ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
نىكاھ كۈنلۈكىڭىزدىن ئايرىلىپ قالماڭ


نىكاھ كۈنلۈكىڭىزدىن ئايرىلىپ قالماڭ


 

  بەزىلەر« نىكاھ - سىرتماق »دىسە، يەنە بەزىلەر« نىكاھ - سىرىتتىكىلەرنىڭ كىرگۈسى كېلىدىغان، ئىچىدىكىلەرنىڭ چىققۇسى كېلىدىغان قورغان » دەيدۇ. « نىكاھتىن ئىلگىركىسى مۇھەببەت ، نىكاھتىن كېيىنكىسى مەسئۇلىيەت، شۇڭا مۇھەببەتنى دىسەڭ توي قىلمىساڭ بولىدۇ» دەيدىغانلارمۇ بار. بىراق يەنىلا كۆپ سانلىق كىشىلەر تۇرمۇشتىكى غايەت زور قالقانلىق رولىنى ئېتىراپ قىلماي قالمايدۇ.
  نىكاھ توغرىسىدا گەپ ئېچىلسىلا كۆز ئالدىمغا مۇنداق بىر مىسال كېلىدۇ : مەن تونۇيدىغان بەخىتلىك بىر ئائىلە بار ئىدى. ئەر - خوتۇن ئىككەيلەن ياش، بىلىملىك، كېلىشكەن، خىزمىتى مۇقىم ئىدى.يەنە تېخى بىر ئوغۇل،بىر قىز پەرزەنتى بار ،ھەممىنىڭ كۆزى چۈشىدىغان، كەم - كۈتسىز ئائىلە ئىدى.كىيىن ئۇلار ئاجرىشىپ كېتىپ بالىلارنى بىردىن بۆلۈشۈپتۇ.مەن تاسادىپىيلىق ھېس قىلىپ ئىچكىرىلەپ سوراشقا باشلىدىم.ئاخىرى ئىش ئايدىڭ بولدى. شىرىن مۇھەببەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ،ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ،بىر ياستۇققا باش قويغان بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ دەسلەپكى تۇرمۇشى ناھايىتى بەخىتلىك ئۆتكەن.بىراق كىيىنكى كۈنلەردىكى خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى، كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان رىقابەت، بولۇپمۇ ئىككى پەرزەنتىنى تەربىيىلەش ئىشى دىگەندەك بىر يۈرۈش جىددى تۇرمۇش رىتىمى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى «ئىللىق ئائىلە»ئەمەس، بەلكى « ھەشەمەتلىك ئۆي »لا بار،ئىللىقلىقى يوق قۇرۇق ئۆيگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ھەر ئىككەيلەن بىرەر ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلىشمايدىغان، ھە دىسىلا خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئۆيىگىچە ئەكىلىپ، ئائىلىۋى ئىللىقلىقتىن بەھرىمەن بۇلۇش ئورنىغا: «بالدۇرراق بۇنداق بۇلىشىنى بىلگەن بولسام، ھەرگىز سەن بىلەن توي قىلماسكەنمەن.....»دەپ قاقشاشقان. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككەيلەن ئائىلىسىدىن تاپالمىغان(ئەمەلىيەتتە ئىزدەشكەئۇرۇنمىغان) خوشاللىقنى بىلىپ - بىلمەي سىرتتىن ئىزدىگەن. «تامنىڭمۇ قۇلىقى بار»دىگەندەك بۇ ئىش جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىپ قالغان. كىيىن ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكەن. چوڭلار ئارىلاشقان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان.
  خۇددى ئۆز تۇغقىنىمنىڭ بەختسىز تۇرمۇشىغا ئېچىنىۋاتقاندەك كاللام گادىرماش سوئاللار بىلەن تولۇپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنە بىر تاساددىپىلىقنى ئاڭلاپ قالدىم.ئۇلار يەنە ئاجىرىشىدىكەن، مەن يەنە بىر قېتىم رازۋىتچىكلاردەك ئىشنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاشقا كىرىشتىم.
 ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، شىرىن سۆزلۈك،كەم-كۈتىسىز قارشى تەرەپ تويدىن كىيىن ئۇنداق بىلىنمىگەن. تويدىن ئىلگىرى ھېس قىلمىغان كەمچىللىكلەر ،زىددىيەتلەر ،بولۇپمۇ چوڭ-كىچىكلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتلەر ئۇلارنى قايتىدىن تالجىتقان. قىسقىسى، ئىلگىركى تارىخ يەنە تەكرارلانغان. ئايالنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى مىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى :«مەن ئىلگىركى ئىرىم بىلەن چىقىشالماي يۈرگەن كۈنلەردە تاساددىپى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، دەسلەپتە ھەرگىزمۇ -شەخىس بىلەن توي قىلىپ ئائىلەمنى بۇزۇش نىيىتىم يوق ئىدى. بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان،ھېسسىياتقا باي،پەقەت نىكاھتا ماڭا ئوخشاش بەختسىز بىر بىچارە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.قەلبىمدىكى ئاللىقاچان ئۆچكەن مۇھەببەت ئوتى ماڭا باقماي ئاستا-ئاستا يالقۇنجىدى.ئۇنىڭ بىلەن بىر-نەچچە قېتىم كۆرۈشۈشۈم ،بىللە تاماق يېيىشىم بىردەمدىلا ئەتراپتىكىلەرگە غەلىتە تەسىر بېرىپتۇ.بۇ ئىشقا ئاچچىقىم كېلىپ يۈرگەندە،ئېرىم ئوچۇقتىن-ئوچۇق بۇ ئىشنى يۈزۈمگە سالدى.مەنمۇ بوش كەلمەي« ئاجراشساق ئاجراشتۇق » دەپ كېسىپلا دىدىم. كىيىن ئاڭلىسام ئۇنىڭمۇ كۆڭلىدە ئويلىغىنى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە بۇزۇلۇپ،يېڭىدىن ئىككى ئائىلىگە ئايلاندى.ئ ەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا ئاجرىشىش -خاتالىغىم بولسا،قايتىدىن توي قىلىش-خاتالىغىم ئىكەن. ئەمدى مەن قانداق قىلاي...يەنە ئاجىراشسام بۇ -خاتالىغىم بولارمۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ،قانداق قىلىمەن؟ بالىلىرىمنى جەم قىلىپ بېقىپ،تەنھا ئۆتۈپ كېتەيمۇ ياكى بالىلىرىمنىڭ دادىسى بىلەن قايتىدىن يارىشىپ قىلىشنى تەلەپ قىلايمۇ،ئەگەر ئۇ قوشۇلمىسىچۇ؟».
  يۇقىرىقى ئىشتىن شۇنى ھېس قىلدىمكى نىكاھ خۇددى كۈنلۈككە ئوخشايدىكەن.ھاۋا ئۇچۇق كۈنلىرى كۆتۈرۈۋالغان بۇ «يۈك» تىن تولىمۇ بىزار بولۇپ،چۆرىۋەتسەم نەقەدەر راھەت دەپ ئويلايسىز،ئۇنى چۆرىۋەتكىنىڭىزدە تەبىئەتتە قار-بوران، يامغۇرنىڭ بارلىقىنى، ئىلگىرى كۈنلۈك ئاستىدىكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئەڭ خاتىرجەملىكىنى ھېس قىلىسىز.شۇڭا تويدىن ئىلگىرى كۆزنى يوغان ئېچىپ ئوبدان ئويلىنىپ توي قىلىش كېرەك ئىكەن، تويدىن كىيىن كۆزىڭىزنىڭ بىرىنى يۇمىۋالغاچ ياشىغان تۈزۈككەن. كونىلاردا«ياخشى سۆز تاشنى يارار»دەيدىغان گەپ بار.بىر ئۆيدىكى ئەر-ئايال ئىككەيلەن ھېسسىيات جەھەتتە بىرلىككە كېلەلمىگەن تەغدىردىمۇ،ئۇلار دۈشمەن ئەمەس. بىرەر ئېغىز چىرايلىق گەپ، ئىللىق تەبەسسۇم، ياخشى مۇئامىلە، قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، چۈشىنىش - ھەر قانداق پاسسىپ ھالەتنى ئوڭشىيالايدۇ.
  قىسقىسى، نىكاھ كۈنلۈكىڭىزدىن ئايرىلىپ قالماڭ....


 

مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203