ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى تۆت خەتەرلىك مەزگىل


ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى تۆت خەتەرلىك مەزگىل


 

 جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا تۆت مەزگىل خەتىرى چوڭ مەزگىل ھېسابلىنىدىكەن.


 

بىرىنچى خەتەرلىك مەزگىل:
 بالا تۇغۇلغان مەزگىل، بۇ مەزگىلدە ئەر - خوتۇننىڭ بېسىمى ئېشىپ، ئەسلىدىكى خۇشاللىق ۋە ھۇزۇرلىنىشلىرى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بالا پەيدا قىلغان «ئۈچ بۇرجەك» لىك مۇناسىۋەت ئەسلىدىكى «ئىككى كىشىلىك دۇنيا» نى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.


 

ئىككىنچى خەتەرلىك مەزگىل:
 توي قىلغاندىن كېيىن تۆت - بەش يىل بولغان مەزگىل. بۇ مەزگىلدە ئەر - خوتۇنغا تۇرمۇش ئاسانلا ئادەتتىكىدەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەر كۆپ يىللار خىزمەت قىلىپمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئائىلە ئىشلىرىدىن كۆرىدۇ؛ ئايال ھەم خىزمەت قىلىپ، ھەم بالىغا قاراپ، ئالدىراشچىلىقتا بوشىنالمايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئەر - خوتۇن مۇڭدىشىدىغانغا پۇرسەت بولمايدۇ. بۇ مەزگىللەردە ئۇلار باشقىلار بىلەنمۇ سىرداش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىر قانچە جەمئىيەتشۇناس خوتۇنى بار ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئايالنى تەكشۈرۈپ، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ساپ دوستلۇقتىن باشلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان.


 

ئۈچىنچى خەتەرلىك مەزگىل:
 توي قىلغاندىن كېيىنكى يەتتە يىل ئۆپچۆرىسى. جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەر - خوتۇن توي قىلغاندىن كېيىنكى ئالتە يىلدىن يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۆز ئارا قانائەتلەندۈرۈش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئاجرىشىپ كېتىش نىسبىتىمۇ توي قىلغاندىن كېيىنكى يەتتە يىلدىن يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە سەۋرچان بولۇشى بىلەن، ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن قارشى تەرەپكە ياردەم بېرىپ نىكاھىغا كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈردۇر.


 

تۆتىنچى خەتەرلىك مەزگىل:
توي قىلغاندىن كېيىنكى يىللار بولغان مەزگىل. بۇ مەزگىلدە ئەر - خوتۇننىڭ بەدەن تۈزۈلىشىدە ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئايال ھەيز كېسىلىش دەۋرىگە كىرىپ ھەدەپ تىت - تىت بولۇپ خاتىرجەمسىزلىنىپ، جەلپ قىلىش كۈچىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ ئەرلەر بارغانسېرى قېرىپ روھىنىڭ قايتا ئۇرغۇپ تۇرمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ، قايتىدىن چەپدەس -چاققان بولالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، توپ ئوينىغاندا ئوغلىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئۈمىدسىزلىكى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەرلەر چۈشىنىش ۋە تەسەللىيگە مۇھتاج بولۇپ قالىدۇ. ئاياللارمۇ ئوخشاشلا شۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ناۋادا ئەر -خوتۇن بۇنى بېرەلمىسە، ھەر ئىككىلا تەرەپ سىرتتىن ئۆزلىرىگە سىرداش ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203