جەلپ قىلىش كۈچىڭىز يوقاپ كەتمىسۇن
كۆپلىگەن ئاياللار چىرايلىقراق ياسانسا،ئەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن كىيىم – كېچەك ۋە پەردازغا تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى تېخىمۇ زۆرۈرى ، ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت. پەقەت سىز بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلسىڭىزلا، مۇۋاپىقىيەت قازىنالايسىز:
. كۆپرەك كۈلۈمسىرەڭ.
تەقى تۇرقى توغرۇلۇق سۆزلىگەندە ، ھازىرقى قىزلاردا پەرق يوق دىگۈدەكلا ، «ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان» ئادەم يوق دىيەرلىك . لېكىن دائىم كۈلۈمسىرەپ يۈرىدىغان ، كىشىلەرگە خۇشچىراي مۇئامىلە قىلىدىغان ئايالنىڭ قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى ھۆسىن جامالى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان يەنە بىرىنىڭكىدىن چوقۇم ئېشىپ چۈشىدۇ ، شۇڭا سىز مەيلى تەڭداشسىز گۈزەل بولۇڭ ياكى تەقى تۇرقىڭىز ئادەتتىكىچە ساھىپجامال بولۇڭ ، پەقەت كۈلۈمسىرەش بىلەنلا باشقىلارنىڭ قەلبىدە گۈزەل تەسىرلەرنى قالدۇرالايسىز .
. ھاكاۋۇر بولماڭ .
خىزمەت ئورنى يۇقىرى ، باي ،چىرايلىق ھەم قابىلىيەتلىك ئاياللار ھەمىشە باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ . بۇ خىلدىكى ئاياللاردا ئاسانلا ھاكاۋۇرلۇق ئىللىتى پەيدا بولىدۇ . بۇنداق ئاياللار كىشىلەر بىلەن چىقىشالمايدۇ ، بۇ ، ھەر قانداق چىرايلىق ئايالغا ئورتاق «ئەجەللىك كاشىلا» بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا ئاياللار ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆزىگە دائىم ئەسكەرتىپ تۇرۇش كېرەك .
. قەلبىڭىز مۇھەببەتكە تولۇپ تاشسۇن .
ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئوخشىماسلىقى شۇكى ، ئاياللارنىڭ قەلبى نازۇك ، پاك سۆيگۈگە تولغان بولىدۇ . پەقەت گۈزەل چىراي ۋە كېلىشكەن قامەت بىلەنلا ئەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەك تەس . چۈنكى ئادەم قېرىسىمۇ، لېكىن قەلب گۈزەللىكى چەكسىزدۇر .
. كۆيۈمچان بولۇڭ .
ئەرلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ياكى ئىچى پۇشقان چاغدا ئايالىنىڭ ياردەم بېرىشىگە ۋە ئىلھاملاندۇرىشىغا مۇھتاج بولىدۇ . شۇڭا بارلىق ئەرلەر كۆيۈمچانلىقنى قوغلىشىدۇ .ئۇلار ئۆز غايىسىدىكى ئاياللارنىڭ كۆيۈمچان بولىشىنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىدۇ .
. ھەر تەرەپلىمە بىلىمگە ئىگە بولۇڭ .
بىلىمنىڭ چوڭقۇر بولىشى ئادەمنىڭ مىجەر خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ ، تېخىمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنۈشىگە ياردەم بېرىدۇ ، ئەگەر تاشقى قىياپىتىلا گۈزەل بولغان مەلۇم بىر ئايال كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ گەپ-سۆز ، يۈرۈش-تۇرۇشتا مەلۇماتسىز ئىكەنلىكىنى چاندۇرۇپ قويسا ،كىشىلەر قانداقمۇ ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە دىققەت قىلسۇن.
. ئاز سۆزلەڭ .
«ئۇ ئۇزۇن، بۇ قىسقا» دەپ يۈرىدىغان ئاياللار ئاسانلا ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدۇ . ئەگەر باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى خۇددى يادلىۋالغاندەك ئەتىدىن كەچكىچە ئاغزىڭىز بېسىلماي سۆزلەپ يۈرسىڭىز ، قايسى بىر ئەر سىزنى ياخشى كۆرەلىسۇن .
. قورسىقىڭىز كەڭ بولسۇن .
ئاياللار قورسىقىنى كەڭ تۇتاي دىسىمۇ ئەمما ئاسانلىقچە ئۇنداق قىلالمايدۇ . بولۇپمۇ ئاياللار ئوغۇل دوستى ياكى ئېرىنىڭ باشقا بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى ئۇچراتقاندا ئىچى تارلىقىنى ئىپادىلەپ قۇيىدۇ . ئەگەر كۆزى كىچىكلىك قىلىپ كۈنلەپ ،زىددىيەت پەيدا قىلسىڭىز يىگىتىڭىز ياكى ئېرىڭىزنىڭ سىزدىن يىراقلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز .
. مۇستەقىل بولۇڭ .
ھازىرقى ئاياللار ھەممىسى دىگۈدەك مۇستەقىل خاراكتېرگە ئىگە .ئەگەر سىزنىڭ مۇستەقىللىك تۇيغۇڭىز كەمچىل بولسا ، كىشىنى قانچىلىك جەلب قىلارلىق بولىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر ، باشقىلارغا ئېغىر تۇيۇلىدىغان «بوپا» غا ئايلىنىپ قالىسىز ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشىڭىزدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .
مەنبە :« ئەي ئانا ئاگاھ بولۇڭ»دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |