ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
بىر ئايالنىڭ ئېرىگە كۆرسەتكەن پۇل تېجەش پىلانى


بىر ئايالنىڭ ئېرىگە كۆرسەتكەن پۇل تېجەش پىلانى


 

  قەدىرلىكىم ، بىز توي قىلغىلى بىر يىلدىن ئېشىپتۇ ، بىراق ھازىرغا قەدەر ئۆزىمىزگە تەئەللۇق ئۆيدە ئولتۇرالماپتۇق . بۇ ناھايىتى ئېغىر مەسلە . بىز بەكلا ئارقىدا قاپتۇق . شۇنىڭ ئۈچۈن يېقن كەلگۈسىدە ئۆزىمىزگىلا تەللۇق بولغان ئۆي سېتىۋىلىش ئۈچۈن تىرىششىمىز كىرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن پۇل تىجەشتىن باشلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ . نەچچە كۈنكى ئەھۋالغا قاراپ باقسام ، سىزنىڭ قىسمەن ئادەتلىرىڭىزنى تۈزەتسەكلا خېلى كۆپ پۇل تىجەپ قالالايدىكەنمىز ، شۇڭا سىزنىڭ بۇ نوقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشڭىزنى سورايمەن :
. ھازىردىن باشلاپ ئامال بار ئۆزىڭىزگە يېڭى كىيىم سېتۋالماڭ. سېتۋېلىش توغرا كەلسە، پەقەت قارا رەڭلىكنىلا ئېلىپ ، رەڭدار كىيىم ، بۇلۇپمۇ ئوچۇق رەڭلىك كىيىم سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ
سەۋەبى : سىز ئەر كىشى ، كونىراپ كەتكەن كىيىم كىيسىڭىزمۇ ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدۇ ، بەك يېڭى كىيىم كىيۋالسىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمايسىز . ئۇنىڭدىن باشقا ئىنىچكە ھىساپلاپ باقسام قارا رەڭلىك كىيىملەرنى يۇيماي - ئاي كەيسىمۇ ئانچە چانمايدىكەن ، شۇنداق بولغاندا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن بىر ئايدا ئۈچ يۈەن سۇ ۋە سۇپۇن پاراشۇكىنىڭ پۇلىنى تىجىگىلى بۇلدىكەن . ئويلاپ بېقىڭ ، ئون ئايدا يۇەن ، ئاي ياشىيالىساق ، ئۇ چاغدا پەقەت سىزنىڭ قارا كىيىم كىيگەنلىكىڭىز ئۈچۈنلا بىر يۈرۈش ئۆي سېتۋالالايدىكەنمىز .
. ھازىردىن باشلاپ ھاراق، تاماكىنى تاشلاڭ سەۋەبى : بىر قىسىم ئەر خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئايلىق مۇكاپات بەرگەندە ، ئايالىغا شۇ ئايلىق تاماكا ۋە ئولتۇرۇشنىڭ پۇلىنى چىقىرۋىتىپ قالغىنىنى بەرگەن ھالىتىنى كۆرسەم ، سىزنىڭ بىچارە ھالىتىڭىز كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا چەككىنىڭىز ، پۇل خەجلەپ ئۆپكىڭىزگە تۇرخۇن ئورناتقان بىلەن باراۋەر . پۇل خەجلەپ ئۆز - ئۈزىگە زىيان سالىدىغان ئىش ئەخمەقلەرگىلا ياراشقان بىلەن بىزگە ئۇخشاش ئادەملەرگە بۇلۇپمۇ بىزدەك پۇلغا ئھتىياجلق ئادەملەرگە ياراشمايدۇ . ھاراقمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەلۋەتتە .
.ھازىردىن باشلاپ يانفۇننى ئىشخانىڭىزدىكى ۋاقتىڭىزدىن باشقا ۋاقىتتا ھەرگىز ئېچىپ قويماڭ
سەۋەبى كۆزتىشلىرىمگە ئاساسلانغاندا ، ئەرلەرنىڭ تىلفۇندا دىيىشدىغان گەپلىرى ئاياللارنىڭكىگە ئوخشاش % قۇرۇق گەپ ئىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئىشخانىڭىزدىكى ۋاقتىڭىزدىلا يانفۇنىڭىزنى ئېچىپ قۇيۇڭ چۈنكى يانفۇنىڭىز سايرىغان ھامان ، سىز ئۇنى بېسىۋىتىپ ، ئىشخانىڭىزنىڭ تىلفۇنىدا قارشى تەرەپكە قايتۇرسىڭىز بۇلىدۇ ، شۇنداق قىلغاندا يانفۇنىڭىزنىڭ تېلفۇن كىرىش ھەققى ۋە ھەم تېلفۇن چىقىش ھەققنى بىرلا ۋاققىتا تېجىگىلى بۇلىدۇ .
قىسقىسى يانفۇنىڭىزنى چاقىرغۇ ئورنىدا ئىشلەتسىڭىزكەن دەيمەن
 ئىشىنىمەن يۇقارقىلارنى ئورۇنداش سىزگە بەك تەسكە توختاپ كەتمەيدۇ ،. ئىنىچكە ھالقىلاردىن ھازىرچە پەقەت مۇشۇلارنىلا ئويلىيالىدىم . قەدىرلىكىم ، تۇرمۇشىمىزدا مەن ئويلاپ يىتەلمىگەن يەنە باشقا نوقتىلار بارمۇ ، سىزمۇ زىرەك كاللىڭىزنى ئىشقا سېلىپ ، يەنە بىر قانچە ئامال ئىزدەپ باقسىڭىز .


 

مەنبە : « شنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203