ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
تويدىن كىيىن بىر كۆزىڭىزنى يۇمۇۋېلىڭ


تويدىن كىيىن بىر كۆزىڭىزنى يۇمۇۋېلىڭ


 

  كۆزگە قۇم كىرىپ كەتسە، قانداق بىئارام بولىدىغانلىقىمىز ھەممىمىزگە ئايان، شۇڭا ھېچكىم كۆزىگە قۇم كىرىپ كېتىشنى خالىمايدۇ، ئەمما كۆزىمىزگە قۇم تاسادىپىي كىرىپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. بۇ چاغدا قۇمنى ئاۋايلاپ چىقىرىۋېتىمىز. نىكاھ خۇددى كۆزگە ئوخشايدۇ. شۇڭا نىكاھنىمۇ كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا توغرا كېلىدۇ.
  نىكاھلانغان ئىكەنسىز تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق- سوغۇقىنى باشتىن كەچۈرىسىز. مەن نىكاھقا « يىراققا نەزەر سېلىش» مەيدانىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە « بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ، كەلگۈسىدە چوقۇم بەختلىك ئۆتىمىز» دەيدىغان ئىشەنچ بولۇشى كېرەك.
  ھايات بىر جەريان، نىكاھمۇ بىر جەريان. ئىللىق ھاۋا بار يەردە بوران- چاپقۇن، قار شىۋىرغانلىق ھاۋانىڭ بولۇشى تۇرغانلا گەپ. گەپ سىزنىڭ بۇنداق «ئوسال ھاۋا» غا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىزدا. تۇرمۇشنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ ئۆتكۈزۈۋەتسەك، بەلكىم بۇ نىكاھ بىزگە خوشاللىق ۋە بەخت ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن.
  بىزدە « تويدىن ئاۋال كۆزۈڭنى يوغان ئاچ، تويدىن كىيىن بىر كۆزۈڭنى يۇمۇۋال» دەيدىغان سۆز بار. تويدىن كىيىن كۆزىمىزنى يوغان ئېچىۋالساق، كۆرۈنىدىغىنى ئارتۇقچىلىقتىن كۆپرەك كەمچىلىك بولىدۇ. بۇنداق كەمچىلىك زىددىيەتنى بىخلاندۇرىدۇ. ئائىلىدە ئۇششاق ئىشلار سەۋەبلىك جېدەللىشىش، ھەتتا ئاجرىشىش تولىمۇ بىمەنىلىك، ئەمما بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە ۋىجدانسىزلىق قىلسىچۇ؟ ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرەمدۇق- بەرمەمدۇق؟
  بۇ « كۆزىمىزگە قۇم كىرگەن» كۈننىڭ كەلگەنلىكى، ئۇنداقتا بۇ كۆز بىزگە يەنە كېرەكمۇ؟ كېرەك بولسا « قۇم» نى ئاۋايلاپ چىقىرىۋېتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە قۇم كىرگەندىكى ئازابقا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. دىمەك نىكاھتا بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە خىيانەت قىلغاندا « قۇم» چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قارشى تەرەپكە پۇرسەت بېرىمىز. بۇ نىكاھىمىزنى كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىغىنىمىز.
  نىكاھتا بەختكە ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىز بەخت ئىشىكىنى توختىماي، زېرىكمەي چېكىڭ
 بەخت ئىشىكى چىڭ ئېتىكلىك ئىكەن. بەخت ئىزدىگۈچى بىر كىشى بەخت ئىشىكىنى توختىماي چېكىپتۇ، ئېچىلماپتۇ، ئۇ كىشى تاقەت قىلالماي كېتىپ قاپتۇ. بۇ چاغدا بەخت ئىلاھى « ھەي بىچارە، يەنە بىر قېتىم چەككەن بولساڭ، بەخت ئىشىكىنى ئېچىپ بېرەتتىم» دەپتۇ. بۇ بىر رىۋايەت، ئەمما بۇنى رېئاللىقتىكى نىكاھقا تەدبىقلىغاندا، نىكاھتىكى بەخت ئىشىكىمۇ كىچىك زىددىيەتلەر ئالدىدا بىر كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، «يەنە ئازراق بەرداشلىق بېرەي» دىگەن غەيرەت بىلەن توختاۋسىز چېكىلىشكە مۇھتاج. بۇ چاغدا بەختمۇ سىزگە بارا- بارا يېقىنلاشقان بولىدۇ.


 

مەنبە  : « قانۇنچىلىق گېزىتى»

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203