ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئېرىڭىزنى قايسى جەھەتلەردىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟


ئېرىڭىزنى قايسى جەھەتلەردىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟


 

 خانىم ، ئېرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ، پۈتۈنلەي باشقىچە ئادەم قىلىمەن ، دەپ ئويلىماڭ . چۈنكى ئەرلەرنىڭ بەزەن تەرەپلىرى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ .
ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قايسى تەرەپلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ؟


 

  مىجەز _ خۇلقى :
ئادەمنىڭ مىجەزى تۇغما بولغاچقا ئۆزگەرتىش ناھايىتى تەس . ئۇنىڭ سىزگە ئاچچىقلىنىش ھوقۇقى بار . لېكىن سىزنىڭ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىپ قويۇش ھوقۇقىڭىز يوق ، بۇنىڭغا كەڭ قورساقلىق بىلەن بەرداشلىق بەرسىڭىزلا ، ئۇنىڭ بۇ خىل مىجەزى يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن پەسكويغا چۈشىدۇ  .


 

  ھېسسىياتى ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرى :
ئاياللار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك . چۈنكى سىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە سېھرىي كۈچىڭىزنى يوقاتسىڭىز ، ئۇ سىزدىن ئايرىلىدۇ . مانا بۇ ئەرلەرنىڭ نۇقتىئىنەزىرى .


 

  پۇل ۋە قىممەت قارىشى :
ئەرلەرنىڭ پۇلنى تېپىشى ۋە خەجلىشى ئۇلارنىڭ ئادىتى . شۇڭا ئەرلەرنى پۇل خەجلەشتىن توسۇش _ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەرىبىر .


 

  خىزمىتى ۋە كەسپى :
ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، كەسىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمى . شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى توسىماڭ.


 

مەنبە : شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە گېزىتى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203