نىكاھتىكى ئۈچ بۇرجەك
نىكاھ خوتۇن ، ئاشنا ، ساھىپجامالدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ زىددىيىتىدىن مۇستەسنا ئەمەس.
خوتۇن ---- توپلىغان بارلىق ئامانىتىڭىزنى تاپشۇرىدىغان ئايال.
ئاشنا---- سىز ئوغرىلىقچە كۆرۈشىدىغان ۋە خوتۇنىڭىزنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ئايال.
ساھىپجامال ---- خوتۇنىڭىزغا، ئاشنىڭىزغا دېيىشنى خالىمايدىغان سىرىڭىزنى دەيدىغان ئايال.
خوتۇنىڭىز سىزگە ھەمراھ بولىدۇ. ئاشنىڭىز پۇلىڭىزنى خەجلەيدۇ. ساھىپجامال بولسا سىز بىلەن سىردىشىدۇ.
خوتۇن ئائىلىنى قوغدايدۇ، ئاشنا ئائىلىدىن بىزار بولىدۇ، ساھىپجامال كۆڭۈل سىردىشى، ئۇ يېنىڭىزدا بولمىسىمۇ تۇرمۇشتا يالغۇزلۇق ھېس قىلمايسىز.
خوتۇننىڭ مېھرى بىر ئىستاكان قايناقسۇغا ئوخشايدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق- سوغۇقىغا دۇچار بولغاندا، ئۇنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئاشنا بولسا قايناقسۇغا شىكەر سالغانغا ئوخشايدۇ. ئىچىۋەرگەندە ئۇسسۇزلۇق قانماسلىقى مۈمكىن. ساھىپجامال كېچىدە ئىچكەن بىر ئىستاكان قەھۋەگە ئوخشايدۇ. ئۇنى ئىچكەنسىرى ئادەم روھلىنىپ كېتىشى مۈمكىن. نىكاھتىكى بۇ ئۈچ بۇرجەكنىڭ گەرچە ئۆزىگە چۈشلۇق جەلىپ قىلىش كۈچى بولسىمۇ، يەنىلا خوتۇنىغا يەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئائىلىگە، ئېرىگە كۆيۈنىدۇ. ئۇنى ئاسرايدۇ. ئاشنا ۋە ساھىپجاماللار ئەقلىنى لال قىلغان بىلەن ئاخىرىدا سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك غايىپ بولىدۇ.
مەنبە : قانۇنچىلىق گېزىتى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |