خام ۋە پىششىق تاۋۇز ھەققىدە پاراڭ
قۇملۇقتا كېتىۋاتقان كارۋان ھەمراھى پىچقان تاۋۇز خام چىقىپ قالغاچقا ، تاۋۇزنى بىر چىشلەم يەپلا تاشلىۋېتىپ يولىغا راۋان بوپتۇ . كېيىن يولدىن ئېزىپ قېلىپ ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن بىر سەيياھ بۇ خام تاۋۇزنى تېپىۋېلىپ ، ئىشتىھا بىلەن يەپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ .
بۇ جەرياننى كۆزەتكۈچىلەر تاۋۇزنى تاشلىۋەتكۈچىگە : ئىسىت شۇنچە ئىسسىقتا خام تاۋۇز بولسىمۇ ئۇسسۇزلۇقنى باساتتى - دە ، بىكار تاشلىۋەتتى ، دىيىشىمۇ ، باشقىلار تاشلىۋەتكەن خام تاۋۇزنى ئىشتىھا بىلەن يىگەن سەيياھنى مازاق قىلىشىمۇ مۇمكىن . ھەر نەرسىنىڭ قەدىرى خاسلىقى بىلەن بولىدۇ . ھەممىلا چىرايلىق ئايالنىڭ ياخشى خوتۇن بولالماسلىقى ،كۆرۈمسىز ئاياللارنىڭمۇ ئوخشاشلا ناچار خوتۇنلاردىن بولماسلىقى مۇمكىن .شۇنداقلا قاملاشقان ،ئۇقۇمۇشلۇق يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى ئەرلەردىن ، تومپاي ، تەربىيە كۆرمىگەن يىگىتلەرنىڭ ناچار ئەرلەردىن بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن .
جەمئىيەتتە « شۇنداق ياخشى ئايالنى قويىۋەتتى » ، « شۇنداق يوۋاش ، ئوبدان ئەردىن ئاجرىشىپ كەتتى » دىگەن پاراڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز .نىكاھ ئەر ئايال ئورتاق كۆتىرىپ ماڭىدىغان سىرلىق كۈنلۈك .كۈنلۈك ئاستى بىر دۇنيا ، سىرتى بىر دۇنيا . شۇڭا « ئىسىت ، شۇنداق ئېسىل ئادەم ئىدى ، زايە كەتتى » دەپ ، باشقىلارنىڭ كۈنلۈكىگە ئالدىراپ باھا بېرىپ ، ھەيران بولىشىمىز بىھاجەت . شۇڭا باشقىلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس قورغىنىغا ئاغزىغا كەلگەنچە باھا بېرىپ ، باشقىلارغا ئىش ئۆگىتىپ ، ئەقىل كۆرسىتىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس . ئائىلىدىكى ھار بىر كۆڭۈلسىزلىك ، جۆرىڭىزنىڭ قاملاشمىغان قىلىق - ئادەتلىرى دەل لاۋزا تاۋۇزدۇر .بىراق سەۋر قىلسىڭىز « خام تاۋۇز » نى ئالدىراپ پىچىپ زىدە قىلىپ ، ۋاقىتسىز سېستىۋېتىشتىن ساقلانسىڭىز ، ئۇنى پەرۋىش قىلىپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ پىشۇرالىسىڭىز ، « تەمسىز تاۋۇز » غا ئەمەس ، « قىزىل شىكەر» گە ئېغىز تىگىشىڭىز مۇمكىن . ھەمراھىڭىزنىڭ سەمىمىي ساداقىتى كۆيۈنۈش - مېھرىبانلىقى ، چېھرىدىكى ھەر بىر رازىمەنلىك كۈلكىسى « پىششىق تاۋۇز » دۇر . « پىششىق تاۋۇز » غا قانداق ئېغىز تىگىشمۇ بىر ماھارەت . ئىنكاسىڭىز ھەر قانچە تىز بولسىمۇ ، نىكاھ توغرىسىدا سالماق بولىشىڭىز لازىمدۇر . « مۇھەببەت ئايدىڭ كېچىلەردە قولتۇقلىشىپ تاماشا قىلىشلا ئەمەس ، مۇھىمى بوران - چاپقۇندا قول تۇتۇشۇپ بىللە يۈرۈشتۇر » . ھەر بىر ئالتۇن توي خاتىرىسىدە كىشىنى تەسىرلەندۈرگىدەك ئېسىل داستانلار ، ئاچچىق - چۈچۈك ئەسلىمىلەرمۇ بولىدۇ . بىزدە بىر - بىرىمىزنىڭ « تاۋۇز »لىرىنى ئالدىرىماي يىگۈدەك سەۋر - تاقەت ، « خام تاۋۇز » نى پەرۋىش قىلغۇدەك چىدام - غەيرەت ، ھەر بىر تاۋۇزغا تەم كىرگۈزگۈدەك ماھارەت بولسىلا ، تۇرمۇش بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ ، مۇھەببەت قۇچاق ئاچىدۇ .
دوستۇم ،« خام تاۋۇز ۋە پىششىق تاۋۇز » ھەققىدىكى ھىكايىنى ئوقىدىڭىزمۇ ؟ سىزدە « تاۋۇز » لارنى ئالدىرىماي يىگۈدەك سەۋر - تاقەت ،« خام تاۋۇز » نى پەرۋىش قىلغۇدەك چىدام - غەيرەت بارمۇ ؟؟؟
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |