ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاتا - ئانىلارغا تۈرلۈك تەكلىپ


ئاتا - ئانىلارغا تۈرلۈك تەكلىپ


 

. ھەرقانداق ۋاقىتتا، بالىڭىزغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولۇڭ.
. بالىڭىزنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىڭ، بالىڭىز ئائىلىدە ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلسۇن؛
. بالىڭىزنى دائىم رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ، بالىڭىز ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققان ۋاقىتتا « ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك » قىلماڭ؛
. بالىڭىزدىن بىرەر ئىشنى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۈلگە بولۇڭ؛
. ئەر - خوتۇن ئىككىڭلار بالا ئالدىدا جېدەل - ماجرا قىلىشتىن ساقلىنىڭلار؛
. بالىڭىزنىڭ ئالدىدا بوۋا - موملىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلماڭ؛
. بالىڭىزغا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇڭ؛
. باشقىلار ئالدىدا بالىڭىزنى ئەيبىلىمەڭ؛
. باشقىلار بالىڭىزنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەندە، سەل قارىماڭ؛
. بالىڭىزنىڭ « نېمە ئۈچۈن » دەپ سورىغان سوئاللىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلىڭ، بىلگەننى بىلىمەن دەڭ، بىلمىگەننى بىلمەيمەن دەڭ؛
. بالىڭىزنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇڭ؛ 
. ھەركۈنى بالىڭىزغا ئىختيارىي پائالىيەت قىلىدىغان سورۇن ۋە ۋاقىت ھازىرلاپ بېرىڭ؛
. بالىڭىزنى ھەركۈنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ھەرىكەت قىلغۇزۇڭ؛
. بالىڭىزنى ئىشقا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ. مەغلۇپ بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق؛
. بالىڭىز بىلەن ھەرخىل مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇڭ، بۇنداق قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ ھېسيات ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق؛
. بالىڭىزنىڭ سىزگە ئېيتىدىغان گېپى بار چاغدا، ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ؛
. بالىڭىزنى تەنقىدلىگەن چاغدا ئۇنىڭ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشىگە ۋە سۆزىڭىزگە رەددىيە بېرىشىگە يول قويۇڭ؛
. بالىڭىزغا « سەن بەك دۆت، ھېچقانداق ئىش قىلالمايسەن » دېگەندەك سۆزلەرنى ھەرگىز قىلماڭ؛ 
. بالىڭىزنى بىرەر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىماڭ، ئۇنىڭ ئۆزىگە تاللاش ۋە ھۆكۈم قىلىش پۇرسىتى بېرىڭ؛
. بالىڭىزغا قىلغان ۋەدىڭىزنى چوقۇم ئورۇنداڭ؛
. بالىڭىزنىڭ دوستلىرى ئۆيگە كەلسە، ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىڭ؛
. بالىڭىزنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، پىسخىك تەلىپىنى چۈشىنىڭ؛
. ئائىلىدە، بالىڭىزغا ئۆزىگە خاس بولغان ئايرىم ئۆي ھازىرلاپ بېرىڭ؛
. بالىڭىزغا ئېلىپ بېرىدىغان ئويۇنچۇقلار بەك قىممەت بولۇپ كەتمىسۇن؛
. ھە دېگەندىلا بالىڭىزنى قورقىتىدىغان ئىشلارنى ۋە سۆزلەرنى قىلماڭ؛
. ئوقۇتقۇچىسى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ؛
. ئائىلىدىكى چوڭ ئىشلاردا، بالىڭىزنىڭ پىكىرىنىمۇ ئاڭلاپ بېقىڭ؛
. بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سالسا، كونا خاماننى سورۇپ يۈرمەڭ؛
. بالىڭىزنى بەك مەيلىگە قويۇۋەتمەڭ؛
. بالىڭىزنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىگە نىسبەتەن كۆرمىگەن - بىلمىگەن بولۇۋالماڭ؛

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203