ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئەرلەر مەڭگۈ بىر بالا


ئەرلەر مەڭگۈ بىر بالا


 

  ئەرلەر ماھىيەت جەھەتتىن بىر بالىدىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇلار پۈتكۈل ھايات مۇساپىسىدە باشتىن -ئاخىرى بالىلىقتىن نېرى بولالمايدۇ.
   بەزىدە ئۇ سۆزلەپ توختىمايدىغان بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا بىر كۈن جەريانىدا يۈز بەرگەن چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە دەپ بېرىشكە ئالدىرايدۇ.سىزنىڭ باھا بېرىشىڭىزنى،ماختىشىڭىزنى،قوللىشىڭىزنى كۈتىدۇ.
   بەزىدە ئۇ ھەممىلا نەرسىگە قىزىقىپ تۇرىدىغان سەبىي بالىغا  ئوخشاپ قالىدۇ.خىيالىغا كەلگەننى دەپ،سىزدىن نېمىلەرنىدۇر كۈتىدۇ. بۇ چاغدىكى بىچارىلارچە يالۋۇرۇش تەلەپپۇزى كىچىك بالىنىڭ ئۆزىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ.
  بەزىدە ئۇ پەپىلەپ چوڭ قىلغان ئەركە بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ.بىرەر ئېغىز قاتتىق گەپ،قوپال سۆز ياكى ئەيىبلەشنىمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ.ئازىراقلا ساقسىز بولۇپ قالسا ئىڭراپ ۋايسايدۇ.سىزنىڭ دوختۇر ئەمەسلىكىڭىزنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا توختىماي دەرد تۆكۈپ سىزنىڭ كۆيۈنىشىڭىز ۋە غەمخورلۇق قىلىشىڭىزنى كۈتىدۇ.  
  بەزىدە ئۇ زەربە يېگەن بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ.سىزگە تەلمۈرۈپ تەسەللى ۋە ئىلھام ئىزدەيدۇ.تىخىمۇ كۆپ چاغلاردا ئۇ سەۋەبىنى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ،يالغۇزلۇق ۋە تەشۋىش ئۇنى ئىسكەنجىگە ئالىدۇ.بەلكى بۇ خىزمەت،كەسىپ جەھەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقتىن،كەيپىيات جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقتىن ياكى ھېسسىيات جەھەتتىكى داۋالغۇشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.ئىش قىلىپ بۇ بىر خىل تېڭىرقاش، ئامالسىزلىق ،ئازاپ ۋە ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسىدىن ئىبارەت بولۇپ،گاھىدا ئۇ قاتتىق بىر يىغلىۋېلىشقا مۇھتاج بولۇپ قالىدۇ،گەرچە ئۇ كۆز يېشىنىڭ ئەرلەر ئۇچۇن بىر يارىماسلىق ھېسابلىنىدىغىنى بىلىپ تۇرسىمۇ.
  ئەرلەر سىزدىن كۆپ ئىش قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ.پەقەت بەزىدە ئانىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ،ئانىنىڭ رولىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىشىڭىزنىلا كۈتىدۇ. بۇ پسىخىك جەھەتتىكى ئالاھىدە ئېھتىياج بولۇپ،بۇ ئارقىلىق ئۇلار خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ تەسەللى تاپىدۇ.
  ئەرلەردىكى بۇخىل ئارزۇ بالىنىڭ ئانىسىنىڭ قۇچاقلىشىنى تەمە قىلغاندەكلا بىر ئىش بولۇپ،مەيلى ئۇ ياش جەھەتتە قانچە چوڭ بولسۇن،قەلب قەسىرىگە يەنىلا شۇ خىل تاتلىق سېزىم  يوشۇرۇنغان بولىدۇ، بۇ بىر خىل تەبىئىيلىك بولۇپ،تۇغۇلۇشتىنلا بار بولغان ھەم بىر ئۆمۈر يوقالمايدىغان ئالاھىدىلىكتۇر.
    قىسقىسى، ئەرلەر گاھىدا پىشقان ئەركەكلەرگە خاس بولغان سالاپەتكە مۇخالىپ بولغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ. ئەمما بۇنداق چاغدا ئۇنى ئەيىبلىمەسلىكىڭىز،مەسخىرە قىلماسلىقىڭىز ھەم ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكىڭىز كېرەك. بىر ئادەمنى سۆيۈش ئۇنىڭغا كۆيۈنۈش دىگەنلىك بولۇپ ،سۆيگۈ چوڭقۇرلاشقانسىرى ئادەمدە بار بولغان يوشۇرۇن ئاتىلىق ياكى ئانىلىق ھېسسىياتى تېخىمۇ ئۇرغۇيدۇ. ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنىڭ سۆيگىنى،دوستى،قىزى ۋە ئانىسى بولۇشى لازىم.ئانىلىق مېھرى كەمچىل بولغان بىر ئايال بىر ياخشى ئائىلە ئايالى بولالىشى مۇمكىن،ئەمما ئۇ مەڭگۈ بىر ياخشى خوتۇن بولالمايدۇ.چۈنكى ئەرلەر مەڭگۈ بىر بالا


 

مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203