پو ئاتمىغىنە
بىرئادەم شاتۇت بېقىپتۇ،شاتۇتىغا سۆزلەشنى ئۈگۈتۈپتۇ.
بىركۈنى ئۇئادەم شاتۇتنى گەپكە سېلىش مەقسىتىدە شاتۇتقا :
- مەن ئاش يەيمەن، - دەپتۇ.
شاتۇتمۇ بوش كەلمەي :
- مەنمۇئاش يەيمەن ، - دەپتۇ،
-مەن نان يەيمەن دىيىشىگە ، شاتۇتىمۇ دەرھاللا :
- مەنمۇ نان يەيمەن دەپتۇ.
ئۇ ئادەم بۇ شاتۇت نىم دىسەم شۇنى دەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ
- مەن ئۇچالايمەن دېيىشىگە ، شاتۇت ئۆي ئىگسىگە قاراپ :
-پو ئاتمىغىنە ۋا - دىگۈدەك..
كەچۈرۈڭلار
ئىككى دوست چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىپتۇ ،ئۇ يەرنىڭ مەدەنىيىتى بۇلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋاپتۇ . بىر كۈنى ، ئۇلار ئاجايىپ ئېسىل پەلتۇلار ئېسىلغان بىر دۇكانغا كىرىپ ، كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن پەلتولارنى بىر -بىرلەپ كىيىپ كۆرۈشكە باشلاپتۇ .ئىككى دۇكان خادىمى نېمىشقىدۇر ئۇلارغا غەلىتىلا قاراپ تۇرۇپتۇ ،دۇكان خادىمىنىڭ قارىشىدىن تۇرۇپ ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇشىغا ، ئىنگىلىزچە بىلىدىغان بىر خېرىدارنىڭ بۇلارغا ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ قانداق ،چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ قويۇپتۇ :
- كەچۈرۈڭلار ، بۇ كىيىم يۇيۇش دۇكىنى .
ناياتىن
بىر تاكسى شوپۇرى پويىز ئىستانىسىدىن بىر يولۇچىنى ماشىنىسىغا سېلىپ،بىر شىركەتكە ئاپارماقچى بولدى.ئارىلىق پەقەت بىر كىلومېتىرلا كېلەتتى.شوپۇر يولۇچىنىڭ سىرتتىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ،ئۇنى قاقتى-سوقتى قىلماقچى بولدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ يولۇچىنى پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدا تەكرار ئايلاندۇرىۋەردى.يولۇچى سەل يوۋاشمۇ قانداق،گەپ قىلماي ئولتۇرىۋەردى.
ئالتىنچى قېتىم ئايلانغاندا ،يولۇچى يول بويىدىكى بىر ھەيكەلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،شوپۇرغا دېدى:
بۇ شەھەردە ھەيكەل بەك جىق ئوخشىمامدۇ؟يول بويى ئالتە ھەيكەلنى كۆردۈم،يەنە كېلىپ ھەممىسىلا ئوخشاش ھەيكەللەر ئىكەن.
شوپۇر بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى ۋە :«بۇ ئەبلەخ تازىمۇ ئىنىچكە بىر نىمە ئوخشىمامدۇ،بىلىپ قالدىمۇ نېمە؟»دەپ ئويلىدى.
شوپۇر كۆزلىرىنى ئوينىتىپ،يولۇچىغا دېدى:
-بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەريول بويىغا ھەيكەل قاتۇرۇشقا ئامراق،يەنە كېلىپ،ھەممىسى دېگۈدەك ئوخشاش ھەيكەللەر.
شوپۇر كۆرەڭ قىياپەتتە ئولتۇرغاندا،يولۇچى يەنە دېدى:
-ئوخشاش ھەيكەلنى قاتۇرۇشقۇ مۇمكىن بولىدىغان ئەھۋال،لېكىن بىر ئىشنىڭ بولۇشى ناتايىن.
-نېمە ئىش؟ -سورىدى شوپۇر.
-ئالتە ھەيكەلنى كۆردۈم،ھەممىسىنىڭلا ئاستىدا ئوخشاش بىر بوۋاي ئالما سېتىپ ئولتۇرارمۇ؟
ماشىنا ۋە ساھىپجامال
بېيىغان بىر دېھقان ماشىنا ئالماقچى بولۇپ ،ماشىنا بازىرىغا باردى ،قارىسا ،ھەر بىر ماشىنىنىڭ يېنىدا بىردىن ساھىپجامال قىز تۇرغىدەك ،تېخى ئۇلارنىڭ نومۇرى بار ئىدى .
ئۇ - نومۇرلۇق ئەڭ چىرايلىق بىر قىزنى تاللىدى ۋە ئىچىدە ئويلىدى :«ماشىنىنىڭ ياخشى يامان بولىشى بىلەن كارىم يوق،ناچار چىقىپ قالسا يەنە بىرنى ئالسام بولىدۇ ،ئەمما بۇ ساھىپجامال ماڭا بىر ئۆمۈر ھوزۇر بېغىشلايدۇ-دە...»
پۇل كېرەكمۇ ،جانمۇ؟
بىر سەرگەردان كېچىدە يولدا كېتىۋاتاتتى ،بىر قاراقچى ئۇنىڭ يولىنى توستى ۋە تاپانچىنى تەڭلەپ تۇرۇپ سورىدى :
-پۇل كېرەكمۇ ،جانمۇ ؟
سەرگەردان ئويلىنىپ قالدى:«ئۆزۈمنىڭ بىر جېنىنى باقالمايۋاتقاندا ،يەنە بىر جاننى نىمە قىلاتتىم ،ئۇنىڭدىن ئازراق بولسىمۇ پۇل ئالغىنىم ياخشى »شۇنىڭ بىلەن ،ئۇ جاۋاپ قايتۇردى:
-ماڭا پۇل كېرەك
كلىنتوننىڭ ئارزۇسى
بىر كۈنى ،كلىنتون دېڭىز ساھىلىدا سەيلى قىلىپ يۈرگەندە ،ئالدىغا بىر بوتۇلكا ئۇچراپ قالدى .ئۇ ئاغزىنى شۇنداق ئېچىۋىدى ،ئىچىدىن بىر ئالۋاستى چىقتى .كلىنتون بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولدى .
-مەن سېنى قۇتۇلدۇرۋالدىم ،-دىدى ئۇ ،-مېنىڭ ئۈچ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرەرسەن؟
-ئۇنداق قىلالمايمەن ،-دىدى ئالۋاستى بېشىنى چايقاپ ،-سەنمۇ بىلىسەن ،ھازىر مال باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ كەتتى ،باھاسى ئۆسمىگەن نەرسە قالمىدى ،شۇڭا پەقەت بىرلا ئارزۇيۇڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرەلەيمەن .
كلىنتون ئىككىلىنىپ تۇرمايلا ،قوينىدىن بىر خەرىتىنى چىقىرىپ ئالۋاستىغا كۆرسەتتى :
-قارا ،بۇ يەر ئوتتۇرا شەرىق ،مەن مۇشۇ يەردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشىنى توختىتىپ ،تېنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن .
ئالۋاستى خەرىتىگە قاراپ ۋارقىرىۋەتتى :
-ھەي ،بىلىسەنغۇ ،بۇ دۆلەتلەردە ئۇرۇش توختىمىغىنىغا نەچچە مىڭ يىللار بولدى ،ھەر قانچە كارامىتىم بولسىمۇ ،بۇ ئىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ ،باشقا ئارزۇيۇڭ بولسا دىگىن .
-سەنمۇ بىلىسەن ،-دىدى كلىنتون بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ،-كىشىلەر مېنىڭ خوتۇنۇمنى ياخشى كۆرمەيدۇ ،ئۇنى دۆت ھەم سەت دەپ قارايدۇ .مەن ئۇنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل بولىشىنى ،ئۇنى ھەممە ئادەمنىڭ ياختۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن .
ئالۋاستى بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئۇزۇن ئويلىنىپ كەتتى ،ئاخىرىدا ئىككىلىنىپرەك دىدى :
- توختىغىنا ،خەرىتىگە يەنە بىر قاراپ باقاي.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |