ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاجرىشىش ئالدىدىكى سۆزلەر


ئاجرىشىش ئالدىدىكى سۆزلەر


 

بىر ئايالنىڭ ئاجرىشىش ئالدىدىكى سۆزى


 

  توي قىلىشتىن ئىلگىرى مېنى بەك ئەتىۋارلايتىڭىز، تاماق يىگەندە قاچىڭىزدىكى گۆشنى ماڭا ئىلىپ بىرەتتىڭىز. كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقساق باشقىلار بىلەن قىزىرىشىپ تۇرۇپ ، ماڭا ئولتۇرىدىغان ئورۇن تاپاتتىڭىز. چوڭ يولدىن ئۆتكەندە ھەمىشە مېنى يېتىلىۋالاتتىڭىز. تويدىن كېيىنچۇ؟
 تاماق يەۋاتقاندا ماڭا قارار كۆزىڭىز يوق. چوڭ يولدىن ئۆتكەندىمۇ كارىڭىز يوق ماڭىدىغان بولىۋالدىڭىز . ئاياللار كۆيۈنۈشكە، ئاسراشقا مۇھتاج، بۇنى بىلەمسىز؟
 توي قىلىشتىن ئىلگىرى سىز ماڭا ھەمراھ بولۇپ بازار چۆرگىلىشىپ بىرەتتىڭىز. كىيىم ئالسام تاللىشىپ بىرەتتىڭىز ، تويدىن كېيىنچۇ؟
 مەن بىلەن بىللە بازارغا چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەر قىتىم بازارغا بىللە چىقىشنى ئېيىتسام، « ئۆزىڭىز چىقىۋىرىڭ، ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ » دەيسىز. سىز مېنىڭ كۆڭلۈمنى شۇ قەدەر ئايىمايدىغان بولۇپ كەتتىڭىز.
 توي قىلىشتىن ئىلگىرى، ھەر كۈنى ئەتىگەندە مېنى بىللە بەدەن چىنىقتۇرۇشقا تەكلىپ قىلاتتىڭىز. بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى دەپ بېرەتتىڭىز . تويدىن كېيىنچۇ؟
 سىز مېنى چىنىقىش كۇلۇبىغا بىرىپ بەدەن چىنىقتۇرىشۇمغىمۇ يول قويماي، مېنى ئەشۇ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىغا بەنىت قىلىۋەتتىڭىز. بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىسە ئادەمگە ئاسانلا قېرىلىق يىتىدۇ.
 توي قىلىشتىن ئىلگىرى سىز ماڭا سوۋغا قىلغان بىرەر تال گۈل ياكى كىنو بېلىتىمۇ مېنى شۇنچە خوش قىلىۋىتەتتى. تويدىن كېيىنچۇ؟
 خۇددى مېنىڭ بارلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان بولۇپ كەتتىڭىز، بەزىدە ياخشى تاماق ئېتىپ ساقلاپ ئولتۇرسام، تېلفۇن بېرىپ : «مېنىڭ كەچتە ئىشىم بار،تاماققا بارالمايمەن» دەپلا قويىسىز. شۇنداق چاغلاردا كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم بولىدىغانلىقنى بىلەمسىز؟
 توي قىلىشتىن ئىلگرى ،مەيلى سىز قانچە يىراققا كاماندۇرۇپكىغا چېقىپ كەتمەڭ، ھەر كۈنى كەچتە تېلفۇن بېرشنى ئۇنۇتمايتتىڭىز. تويدىن كېيىنچۇ؟
 يادىڭىزغا يەتكەندە ئاندا-ساندا تېلفۇن بېرىپ، بالىمىزنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىگەن،ئىشلىمىگەنلىكىنى سوراپ قويۇپلا، مەندىن بىرەر ئېغىز ئەھۋال سوراپ قويايمۇ دېمەي، تېلېفۇننى قويىۋىتىسىز. سىز يوق چاغلاردا، سىزنى قانچىلىك ئەسلەيدىغانلىقىمنى، قانچىلىك سېغىنىدىغانلىقىمنى بېلەمسىز؟
 مەن سىزنى شۇنچىلىك چوڭ كۆرەتتىم، ئەمما سىز كۆڭلۈمگە ئازار بېرىپلا كەلدىڭىز. مەن ئاخىرى ئاجرىشىپ كېتىش قارارىغا كەلدىم. سىزنىڭ قايتا توي قىلغاندىن كېيىن مۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىقىڭىزنى، كەلگۈسىدىكى ئايالىڭىزنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنىشنى ئۈگىنىلىۋىلىڭ، ئۇلارنىڭ تەلىپىمۇ ئانچە يۇقۇرى ئەمەس، بېرەر ئېغىز سۆزىمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللى


 


بىر ئەرنىڭ ئاجرىشىش ئالدىدىكى سۆزى


 

 توي قىلىشتىن ئىلگىرى ، بىر دەم بۇنى ، بىر دەم ئۇنى ئالىمەن دەپ ماڭا پۇل خەجلەتكۈزۈشنىلا بىلەتتىڭىز ، شۇ چاغلاردا سىزگە بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ باقتىممۇ ؟ تويدىن كېيىنچۇ ؟ سىز مائاشىم ، مۇكاپاتىم ، ئىشقىلىپ ھەممە پۇللىرىمنى كونتىرۇل قىلىۋىلىپ ، ماڭا پەقەت پۇل خەجلەتكۈزمەيدىغان بولۇۋالدىڭىز . سىز بىر ئەر كىشىنىڭ يانچۇقىدا پۇل بولمىسا ، باشقىلار ئالدىدا يۈز -ئابرۇيى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىز ؟
 توي قىلىشتىن ئىلگىرى ، سىز مېنى چۈشۈنەتتىڭىز ، دەردىمگە يېتەتتىڭىز . شۇڭا تولىمۇ ئوماق كۆرۈنەتتىڭىز . تويدىن كىيىنچۇ ؟ ھە دېسىلا ئادەمگە ھەيۋە قىلىسىز ، چالۋاقايسىز ، باشقۇرىمەنلا  دەپ تۇرىسىز ، مېنى زادى ئېرىڭىز ئورنىدا كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ ؟
 توي قىلىشتىن ئىلگىرى ، ماڭا شۇنداق كۆيۈنەتتىڭىز ، ھەر  جەھەتتىن كۆيۈپ ھالىمغا يېتەتتىڭىز ، تويدىن كېيىنچۇ ؟ پەقەت مېنىڭ پۇلۇمغىلا كۆڭۈل بۆلۈدىغان بولۇۋالدىڭىز . ئېيتىڭە ، مېنىڭ ھېسياتىم ، خىزمىتىم ، كەسپىمگە كۆڭۈل بۆلۈپ باقتىڭىزمۇ ؟
 توي قىلىشتىن ئىلگىرى ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنەتتىڭىز ، ئۆزىڭىزنى باشقا ئاياللاردىن ئۈستۈن كۆرەتتىڭىز. تويدىن كىيىنچۇ ؟
 ھەمىشە باشقا ئاياللارنىڭ مېنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئارقامدىن پايلاپلا يۈردىڭىز . سىز چارچىمىغان بىلەن مەن چارچاپ كەتتىم.
  توي قىلىشتىن ئىلگىرى ماڭا ئەركىلەتتىڭىز ، مېھرىڭىزنى بېرەتتىڭىز . تويدىن كېيىنچۇ ؟ پەقەت بالىمىزغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ مېنى ئۇنتۇپ كەتتىڭىز ، قاچانلا قارىسا بالام ، بالامغا دەمسىز ، مېنى پەقەتلا ئويلاپ قويمايدىغان بولۇۋالدىڭىز .
  بەلكىم خىيالىڭىزغا كەلتۇرمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن ، ئۇ ياققا قارىسام چوڭلار ، بۇياققا قارىسام ئائىلە . خىزمەتتىكى رىقابەت ، بېسىمىنى دېمەيلا قوياي . تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكى مېنى ھەقىقەتەن چارچىتىپ قويدى . ئويلاپ بېقىڭ ، ماڭىمۇ ئاسانمۇ ؟
 سىزگە شۇلارنى دېگۇم كېلىۋاتىدۇ ، بەزىدە مەن سىز بىلەن ئۆز-ئارا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى ، مىنى چۈشىنىشىڭىزنى ، قەلبىمنى ئىللىتىشىڭىزنى ، يۈكۈمنى ، ھارغىنلىقىمنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىشڭىزنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلىپ كېتىمەن .بىراق سىز .........
 مەن ئىككىيلەننىڭ تويدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بىر -بىرىمىزگە كۆيۈنۈشىمىزنى ئارزۇ قىلىمەن . ئۇ چاغلاردا مەن بىرەر پارچە ياخشى كىتاپ ئوقۇسام ، مېنى ماختاپ كېتەتتىڭىز . يالغۇزلۇق ھېس قىلغان چاغلىرىمدا ، ئوماق كۈلكىلىرىڭىز بىلەن كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتىڭىز ، بىر -بىرىمىزگە تىكىلگىنىمىزدە ، كۆزلىرىمىزدىن بىر -بىرىمىزنىڭ ئەكسىنى كۆرەتتۇق ، ئەكسىنىلا ئەمەس ، بىر خىل چوڭقۇر مۇھەببەتنى كۆرەتتۇق ...........


 

مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى


 

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203