ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالىدۇ ؟


ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالىدۇ ؟


 

   بۇرادەر ، ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرگە بۇزۇلۇشى بىلەن باشلانغان ئائىلە پاجىئەلىرىنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق.
ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالىدۇ؟ ئاياللارنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىدا ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ -يوق ؟
بىز بۇ ھەقتە ئاز -تولا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى مەسئۇلىيەت دەپ بىلدۇق :
   كونىلار ئايالدا نەپىس ئۈچ دەپ قارايدۇ : يېمەك -ئىچمەك، كېيىم -كېچەك، سۆيگۈ -مۇھەببەت . ئالدىنقى ئىككىسى ئىقتىساد ۋە ئاياللارنى ماددى جەھەتتىن قانائەتلەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئۇنچىۋالا مۇھىم ئامىل بولماسلىقى مۇمكىن . چۈنكى بىر تەربىيىلىك ئايال ، پەزىلەتلىك خوتۇن ھەرگىزمۇ مال - مۈلۈك تۈپەيلى ئۆزى ئەقىدە قىلغان ئۆي ، مېھرىنى بەرگەن ئېرىدىن ۋاز كېچىپ يەنە بىر ئەردىن يەم - ئوزۇق تىلىمەيدۇ.
  كىيىم- كېچەك ۋە يېمەك ئىچمەك پاراغىتى تۈپەيلى غېنى -زەردارلارنىڭ كەينىدىن لالما كۈچۈكتەك نايناقلاپ سوكۇلداش پەزىلەتسىز خوتۇنلارنىڭ ئىشى .  شۈبھىسىزكى، مۇنداق خوتۇنلار ئاچكۆز ، تويماس نەپسى تۈپەيلى ئائىلىسىدىن ، ئېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە يات قوللارنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ -سىلاپ ئۇينايدىغان ئويۇنچۇقى بولۇپ قېلىشى تۇرغان گەپ ،مەن ساداقەتنى ئىقتىسادىي سەۋىيە بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويمايمەن .ساغلام ئەقىلگە ئىگە بىر ئايالمۇ ھەرگىز نامراتلىق تۈپەيلى ئېرىنى تاشلاپ كەتمەيدۇ . دېمەككى ، بىر ئايالنىڭ ئۆز ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ، مۇتلەق ئىتائەتكە كىرىشىدە ئەڭ ھالقىلىق ئامىل دەل سۆيگۈ -مۇھەببەتتۇر . ئەگەر بىر ئايال ئۆز ئائىلىسى، ئېرىدىن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىسە ، ئۇ قەلبىدىكى ،روھىدىكى، تېنىدىكى ئاچارچىلىقنى سىرتتىن ئىزدىشى ياكى ئېرىدىن يىراقلىشىشى مۇمكىن.
  ئاياللارنىڭ قانائەت تۇيغۇسى نۇرغۇن ئامىللاردىن تەركىپ تاپىدۇ، ئۇ ئەرنىڭ كۆيۈنۈشى ھالىغا يېتىشى ،سۆيگۈسى ساداقىتى ، ئائىلە ئۈچۈن چىقارغان كۈچى....قاتارلىقلاردىن كېلىدىغان روھىي قانائەت ۋە  ئەر- ئاياللىق تۇرمۇشتىن كېلىدىغان جىنسىي قانائەتتىن تەركىپ تاپىدۇ . ئايال روھىي قانائەت ئارقىلىق ئېرىنىڭ ساداقىتىنى ۋە مېھرىنى تۇلۇق ھېس قىلالىسا ۋە جىنسىي قانائەت ئارقىلىق روھى قانائىتىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرەلىسە ، ئەرنىڭ ئالدىدا شەكسىز ئىتائىتىدىكى مۇلايىم خوتۇن، مېھرىبان ئانا ،  پەزىلەتلىك ئايالغا ئايلىنىدۇ .
  ئەگەر سۆيگۈ مۇھەببەت ئېھتىياجى يېتەرلىك تويۇنۇش ۋە قانائەتكە ئېرىشەلمىسە ، ھەر قانچە پەزىلەتلىك ئايالمۇ مۇنداق ئەردىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ ، رايى قايتىدۇ  ۋە  بۇ ئائىلىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىشقا باشلايدۇ .  ئۆز ئېرىدىن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىگەن ئايال ئېرىنى ئەتراپىدىكى ئۆزى ئۇچرىغان ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا چۈشىدۇ.  مۇشۇنداق چاغدا ئەگەردە يەنە بىر ئەر شۇ ئايالنىڭ ئېرىدىكى ئاجىزلىقلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك ساپا بىلەن ئايالنىڭ قەلب دۇنياسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپلا قالسا ئايال كىشى بۇزۇلىدۇ ، ئېرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ، نىجاتلىقىنى يات ئەرلەردىن ئىزدەشكە چۈشىدۇ .
    بىز ئەخلاق ، قانۇن نۇقتىسىدىن ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن خوشلۇق ئىزدىشىنى چەكلەيمىز ، مۇنداق بولۇشنى خالىمايمىز.  ئەمما زەردارنىڭ قوينىدىن چىقىپ ئوتۇنچىغا خۇشاللىق بىلەن خوتۇن بولدىغان ، باينىڭ قولدىن تاپالمىغان بەخت تۇيغۇسىنى تازنىڭ يېغىر گەدىنىدىن ھېس قىلىدىغان ، شاھزادىدىن قېچىپ كەمبەغەلگە تېگىدىغان نازىنىنلارنىڭ ھېكايىسى بىزدە ئاز ئەمەس .  دېمەككى ،ئايال كىشى بىر ئەردىن سۆيگۈ- مۇھەببەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسا ئۇ ئەرنىڭ ئىتائىتىگە كىرمەيدۇ .  ئەر كىشى ئايالنىڭ قورسىقىنى تويدۇرۇپ ، ئۈستۋېشىنى پاقىرتىپ ياسىيالمىسىمۇ،  ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ ، روھىنى شاد ، نەپسىنى توق قىلالمىسا خوتۇنىنى خوتۇن قىلىپ تۇتۇپ تۇرالمايدۇ .  ئايالىنىڭ كۆڭلى - خاھىشىنى تاشلىۋەتكەن ئەرلەر ئايالىنىڭ جىسمىغىلا، تېنىگىلا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ ، ئەمما ئاياللىق قەلبىنىڭ شاھلىق قەسىرىدىكى ئالتۇن كۇرسىغا ئولتۇرالمايدۇ .  بۇ كۇرسقا يا باشقا بىر ھارامتاماق ئولتۇرىدۇ ياكى بۇ ئورۇن بوش قالىدۇ .  ئەمما لوگىكا جەھەتتىن قارىغاندا ، بۇ ئورۇننىڭ مەڭگۈ بوش تۇرۇۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس .  ئاشۇ بوشلۇق ئاستىدا نىكاھ پاجىئەسىنىڭ ئالۋاستى كەمپىرى خورۇلداپ ئۇخلاپ ياتقان بولىدۇ . ئەرلەردىكى بوشلۇق ، سۇسلۇق ، پەرۋاسىزلىق نىكاھ جادۇگىرىنى ئويغۇتۇپ قوپۇرىدىغان خەتەرلىك خورەكتۇر .
   ئەي ، خوتۇنىغا قانداق كۆيۈنۈش ۋە ئۇنىڭ مېھرىدىن قانداق بەھر ئېلىشنى بىلەلمىگەن ئەر - مەسىلىنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ خوتۇنۇڭنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان ئاجىزلىقىڭدىن ئىزدە . ئەر ھەر تەرەپتىن كۈچلۈك بولسا ، خوتۇن كىشى مەڭگۈ ئۇنىڭ ئالدىدا خوشلۇق ئىتائىتىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرغۇچى مەلىكىگە ئايلىنىدۇ . ئەرنىڭ ئاجىزلىقى ئايالىنى ئىتائەتتىن چىقىرىپ ، ئېرىگە ھۆركىرەپ ئۆكتە قوپالايدىغان، ئەرنى ، نىكاھنى، پەرزەنتلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان ، نومۇستىن قورقمايدىغان، دەرىجىدە ھازازۇلغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا ئەرنىڭ ئايال ئالدىدىكى كۈچلۈك -ئاجىزلىقى بەكلا مۇھىمدۇر .
  بۇ كۈچلۈك -ئاجىزلىق ئۇنىڭ نوقۇل تەن ،  جىسىم جەھەتتىكى ھايۋانىي كۈچىگە ئەمەس ، خاراكتېر ، پوزىتسىيە ، مۇئامىلە جەھەتتىكى ئىلمىي كامالەتىگە قارىتىلغان .
  ئەر خوتۇنۇمنى ئۆز ئىتائىتىمدە ساقلايمەن دەيدىكەنسەن ، خوتۇنۇڭنى رازى قىل . ئىقتىساد جەھەتتىنلا ئەمەس ، روھى جەھەتتىنمۇ رازى قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچە . ئۇ يات ئەرلەرنى ساڭا تەققاسلىماس بولسۇن ;  ھەتتا يات ئەرلەرگە تىكىلىپ قاراش ۋە نەزەر سېلىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بولسۇن . خوتۇنۇڭ سېنىڭدىن يېتەرلىك بىخەتەرلىك، قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىپ تۇرسۇن .  ئۆزۈڭنى تىڭلا ، خوتۇنۇڭنى رازى قىلالمىغان يەرلىرىڭىنى تولۇقلاپ تۇر . ئەگەر ئايال پەزىلەتلىك بولىدىكەن ،  ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركەت -قارىشىدىن ئۆزۈڭنىڭ كامالەت يولۇڭنى ۋە ئۇنىڭ قەيىرىڭدىن رازى، قەيىرىڭدىن نارازىلىقىنى بىلىپ -ھېس قىلىپ تۇرالايسەن .
  ئەر ،  ئۆزۈڭنى كامىللاشتۇر -دە ، ئايالىڭنىڭ قەلب سۇلتانلىقىنىڭ يەككە -يىگانە شاھىنشاھلىقىنى ئىگىلە . خوتۇنۇڭغا ياتلارنىڭ پاسكىنا قولى-نەزىرى يەتمىسۇن دېسەڭ، ئۇنى تىرىشىپ ئۆز ھىمايەڭگە ئالمىقىڭ لازىمدۇر.


 

مەنبە : ئەرلەرگە  تەكلىپ
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203