۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
-جا چىش -دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى.
پەقەت شۇ بالا سىزنىڭ
بىركۈنى موردۇن خوتۇنىغا تۇيۇقسىز: -مارى، بالىلىرىمىز ئىچىدە توم مېنىڭ بالام ئەمەستەك قىلىدۇ جۇمۇ دەپتۇ.
- كەلسە-كەلمەس گۇمانلانغىنىڭىز نېمىسى؟-دەپ ئاچچىقلاپ كېتىپتۇ مارى، پەقەت شۇ بالىلا سىزنىڭ تۇرسا
توخۇ پۇتى
خېرىدار ئالدىراش ئىشلەۋاتقان مۇلازىمغا كايىپ كېتىپتۇ:
- قارىمامسىز نېمە قىلىق بۇ، ماڭا ئەكىلىپ بەرگەن توخۇنىڭ بىر پۇتى كىچىك، بىر پۇتى چوڭ تۇرمامدۇ؟
- ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ سىز ئۇ توخۇنى يەمسىز ياكى ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئوينامسىز؟ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مۇلازىم پەرۋاسىزلا.
ماشىنىنى يانداش
تۆگىگە مىنىپ قۇملۇقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سودىگەر ئاق كۆڭۈل بىر شوپۇرغا ئۇچراپ قاپتۇ، شوپۇر سودىگەرنى ماشىنىسىغا ئېلىۋالماقچى بولۇپتۇ، سودىگەرمۇ بۇ تەكلىپكە قوشۇلۇپتۇ، ئۇلار ماشىنىغا ئورۇنلىشىپتۇ، بىراق تۆگىنى قانداق جايلاشتۇرۇشنى بىلەلمەي نائىلاج ماشىنىنىڭ كەينىگە چېتىپ يولغا چىقىپتۇ.
ماشىنىنىڭ سۈرئىتى سائىتىگە كىلومېتىرغا يەتكەندە شوپۇر سودىگەردىن سوراپتۇ:
- تۆگىڭىز يېتىشىپ مېڭىۋاتقاندۇ- ھە؟
- چاتاق يوق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ سودىگەر، ئۇلار يولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ماشىنىنىڭ سۈرئىتى كىلومېتىرغا يەتكەندە، شوپۇر بىر ئاز ئەنسىرىگەن ھالدا سودىگەردىن سوراپتۇ:
- تۆگىڭىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قالماس-ھە؟
- چاتاق يوق دەپتۇ سودىگەر . ئۇلار يولنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ماشىنىنىڭ سۈرئىتى كىلومېتىرغا يېتىپتۇ، بۇ چاغدا شوپۇر بەكلا ئەنسىرەپ سودىگەردىن سوراپتۇ:
- تۆگىڭىزگە راستتىنلا زىيان- زەخمەت يەتمەمدۇ؟ قارىسام تۆگىڭىز تىلىنى ساڭگىلىتىۋاپتۇ.
- تۆگەم تىلىنى ئوڭ تەرەپكە ساڭگىلىتىۋاپتۇمۇ ياكى سول تەرەپكىمۇ؟
- سول تەرەپكە- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ شوپۇر.
- ئۇنداق بولسا ماشىنىڭىزنى دەرھال ئوڭ تەرەپكىرەك ھەيدەڭ، تۆگە ماشىنىنى سول تەرەپتىن ياندىغۇدەك
ئىشەنچىلىك بەلگە
مەن قارا مېكىيان تۇغقان تۇخۇمدىن بەشنى ئالىمەن- دەپتۇ بىر ئادەم تۇخۇم ساتقۇچى ئايالغا قاراپ.
ئايال ھەيران بولغان ھالدا:
- ئەگەر پەرق ئېتەلىسىڭىز تاللىۋېلىڭ،- دەپتۇ.
ئۇ ئادەم ئەڭ يوغان تۇخۇمدىن بەشنى تاللاپتۇ- دە، پۇلنى تۆلەپ كېتىپ قاپتۇ.
پىستان چاققان ئوق
بىر جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ.مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئىجرا قىلىدىغان ۋاقىتتا،ئوقتا مەسىلە بولغانلىقتىن،بىرىنچى پاي ئوق پىستان چېقىۋېتىپتۇ.ئارقىدىن ئىككىنچى،ئۈچىنچى پاي ئوقلارمۇ پىستان چېقىپ كېتىپتۇ.بۇ چاغدا ،جىنايەتچى تۇيۇقسىز يىغلاپ كېتىپتۇ:
-ئاكا ،مېنى تۇلا قورقۇتماي ،بوغۇپلا ئۆلتۇرۋەتكىنە.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |