نىكاھ - كەش
نىكاھ _ بىر جۈپ كەش.ئاۋۋال پۇت ئاندىن كەش بارلىققا كەلگەن .بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا يالاڭ ئاياغ يۈرىۋېرىمىز،پۇتىمىز قۇملۇقتا قىزىپ كەتسىمۇ،ئوت چۆپلۈكتە ھۆل بولۇپ توڭلىسىمۇ پەرۋا قىلماي خوشال خورام يۈرىۋېرىمىز.....مېڭىۋەرگەندىن كېيىن يول مېڭىشنىڭ ئازاپلىق ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.قىزىپ كەتكەن قۇملۇققا دەسسىسەك پۇتلىرىمىز كۆيىدۇ،ئازگالدىكى زەي سۇدا تۇرساق پۇتىمىزنى زۈلۈك چېقىپ ئىششىتىۋېتىدۇ....
ھاياتلىق پايانسىز يول،شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر كەشنى ياراتقان.
كەش كىيىشتىكى مەقسەت يول مېڭىش،ئەمما يولدىكى تۈرلۈك تۈمەن مۈشكۈلاتلار گاھىدا كىشىگە كەشنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان تاشنىڭ ئازابىچىلىك بىلىنمەيدۇ.كەش شۇ سەۋەپتىن مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار ئارىسىدا ئەجداتتىن ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ كەلگەن.ئىنسانلار كەشنى ئىجات قىلغاندىن بېرى خىلمۇخىل كەشلەرنى كەيدى.كەشنىڭ تۈرى كۆپ،ئەمما قانداق كەش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،ئۇنىڭ قەدىر قىممىتى پۇتقا خوپ كېلىشتە.نىكاھمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش،قانداق نىكاھ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئەر بىلەن خوتۇنغا ئىناقلىق بەخش ئېتىشىدە.كەشنىڭ ئېسىلىنى كۆزلەپ ئۆز پۇتىنى قىيناپ قويۇشقا بولمايدۇ،پۇت ھەممىدىن مۇھىم.بۇ بىر ھەقىقەت،لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەقىقەتنى دائىم ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ.
مۇز تېيىلىش ئۈچۈن كانكى كىيىش،قارلىقتا يۈرۈش ئۈچۈن قار ئايىقى كىيىش،يامغۇر ياققاندا سۇ ئۆتمەيدىغان يامغۇرلۇق ئاياق كىيىش،ساياھەتكە چىققاندا ساياھەت ئايىقى كىيىش كېرەك.قىسقىسى،ئالەمدە ئېھتىياجىمىزغا قاراپ تاللىۋېلىشقا بولىدىغان سان ساناقسىز ئاياغ بار.ئەممە پۇتىمىز پەقەت بىر جۈپلا.شۇڭا بۇ جەھەتتە كۆپرەك ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.دۇنيادا نۇرغۇن چىرايلىق كەشلەر بار،گەپ ئۇنىڭ پۇتقا كېلىش كەلمەسلىكىدە.تار كەشكە كەلگەندە ھەر قانداق تەجرىبە كارغا كەلمەيدۇ،پەقەت يېرىم كېچىدە پۇتىڭىزنىڭ سېزىمىنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىزلا كۇپايە.
مەن دۇنياۋى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە يالاڭ ئاياغ يۈگۈرگەن جەنۇبىي ئافرىقا قىزلىرىنىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ ،ئۇلارغا قول قويدۇم.ئاياغ بولمىسىمۇ رېكورتنى بۇزغىلى بولىدىكەنغۇ؟پۇت چوڭىيىدۇ،لېكىن كەش ئۆزگەرمەيدۇ.كەش بىلەن پۇتنىڭ قايسىسى كۈچلۈك؟مېنىڭچە پۇت كۈچلۈك،كىيىپ ئۇپرىتىۋېتىلگەن كەش بار،لېكىن ئۇپرىتىۋېتىلگەن پۇت يوق.كەش پۇتقا كىچىك كېلىپ قالغاندا،پۇتنىڭ بارمىقى كەشنى تېشىپ سىرتىغا چىقىپ سالقىندايدۇ.پۇتنىڭ چوڭايمايدىغان ۋاقتىمۇ بولىدۇ،ئۇ دەل بىزنىڭ پىشىپ يېتىلگەن ۋاقتىمىزدۇر.پۇتىمىزغا دەل كېلىدىغان كەشنى تاللاپ ئالايلى.پۇتنىڭ بىرى ئەر،بىرى ئايال،كەش ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ،ھەم ئوخشىشىدىغان،ھەم بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان بىر جۈپكە ئايلاندۇرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر پۈتۈن ھاياتلىق سەپىرىدە پۇتنىڭ ئىزىنى ئەمەس،كەشنىڭ ئىزىنى كۆرىدۇ.
پۇتنى يۇنۇپ كەشكە خوپ كەلتۈرۈش ئۆتۈپ كەتكەن دېۋەڭلىك.يول يۈرۈش قىيىنلاشقاندا كەش بىلەن پۇت سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك.بىردىنلا ئامىتى كەلگەندە ،كەشنى چۆرىۋېتىشكە بولمايدۇ.
دەر ۋەقە،پۇت كەشتىن مۇھىم،ئەمما كەش راستىنلا پۇتنى قىستاپ يېغىر قىلىۋەتسە،كەش كىيىپ يۈرگەندىن كۆرە يالاڭ ئاياق يۈرگەنمۇ ياخشى.
مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |