توي كېچىسىدىكى ھىكايە
توي ئاخشىمى ھۇجرىغا كىرگەندە قىز بالدۇرلا ئايىغىنى سىلىپ يىغىشتۇرىۋەتكەندىن كىيىن، يىگىتنىڭ ئايىغىنى سىلىپ سۇپىغا چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردى. يىگىت ئايىغىنى سىلىشىغا قىز ئۇنىڭ ئايىغىغا دەسسىۋالدى. يىگىت بۇنى كۆرۈپ : « تېخى خۇراپاتلىققا ئىشىنىدىكەنسىزدە » دەپ كۈلۈپ كەتتى. ئەمما قىز : « ئانامنىڭ دېيىشىچە توي كېچىسى ئېرىنىڭ ئايىقىغا دەسسىۋالسا ئەر بىر ئۆمۈر ئايالىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدىكەن » دىدى. يىگىت تېخىمۇ كۈلۈپ كەتتى. « مېنىڭ ئانامنىڭ دېيىشىچە ئايال ئېرىنىڭ ئايىقىغا دەسسىۋالسا بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ بىلەن بىللە جاپا چىكىدىكەن » دىدى.
ئايال شۇنىڭدىن كىيىن كىچىككىنە ئىشلاردىن تارتىپ ئەرنى باشقۇرماقچى بولدى. ھەتتا تەرەت قاچىسىنى تۆكىدىغان ئىشلارنىمۇ ئەر قىلدى. ئايال يەرگە نىمە تېرىشنى ئېيتسا ئەر شۇنى تېرىيتتى. ئايال قايسى قوشنىسى بىلەن يېقىن ئۆتۈشنى، قايسى قوشنىسى بىلەن يىراقراق تۇرۇشنى ئېيتسا ئەر شۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلاتتى. ئەر باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان بولسا، ئايالى بىر توۋلىسلا بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن كالىدەك ياۋاشقىنە ئارقىسىدىن ماڭاتتى. ئەر باشقىلار بىلەن ھاراق ئىچىۋاتسا، ئايال بارغانچە ئۇنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ ئۆيگە ئىلىپ ماڭاتتى.
بىرسى ئەرنى قېقىتتى. « ئايال كىشى دىگەننى ئۈچ كۈندە بىر ئۇرۇپ تۇرمىسا، ئەرنىڭ بېشىغا مىنىدۇ. سەنمۇ بىر ئەركىشى بولدۇڭمۇ ھەممە ئىشتا ئايالىڭ سىنى باشقۇرىدۇ. ئەگەر مىنىڭ ئايالىم بولغان بولسا ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىققان بولاتتىم.»
« ئەگەر سىنىڭ ئايالىڭ بولغان بولسا مەنمۇ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىققان بولاتتىم» دىدى ئەر.
ھىلىقى كىشىنىڭ ئاچچىقى كەلدى. « سەن پەقەت داداڭنى دورىمىدىڭ، خوتۇندىن قورقىدىغان يارىماس » دىگىنىچە كېتىپ قالدى ئۇ كىشى.
كەنتتە چوڭ ئىشلارنى مەسلىھەت قىلىش توغرا كەلسە كىشلەر سىنىڭ دىگىنىڭ ھېساب ئەمەس، سەن ئايالىڭنى ئەۋەتكەن دەيتتى. ئەر راستىنلا ئايالىنى باشلاپ كېلەتتى.
ئايال ئېرىنى شۇنداق باشقۇرۇپ كېلىۋاتقىنىدىن ناھايىتى رازى ئىدى. ئۇلار شۇنداق ئۆتۈۋەردى. تاكى بىر كۈنى ئايالى ئېرىنىڭ ئالدىدا قىينىئاسىنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ قالدى. ئەر بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرى تۆمۈردەك كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. « نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ساڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقىنىمنى بىلەمسەن؟ ئانام سەۋەبلىك بىلەمسەن؟ » ئەرنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتتى. « ئانام بىر ئۆمۈر ئازاپ چەكتى. دادامنىڭ مىجەزى ناھايىتى چۇس ئىدى. ئازراقلا سەۋەنلىك ئۆتسە ئانامنى تىللايتتى، ئۇراتتى. ئۇ بىلەكتەك كالتەك بىلەن ئانامنى ئۇرۇپ، كالتەكنى سۇندۇرىۋەتكەن. ئورۇندۇق بىلەن ئۇرۇپ ئانامنىڭ بىشىنى يېرىۋەتكەن. ئەمما ئانام بىز بىر نەچچە بالا ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تاياق-توقماققا چىداپ ياشاپ كەلدى. مەن ھەر قېتىم ئانامنىڭ تاياق يىگىنىنى كۆرگەندە ئۆز-ئۆزۈمگە ئەگەر مەن خوتۇن ئالسام ئۇنى تاك قىلىپ چەكمەيمەن دەپ قەسەم بېرەتتىم. مىنىڭ ھەممە ئىشتا ساڭ يول قويۇشۇم سەندىن قورققانلىقىم ئەمەس، چۈنكى مەن ئانامنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنى ئۇنتالمايمەن. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۇرۇشى ئۈچۈن يارالغان ئەمەس، بەلكى ئەرلەرنىڭ كۆيۈنۈشى ئۈچۈن يارالغان. »
ئايال ناھايىتى ھەيران قالدى. ئۇ ئەرنىڭ كۆڭلى كۆكسىنىڭ بۇنداق كەڭ ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كىيىن ئايال ئەر باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغاندا ئۇنى يەنە توۋلىمايدىغان بولدى، بەزىدە ئۇنى چاي ئەكىلىپ بېرەتتى. بەزىلەر ئەردىن سوراشتى: « ئۇنى قانداق ئەيۋەشكە كەلتۈردۈڭ؟» . ئەر بولسا مەردانىلىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بېرەتتى: « سەن ئۇرغان ئاياللار پەقەت ئېغىزىدىلا ساڭا قايىل بولىدۇ، سەن كۆيۈنگەن ئاياللار بولسا ساڭا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولىدۇ.»
ھىكايىنى ئوقۇپ بولدىڭىز، ئەمدى سىزدىن سوراي بۇ ھىكايىدىن نىمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ بارلىق ئانىلارنىڭ بەخت، خۇشاللىق ئىچىدە ياشىشىنى تىلەيمەن.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |