نىكاھنى مۇستەھكەملەيدىغان سۆزلەر
. ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان سۆز :
« سىزنى سۆيىمەن » . بۇ گەپنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە ئېرىشكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز. بۇ گەپنى قىلغان ۋاقتىڭىزدا، كۆڭلىڭىزدىكى ھەمراھىڭىزنى تاپقانلىقىڭىزنى بىلدۈرىسىز.
. كۆڭۈلنى ئەڭ تېنچلاندۇرىدىغان سۆز :
« ھازىرلا بارىمەن» . ھەرقانداق ئادەمنىڭ ياردەمگە مۇھتاج بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. تۇيۇقسىز سۇ تۇرۇبىسى بۇزۇلۇپ قالغاندا، چوڭ يولدا كېتىۋېتىپ ماشىنىڭىزنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ قويغاندا، ئۆيدىكى بىرەر نەرسىنى ئىزدەپ تاپالمىغاندا . . . ئىشقىلىپ سىز بىرەر ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ، ھەمراھىڭىزغا تېلىفۇن بەرسىڭىز، ئۇنىڭ « ھازىرلا بارىمەن» دېگەن بىر ئېغىز سۆزى سىزنى يەلكىڭىزدىكى ئېغىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.
. كىشىگە ئىشەنچ بېغىشلايدىغان سۆز :
« ئىقتىدارىڭىزغا ئىشىنىمەن » . بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەيدىغان بىر تەدبىرى بار ئىكەن. ئۇ دائىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ تۇرىدىكەن، مەيلى ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچى بولسۇن ياكى ناچار ئوقۇغۇچى بولسۇن، ئۇ ھەممىسىگە ئوخشاشلا « سېنىڭ ئىقتىدارىڭغا ئىشىنىمەن » دەيدىكەن. شۇڭا، سىزمۇ ھەمراھىڭىز بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، خاتالىق سادىر قىلغاندا ياكى ئىككىلىنىپ قالغان چاغلاردا ، ئۇنىڭغا « سىزگە ئىشىنىمەن» ، « بۇ ئىشنى چوقۇم قىلىپ كېتەلەيسىز » دەپ ئىشەنچ بېغىشلاڭ.
. ئارىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىدىغان سۆز :
« بەلكىم سىزنىڭ توغرىدۇ » . ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا كىچىك ئىشلار ئۈچۈن جىدەللىشىپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ سەل ئۆزىنى بېسىۋېلىپ : « بەلكىم سىزنىڭ توغرىدۇ » دېسە ، قارشى تەرەپ شۇ زامان پەسكويغا چۈشىدۇ - دە، جىدەل بېسىقىدۇ. بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈپ بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان ئەر - خوتۇنلار ئۈچۈن بۇ گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرىش ئانچە قىيىن ئەمەس. مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن نۇرغۇن زىددىيەتنى ھەل قىلغىلى، مېھىر- مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |