ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئائىلىسى ئاسانلا بۇزۇلىدىغان كىشىلەر


ئائىلىسى ئاسانلا بۇزۇلىدىغان كىشىلەر


 

.رومانتىك خىياللارغا زىيادە بېرىلىپ كېتىش.
 ئەر-خوتۇنلارنىڭ رومانتىك خىيالغا زىيادە بېرىلىپ كېتىشى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ . بىرى ، ئەر-خوتۇننىڭ ئىككىلىسى رومانتىك خىيالغا زىيادە بېرىلىپ كېتىش ، يەنە بىرى ، ئەر ياكى خوتۇن رومانتىك خىيالغا زىيادە بېرىلىپ كېتىش . ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى رومانتىك خىيالغا زىيادە بېرىلىپ كەتسە، ئەر-خوتۇنچىلىققا پۈتۈنلەي رومانتىك خىيال بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ . ئۇلار كۆڭلىدە مۇھەببەت چوقۇم ئىزچىل ، قىزغىن كەيپىياتتا ئۇزاق داۋاملىشىشى ، نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشمۇ بەئەينى مۇھەببەتلەشكەن چاغدىكىدەك قايناق ھېسسىياتتا ئۆتۈشى كېرەك ، دەپ ئويلايدۇ-دە ، نىكاھتىن كېيىنكى رېئال تۇرمۇشقا ئېتىبار بەرمەيدۇ ۋە توغرا مۇئامىلە قىلالمايدۇ. ئەر ياكى خوتۇن رومانتىك خىيالغا زىيادە بېرىلىپ كەتسە، ئەر-خوتۇننىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇش قارىشى بىر يەردىن چىقمايدۇ-دە، ئارىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ .ئەر-خوتۇننىڭ بىرى تۇرمۇشقا ھەددىدىن زىيادە تەلەپ قويىدۇ ، يەنە بىرى تۇرمۇشنى رېئاللىق ئاساسىدا چۈشىنىشنى خالايدۇ . ئوخشاش بىر ئىشقا بولغان قاراش ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ، ئەر-خوتۇنچىلىق ئاسان بۇزۇلىدۇ .


 

.كەم -كۈتىسىز بولۇشنى ئويلاش.
 بۇ خىلدىكى ئەر-خوتۇنلار ھەرقانداق ئىشنىڭ كۆڭلىگە پۈتكەندەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئوي _ خىياللىرى تىرىشچانلىق كۆرسىتىلسە ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ ، ئۇلار خېلى ئۇزاق مەزگىل شۇنچە شاپاشلاپمۇ كۆڭلىدىكى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغاندىن كېيىن ، ئېغىر روھىي بېسىمغا ئۇچرايدۇ .


 

.ھەددىدىن زىيادە پىخسىقلىق.
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى سېلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ پىخسىقلىقى ئەرلەردىن روشەن پەرقلىق بولىدۇ. ئەمما، بەزى ئەرلەر پىخسىقلىقتا ئاياللارنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ ، ئۇنداقلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان پىخسىقلىقى ئۆزى بىلەنلا كەتمەي ، خوتۇنىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ سەۋەب بولىدۇ . بۇنداقلار ئائىلە خىراجىتىنى قىسىش بىلەنلە قالماستىن ، خوتۇنىنىڭ تۆشۈك ئىشلىرىغىمۇ ئارىلىشىپ ، خوتۇنىغا ياغ،گۆش ،ئوتياش، گۈرۈچ ۋە ئۇننىمۇ ئۆلچەپ بېرىدۇ . بىر قىسىم ئاياللارنىڭ پىخسىقلىقى چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ . ئۇلار ئېرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە قاتتىق كونترول قىلىۋالىدۇ . نەتىجىدە زۆرۈر چىقىملارمۇ قىسقارتىلغانلىقتىن ئائىلىدە ئىچى سىقىلىش ، زېرىكىش ، تۇرمۇشتىن كۆڭلى سوۋۇشتەك روھىي ھالەتلەر پەيدا بولىدۇ .


 

. ئەركە چوڭ بولۇپ قېلىش.
 زىيادە ئەركە چوڭ بولغانلار مىشچان ، ئىرادىسىز كېلىدۇ، ھەرقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋالىدۇ . ئۇلار قارىماققا بىر - بىرىگە شۇنداق ئامراقتەك كۆرۈنىدۇ .كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىنى كۆرمەي ، ھە دېسىلا جورىسىدىن رەنجىيدۇ ، بۇنداق رەنجىش داۋاملاشقانسېرى بىر-بىرىدىن بىزار بولۇپ ، ئائىلە بۇزۇلىدۇ .


 

.خاراكتېردىكى تۇراقسىزلىق .
خاراكتېرى تۇراقسىز ئەر ياكى خوتۇن يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ، بىلىم - تەجرىبىسى كۆپەيگەن چاغدىمۇ ئۆز قۇرامىدىكىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ( ئومۇمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا) خاراكتېرنى تۇراقلاشتۇرماي ، بالىلىقىنى تاشلىيالمايدۇ . خاراكتېرى تۇراقسىز ئەر ياكى خوتۇننىڭ خوشاللىق ۋە خاپىلىققا بىلدۈرگەن ئىنكاسى ناھايىتى تېز ھەم كۈچلۈك بولىدۇ . بۇنداق ھالەت جورىسىدا بىر خىل ۋەھىمىگە ئۇچراۋاتقاندەك روھىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ-دە ، ئاسانلا ئۆيى بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


 

. ھەدېسىلا جورىسىنىڭ يارىسىغا تۇز سېپىش.
 بۇ خىلدىكى ئەر ياكى خوتۇن جورىسىنىڭ ھەرقانداق ھەرىكەت ۋە ئىدىيىسىنى داۋاملىق قاتتىق تەنقىدلەپ ، جورىسىنى ئۆزىنى قويغۇدەك يەر تاپالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇندا بىر-بىرىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈش ، بىر-بىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرۈش روھىي ھالىتى پەيدا بولىدۇ .


 

.جورىسىنىڭ زىيادە كۆيۈنىشىنى تەلەپ قىلىش .
 بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ . بۇنداق ئاياللار ھەدېسىلا يوقىلاڭ ئىشلاردىن پۇتاق چىقىرىدۇ ، كۆپ ۋايسايدۇ ، بۇ ئارقىلىق ئېرىنى ئۆزىگە تېخىمۇ غەمخورلۇق قىلدۇرۇش كويىدا بولىدۇ ، بەزىدە ئېرىنىڭ ئىشلىرىدىن قۇسۇر چىقىرىپ ، بۇ ئىشنى باشقىلارغا ھېكايە قىلىپ بېرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئېرىدە خوتۇنىدىن بىزار بولۇش روھىي ھالىتى پەيدا بولىدۇ .


 

.جورىسىغا كۆيۈنۈشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش.
 بۇنداق ئەھۋال ئەردىمۇ ، خوتۇندىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . بەزىلەر جورىسىغا كۆيۈنىمەن دەپ ، كۆيۈنۈشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ ، جورىسى نېمىە دېسە "خوپ" دەپ تۇرىدۇ ، نىمە قىل دېسە دەرھال بەجا كەلتۈرىدۇ ، " ياق " دېيىشنى بىلمەيدۇ ، جورىسىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن پايپىتەك بولۇپ كېتىدۇ ، ئەمما ئون ئىشنىڭ توققۇزىنى قىلىپ ، بىرىنى قىلمىسا ، بۇ ئىش ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ .
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203