ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاياللارنىڭ ئېرىدىن تەلەپ قىلىدىغانلېرى


ئاياللارنىڭ ئېرىدىن تەلەپ قىلىدىغانلېرى


 

. ئاياللار ئىنتايىن سەزگۈر ھەم گۇمانخور كېلىدۇ . ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ . بىراق سىز سەل ئەقىللىقراق بولسىڭىز ئۇنىڭ مىجەزلىرىنى كونترول قىلالايسىز ، يەنى ئىشىكتىن چىققۇچە ئۇنىڭ مەڭزىگە يېنىك سۆيۈپ خوشلاشسىڭىز ، ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن ئۇنى يېنىك قۇچاقلاپ قويسىڭىز ، بۇ ئۇنى قەۋەتلا تەسىرلەندۈرىدۇ ؛
 . ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوق ئايالىڭىزغا ھومايماڭ ، بىر ئەر ئۈچۈن بۇ بەكمۇ سەت ئىش . چۈنكى سىز ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئايالىڭىزمۇ ئوخشاشلا خىزمەت قىلىدۇ ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن سىز ھاردىم ، دەپ سافادا ئولتۇرغاندا ، ئۇ يەنىلا ئالدىراش ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ ؛
 . ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت بىلەن كەسىپ مۇھىم ، ئاياللار ئۈچۈن ئائىلە بىلەن ئەر مۇھىم . شۇڭا ئايالىڭىزنى دوستلىرى ئالدىدا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ ؛
 . ئەرلەر چىرايلىق قىزلارغا قاراشنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش ئاياللارمۇ قاملاشقان ئەرلەرگە قاراپ قۇيىدۇ ، شۇڭا ئۇنى سەۋەبسىز كۈنلىمەڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سىزلا ئۇنى خۇشال قىلسىڭىز ، ئۇنى قەدىرلىسىڭىز ، ئۇ ھەرگىز باشقا ئەرلەرگە كۆز قىرىنى سالمايدۇ ؛
 . ئايالىڭىز كۆيۈنىشىڭىزگە مۇھتاج ، ئۇ سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىدىغان ئەرمىكىڭىز ئەمەس ، شۇڭا ئۇنىڭغا ھەرگىز قول تەككۈزمەڭ ، ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمەس بۇلۇپ قالغان بولسىڭىز ، چىرايلىقچە ئۇنىڭدىن ئايرىلسىڭىز بولىدۇ ، بىراق تىرىك تۇرۇپ ئۇنى ئازاپلىماڭ ؛
 . ئاياللار ئەرلەرنىڭ « ئەرلەر ئۈستۈنلۈكى»نى ياخشى كۆرىدۇ ، بىراق چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ ؛
 . ئائىلە مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ، شۇڭا خىزمىتىڭىز ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئائىلىنىڭ بارلىق يۈكىنى ئايالىڭىزغا ئىتتىرىپ قويماڭ ، زادى يېتىشىپ بولالمىسىڭىز ، چىرايلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىڭ ؛
   ئىككى ئادەم بىرگە ياشىغاندا مۇھىمى سەمىمىيلىك ، ئەپۇ قىلىش ، چۈشىنىش . شۇڭا ئۇنى چۈشىنىڭ ، ھۆرمەتلەڭ ، چۈنكى ئۇ سىز ياخشى كۆرگەن ، سىز سۆيگەن ، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى ۋايسىماي ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئايال .


 

   مەنبە : «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203