ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش


ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش


 

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەرلەر ئارىسىدا تالاغا قاراش ھادىسىسى كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە . ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى ئاساسەن ئۇلاردىكى تەڭپۇڭسىز روھىي ھالەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بەك بالدۇر نىكاھلانغان ئەرلەر مۇھەببەتكە قارىغۇلارچە باھا بېرىدۇ ؛ ئۇلار بىر مەزگىللىك سۆيگۈ - مۇھەببەت كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ توي قىلغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئاياللارنى ھەقىقىي رەۋىشتە چۈشۈنۈشكە باشلايدۇ .
  ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى ئىنسانلار تەبىئىتىدە بولىدىغان كۆڭلى غەيرىنى تارقىتىش تارتىش ۋە يېڭىنى ھەۋەس قىلىشتەك پىسخىك ئالاھىدىلىك بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . ئەر كىشى ئايال ھەمراھ ئىزدىگەن چاغدا ، كۆپىنچە يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ئەرنىڭ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى زىلۋا قىزنى ياقتۇرغىنىغا ئوخشاش بىر خىل مۇقىم قىلىپنى بەلگىلاۋاتىدۇ . ئەمما ، تويدىن كېيىن بەزى ئەرلەر خوتۇنىنىڭ سېمىزرەك بولىشىنى ئارزۇ قىلسا ، بەزى ئەرلەر ئۇشتۇمتۇت زىلۋا ئاياللارغا ئىشتىياق باغلاپ قېلىشىمۇ مۈمكىن . بەزى ئائىلىلەردە ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلاشماسلىقى ئەر كىشىنى يېڭىسىنى ئىزدەيدىغان قىلىپ قويىدۇ .
  ئەر كىشىنىڭ تالاغا قارىشى ئۈچۈن ، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن ئىقتىسادىي كۈچنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى سەۋەب بولۇپ قالىدۇ . بەزىلىرى ھېسسىيات جەھەتتە بۇرۇلۇش ياساپ ، ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى ، مەسىلەن ، ئايال كاتىپى ، ئايال ئىش بېجىرگۈچىسى بىلەن خۇپىيانە مۇناسىۋەت قىلىشقا باشلايدۇ . ھوقۇق خاراكتېرىنى ئالغان بۇنداق تالاغا قاراش كۆپىنچە يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ . يەنە بەزى ئەرلەر سودىگەرچىلىك قىلىپ پۇل تېپىپ ، توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىرىدۇ . بۇ ئىقتىسادى خاراكتېرلىق تالاغا قاراش ھېسابلىنىدۇ . يۇقۇرقى ھەر ئىككى خىل تالاغا قاراشتا مۇھەببەت ئاساس قىلىنغان ئەمەس .
  بۇ ئىككى خىل تالاغا قاراشقا قارىغاندا ، ھېسسىياتقا مۇناسىۋەتلىك تالاغا قاراش تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ . نىكاھلىنىپ بولغان بىر ئەر كىشى خوتۇن بىلەن كېلىشەلمەي تۇرغاندا ، باشقا بىر ئايالنىڭ ئىشقىغا مۇيەسسەر بولۇپ قالسا ، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسىمۇ ، لېكىن ھېسسىيات جەھەتتە بىر - بىرىگە ئىجىل بولۇپ قالىدۇ . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش بىر ئاز تەسكە توختايدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ھەر دائىم يولدىشىنىڭ دەردىگە داۋا بولىشى تولىمۇ مۇھىم .
  تالاغا قاراش ھادىسىسى ، ئەرلەرنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن يوشۇرۇن ، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلىدۇر . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىدىن تاشقىرى ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ مەدىنىيەت ، ھېسسىيات ، پېسخىلوگىيە جەھەتتىكى مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىچىدىن كۆڭۈلدىكىدەك يېتەكلەش ئۇسۇللىرىنى  تېپىپ چىقىش لازىم .
  ئەرلەرنىڭ ھېسسىياتقا مۇناسىۋەتلىك بولغان تالاغا قاراش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئايال كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار ، تۆۋەندە بۇ ھەقتە بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاپ ئۆتىمىز :
  ھەر قانداق بىر ئايال ئېرىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى باشقا بىرسىنىڭ ئىگىلىۋېلىشى تۈپەيلىدىن ، ئېرىنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قېلىشتەك رېئاللىققا ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلالماسلىقى مۈمكىن . شۇڭا بۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە : " بۇنداق قىسمەتنى مېنىڭ بېشىمغا كېلىشى مۈمكىن ئەمەس ، بىزنىڭ نىكاھىمىز مۇستەھكەم ، ئېرىم كۆڭۈلنىڭ  كەينىگە كىرمەيدۇ " دەيدىغان ئىنكاستا بولىدۇ .
 ئەمما ، كۆپ ساندىكى ئەرلەر نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا قائىدە - يوسۇندىن چىقىپ ، كۆڭلىنى باشقا ئاياللارغا بېرىشكە باشلايدۇ ، ھالبۇكى بۇ ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغان ئەھۋال .
ئەرلەرنى خوتۇنلىرىغا خائىنلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەب زادى نېمە ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ ، چۈنكى ھەر بىر ئەرنىڭ بۇ يولغا مېڭىشتىكى سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ .
ئەرلەر نېمە سەۋەبتىن ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىدۇ ؟
  بۈگۈنكى كۈندە ئەرلەر بارلىقىنى خىزمەت ، كەلگۈسى ۋە باشقا ئىشلارغا بېغىشلىغان بولغاچقا ، ئادەتتە خوتۇنلىرىغا سادىق بولىدۇ . ئۇلار خوتۇنلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدەك نېمە دېسە لەببەي دەپ تۇرىدىغان ساۋاتسىز ، ئىتائەتمەن ئاياللاردىن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ . ھازىرقى زامان ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى بىلىدۇ ، ئەرلىرىنىڭ ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىشىغا ئىتائەتمەنلىك ۋە ئېرىغا ئېتىبارسىز قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئەر چوقۇم ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان باشقا بىرىنى ئىزدەيدۇ . ئاياللار يەنە گۇمانخورلۇق ۋە قىياس قىلىش كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالسىمۇ ، ئېرىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە كۆيۈنىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ . بۇنداق ئەرلەرگە جەمىيەتمۇ ھېسداشلىق قىلىدۇ . بەزى ئەرلەر داۋاملىق كاماندوروپكىغا چىقىپ مۇھىم ئىشلار بىلەن بەند بولىدۇ . ئۇنىڭ غەم - ئەندىشىلىرىگە ئورتاقلىشىپ بېرىدىغان يېقىن ئادىمى بولمىسا ، ئۇ دەرھال باشقا ئاياللارنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ .
  خوتۇن بولغۇچى ئەرنىڭ يوشۇرۇن ھالدا باشقا ئاياللار بىلەن ئاپاق - چاپاق بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەندە نېمىلەرنى قىلىشى ، قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ؟
 ئاياللار بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ، ئاسانلىقچە ئۆزىنى بېسىۋالالمايدۇ . بۇ دەل ساقلىنىش زۆرۈر بولغان ئىشتۇر . ئادەم زەربىگە ئۇچراپ ، كۆڭلى پاراكەندە بولغاندا ، سۆز - ھەرىكىتى دۇرۇس ، ئەتراپلىق بولمايدۇ . بۇنداق چوڭ ئىشنى ئېھتىياتچانلىق ۋە ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر . شۇڭا ئالدى بىلەن ئىشنىڭ روھى جەھەتتىكى دوستلۇق ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك . ئەرلەر ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ ھېسداشلىق قىلىشى ، چۈشۈنىشى ۋە كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج بولىدۇ . ئەگەر مەسىلە چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق .
ئاياللار كۆپ ھاللاردا ئىشلارغا خاتا ھۆكۈم قىلىپ ، باشقىلا ربىلەن بىكاردىن - بىكار توقۇنۇشۇپ ، ھەر ئىككىلا تەرەپنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . ئەرنىڭ باشقا خوتۇنلار بىلەن گەپلەشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ئۆزىگە كۈندەشلىك ئوتىنى يېقىۋالماسلىقى كېرەك . ئەگەر ئىش ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ، يېقىنلىق قىلىش ، كۆيۈنۈش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئارقىلىق ئەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋېلىش كېرەك . ئىشلارنى ئوچۇق - ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ ، نىكاھ ئىشىدا زادى نېمە مەسىلىلەر بارلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىشنىڭمۇ پايدىسى بار . ئادەم چوقۇم ئۆزىگە سادىق ، سەمىمىي ، راستچىل بولۇشى ، ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىكى ئازارلىقنى ئېتىراپ قىلىشى ، ھەرگىزمۇ يوشۇرۇش ئۈچۈن باھانە ئىزدىمەسلىكى لازىم .
 مەسىلىنىڭ تۈگۈنى تېپىلغان ئىكەن ، چارە - تەدبىر تېپىپ ھەل قىلىش زۆرۈر . پەقەت ۋاقتىدا ھەل قىلغاندىلا قارشى تەرەپنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىپ مۇناسىۋەت قۇتقازغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ بېرىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن . بۇنداق ئەھۋالدا ئەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش كېرەك . چۈنكى مۇھەببەت ۋە سادىقلىق مەجبۇرلاش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس .
  ئەگەر ئەر پۈتۈنلەي تالاغا قاراپ خوتۇنىنى تاشلىۋەتكەن بولسا ، خوتۇن ئەرنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ يۈرىۋەرسە ، بۇ خوتۇننىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .
  ئادەتتە ئاياللار زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۇرسىمۇ ، ئەرنى قولىدىن چىقارماي ئەپلەپ - سەپلەپ ئائىلىنى قوغداپ قېلىشنى ، پەرزەنتلىرىنى ئاتا - ئانا ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇچرايدىغان روھى ئازاپتىن ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدۇ . بەزى ھاللاردا بۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ . بەزى ھاللاردا ئەرمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىنى خالىمايدۇ . لېكىن ، بەزىدە بۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماي بىر تالاي يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ .
 تالاغا قاراش ئونۋېرسال كېسەللىكىنى داۋالايدىغان شىپالىق دورا يوق . كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . ئەمما ئالدىنى ئېلىش ، داۋالىغاندىن ياخشى .


 

 " قىز - ئاياللار مەخپىيەتلىكى " ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203