تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ھەممىلا ئادەم تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك ، بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ، ئەمەلىي تۇرمۇش داۋامىدا ، ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا سەن – پەن دېيىشىتىپ غىژىلدىشىپ قالىدىغان كۆڭۈلسىز ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ ، ھەتتا بەزىلەر تۇتامغا چىقمايدىغان ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن ئۇرۇش – جىدەل قىلىشىدۇ، نەتىجىدە ئەر – خوتۇننىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر يېتىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنىۋەرسە ، ھېسسىيات كرىزىسى پەيدا بولۇپ ، نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ .
ئەمەلىيەتتە تويدىن كېيىن ئەر – خوتۇن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ، تۇرمۇشىنىڭ ئىناق بولۇشى ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ئاسىرىشىغا مۇھتاج . تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشنىڭ ئىناق ۋە بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەزى ئىشلارغا دىققەت قىلىش زۆرۈر.
. ئۆي ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش لازىم. ئەر – خوتۇن ھەر ئىككىلىسى خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتىقاندا، ئەر – خوتۇننىڭ بىر كۈن ئىچىدە ئۆيدە بولىدىغان ۋاقتى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. شۇڭا، تۈگمەس، ئەمما ئېغىر ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتا، ئەر – خوتۇن بىر – بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، بىر – بىرىنىڭ ھالىغا يېتىش پوزىتسىيىدە بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەش لازىم.
. تۇرمۇش ئادىتىدە ‹‹مېنىڭكىنى ئاساس قىلىمىز››دەپ تۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم . گەرچە توي قىلىشتىن ئىلگىرى كىمنىڭ ئۆزىنىڭ سۆيگىنى ئۆزىگە چىرايلىق دېگەندەك ، مەيلى يىگىت بولسۇن، مەيلى قىز بولسۇن، بىر – بىرىنىڭ ھەممە قىلىقلىرى چىرايلىق، ھەممە ئىشلىرىدىن رازى بولۇشىدىغان بولسىم ۇ، ئەمما توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا، ھەر ئىككىلا تەرەپ تەبىئىي ھالدا قارشى تەرەپنىڭ بەزى قىلىقلىرىنىڭ ئۆزىگە ياقمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. مەسىلەن، بەزى ئاياللار ئۆينى رەتلىك يىغىشتۇرمايدۇ، قاچا – قۇچىلارنى ۋاقتىدا يۇيۇپ بېسىقتۇرمايدۇ، بەزى ئەرلەر تالادىن كىرگەندە سالغان كىيىمىنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تاشلاپ قويىدۇ... ۋە باشقىلار. تۇرمۇش ئادىتىگە ياتىدىغان مانا مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلارنىڭ كۆزگە سىغماسلىقى تەبىئىي. لېكىن بۇنداق ئىشلارنى باھانە قىلىپ قارىشى تەرەپ بىلەن غىژىلداشماسلىق، ‹‹مېنىڭكىنى ئاساس قىلىمىز››دەپ تۇرۇۋالماسلىق ، بەلكى ماھىرلىق بىلەن مۇۋاپىق ۋاقىت، مۇۋاپىق ئورننى تاللاپ تۇرۇپ قارشى تەرەپنى ئەسكەرتىش لازىم .
. ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتا دېموكراتىيىنى يولغا قۇيۇش لازىم . كۈندىلىك تۇرمۇشتا، خىراجەتلەرنى قانداق چىقىم قىلىش كىچىك ئىش ئەمەس . كۆپىنچە ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا پۇلنى قانداق چىقىم قىلىشتا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، ئىناقسىزلىققا سەۋەب بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى، ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتا دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش لازىم.
. سەۋەبىسىز سىرتتا قونۇپ قالماسلىق ياكى ئۆيىگە كەچ قايتماسلىق لازىم. ھازىر ، نۇرغۇن ئائىلىلەردە خىزمەت، تىجارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈپەيلىدىن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ داستىخاندا دەرقەمتە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان، مۇڭدىشىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن ئاز بولماقتا. بولۇپمۇ ئە ر– خوتۇنلارنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن چەكلىك بولىدىغانلىقتىن، ناۋادا بىر تەرەپ پات – پات ئۆيگە سەۋەبسىزلا كەچ قايتسا، ھەتتا سىرتتا قونۇپ قالسا، بۇ قارشى تەرەپتە نارازىلىق ۋە گۇمان تۇغدۇرماي قالمايدۇ. بەزىدە خىزمەت ياكى باشقا ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۆيگە كەچ قايتىشقا توغرا كەلگەن ھەمدە قارشى تەرەپنى ئالدىنئالا خەۋەرلەندۈرۈپ قويالمىغاندا، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن چوقۇم ئوبدان چۈشەندۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
. ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى خوتۇن بولسۇن، سىرتتا ياكى ئىدارىدا تارتقان خاپىلىقلار ۋە ئۇچرىغان ئۇۋاللىقلارنى ئۆيىگە بىللە ئېلىپ كېلىپ، دەردىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە تۆكمەسلىكى ، ئاچچىقىنى ئۇلاردىن چىقارماسلىقى كېرەك.
. بىر – بىرىگە ھەمىمىي مۇئامىلە قىلىش لازىم. ئەگەر ئۆز ئارا ئىشىنىش ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ ئاساسى دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا گۇمانلىنىشنى مۇھەببەتنىڭ چىرىتكۈچىسى دېيىش كېرەك.
. ئاتا – ئانا بىلەن قېيناتا – قېينانىغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇش لازىم . ئەمەلىيەتتە، قىز بىلەن يىگىت توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار نوقۇل ھالدىكى شەخس ئەمەس، بەلكى ھەر قايسىسىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بولىدۇ. ئۇلار ئەر – خوتۇن بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئاتا – ئانىسى بىلەن قېيناتا – قېينانىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلىشى، مەسىلە ياكى زىددىيەت كۆرۈلۈپ قالسا مۇۋاپىق ھەل قىلىشى لازىم.
. ھە دېسىلا نىكاھتىن ئاجرىشىمەن دېمەسلىك لازىم. ئەر – خوتۇن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا، گەپ تالىشىپ قېلىشتىن، جېدەل – ماجرا قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق چاغدا ھە دېسىلا ئاجرىشىشنى تىلغا ئالماسلىق لازىم. چۈنكى، نىكاھ مۇھەببەت ئاساسىغا قۇرۇلغان، قىز – يىگىت ئىككىيلەن قانۇن ئالدىدا، ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلىرى ئالدىدا قەسەم بېرىش ئارقىلىق روياپقا چىقارغان مۇقەددەس ئىش. شۇڭا، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ يەڭگىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ.
مەنبە : « پەن ۋە تۇرمۇش » ژورنىلىدىن ئېلىندى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |