ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئېرىڭىز سىزدىن نىمىلەرنى كۈتىدۇ ؟


ئېرىڭىز سىزدىن نىمىلەرنى كۈتىدۇ ؟


 

ئەر كىشىنى ھەرگىز ھېسسىياتسىز، بىپەرۋا كۆرمەڭ، تويدىن كېيىنمۇ ئۇ سىز مۇھەببەتلەشكەن چاغدا ھېس قىلغان ئىللىقلىقنى چوقۇم بېرەلەيدۇ، بىراق ئۇنىڭ سىزدىن كۈتىدىغانلىرىنى چوقۇم چۈشىنىڭ، ھېچ بولمىسا چۈشىنىشكە تىرىشىڭ . 


 

  . مەڭگۈ ئالىيجاناپ، مېھرىبان بولۇڭ.
 مەيلى دوستلار يىغىلىشى بولسۇن ياكى ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە بولغاندا بولسۇن، كىيگەن كىيمىڭىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقمىسا مەيلى، لېكىن ئېرىڭىزنىڭ ئابرويىنى قىلىشنى ھەرگىز يادىڭىزدىن چىقارماڭ، ئامال بار ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، تەربىيە كۆرگەن، ئۆزىڭىزگە خاس قاراشقا ئىگە سالاپەتلىك بولۇشقا تىرىشىڭ. ھەرگىزمۇ سەمىرىپ تىقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئورۇقلاش ئۈچۈن چېنىقىش ئۆيلىرىگە قاترايدىغان، دورا يەيدىغان ئىشنى قىلماڭ. كونىلىقىدىن يىرتىلىپ، تىتىلىپ كەتكەن ئىچ كىيىمنىڭ ئۈستىگە ئېرىڭىز ئېلىپ بەرگەن ئېسىل كىيىملەرنى كىيمەڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئېرىڭىز ئۈستىڭىزدىكى كونىراپ كەتكەن ئىچ كىيىمنى، ئۇ يەر ياكى بۇ يېرى تېشىلىپ قالغان كالتە شىم بىلەن تۇرغان تۇرقىڭىزنى كۆرمىسۇن.


 

    . ئائىلىنىڭ كەيپىياتىغا ئەھمىيەت بېرىڭ.
 ئانىڭىز ئۆگىتىپ قويغان تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى ئۇنتۇماڭ، دەم ئالغان چاغلىرىڭىزدا ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بېرىڭ، ئۇنىڭ تەمى بار ياكى يوقلۇقى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئىشنى قىلماڭ. كىچىك بالىدەك قىلىقلارنى قىلماڭ، ناۋادا چاپىنىنىڭ تۈگمىسى ئۈزۈلۈپ كەتسە ،تەگىمەستىن قاداپ بېرىڭ .مېھرىبان بولۇڭ ،بالىڭىز تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئېرىڭىز بالىنى تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئېرىڭىز بالىنى ئېمىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ يۈرمىسۇن؛ ئەگەر بالا ئېمىتىمەن دەپ چىرايلىق بەدىنىڭىزدىن مەھرۇم بولسىڭىزمۇ، ئېرىڭىز يەنىلا سىزنى چوقۇم قەدىرلەيدۇ.


 

   . كىتاب ئوقۇيدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ.
توي قىلغان ئاياللار كۆپىنچە ئاددىي كۆڭۈل ئېچىش ئوقۇشلۇقى بىلەن مودا كىتابلارنى ئوقۇيدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. بەزى ئەرلەر رومانتىك تۇيغۇنى قوزغىتىش ئۈچۈن مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى، شېئىرلارنى ئوقۇيدۇ، ئۇلار ئەلۋەتتە سىزدىنمۇ شۇنداق كىتابلارنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كىتاب ئوقۇش ياخشى ئىش، بىراق ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ چارىسى بولۇپ قالسا بولمايدۇ. كىتاب ئوقۇش ئەمەلىيەتتە سىزنى ‹‹بىر نەرسە بىلمەسلىك گۇناھى›› دىن خالاس قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا نۇرغۇن ئورتاق تىلنى پەيدا قىلالايدۇ، شۇنداقلا تۇرمۇشىڭىزنى زور مەناغا ئىگە قىلىدۇ. ئومۇمەن، سىزنىڭ ئۈچۈن باشقا بىر خىل خوشاللىق تېپىش يولىنى ئىزدەڭ، چوقۇم بەرگەن بەدىلىڭىزگە لايىق جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز.


 

   . تاسادىپەن ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر خىيالنى قىلىڭ.
 ئاش-تاماق، ئوتۇن، كۆمۈر بىلەن پۈتىدىغان كىشىلىك ھايات ئەرلەرنىڭ قەلبىدە چوقۇم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خىياللارنى پەيدا قىلىدۇ. گەرچە بۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە غەلىتە، بىمەنە خىياللار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى مازاق قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ. روھىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالغان چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر خىيالنى قىلىپ، شېرىن خىيالىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇڭ. ئەمما بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، چۈنكى ھەر قانداق بىر نورمال ئەر كىشى ئەخمىقانە خىياللارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كويىدا بولمايدۇ، چۈنكى مەڭگۈ بۇزۇلمايدىغان چۈش بولمايدۇ .


 

   . يۇمۇرىستىك تۇيغۇ سىزگە زىيان قىلمايدۇ.
 ئاياللارنىڭ مۇلايىملىقى بىلەن ئاق كۆڭۈللۈكى گوياكى بىر ناۋات، ئەمما بۇ ئەرلەرگە مەڭگۈ ئوزۇق بولالايدۇ دەپ قارىسىڭىز چوقۇم خاتالىشىسز؛ يۇمۇر خۇددى تۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئىنتايىن ئاز خۇرۇچ، ناۋادا بۇ خۇرۇچ بىر يەرگە كېلىدىغان بولسا، چوقۇم باشقىچە تەمگە ئىگە بولۇپ، سىزگىمۇ، ئېرىڭىزگىمۇ خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203