ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
قىزلارنىڭ يىگىتىنى چۈشۈنىشىدىكى خىل ئۇسۇل


قىزلارنىڭ يىگىتىنى چۈشۈنىشىدىكى خىل ئۇسۇل


 

.ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىگىگە قاراپ بېقىڭ:
ئۇنىڭ ئۆيى كىتاپ بىلەنمۇ ياكى توپ مۇسابىقىلىرىنىڭ تەقدىرنامىلىرى بىلەن تولغانمۇ؟ئۇ ئائلىسىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىنى تىزىپ قويغانمۇ-يوق؟ئۆيىنىڭ ئچى بەك رەتسىزمۇ؟ۋاختىنچە يىغىشتۇرمىغانمۇ؟ ئەگەر ئۇ ئەسلىدىنلا رەتسىز بولسا ،ئۇنىڭ بۇ يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى تەس.سىز بۇنداق ئەر بىلەن ياشالامسىز؟


 

.ئۇنىڭ ئارىلاشقان دوستلىرىغا قاراپ بېقىڭ:
ئۇنىڭ كۆپ ساندىكى دوستلىرىنى ياقتۇرمىسىڭىز، بۇ ئۇنىڭ سىزگە لايىق كەلمەيدىغانلىغىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. يىگىتلەرنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.يىگىتلەرنىڭ بىر قىسىم قىز دوستلىرى بولۇشى يامان ئىش ئەمەس،بىراق قىز دوستىلا بولۇپ ئوغۇل دوستى بولمىسا، ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك.


 

.ئۇچراشقانداتۇققانلارنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ بېرىڭ:
ئەگەر ئۇ بالىنى ئاۋارىچىلىق دەپ قاراپ ، بالىغا يېقىنچىلىق قىلىشنى رەت قىلسائۇ چاغدا ئۇ مەڭگۈ ياخشى دادا بولالمايدۇ.
ئەگەر ئۇ بالىنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، بالا بىلەن پاراڭلىشىپ، بالا بىلەن ئوينىسا، بۇنداق ئەرلەر شۇببىھىسىزكى ياخشى ئاتا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.


 

.ۋاقىت كۆزقارشىغا قاراپ بېقىڭ:
ئۇچراشماقچى بولغان ۋاقىتقا رىئايە قىلماي كېچىكىپ كەلسە،ئۇنىڭ سىزنى كۆزگە ئىلمىغانلىغىنى چۈشەندۇرىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاختىنى سىزدىنمۇ مۇھىم دەپ بىلسە، ئەمىليەتتە بۇ ئۇنىڭ سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىغى بولىدۇ.


 

.ئۇنىڭ نىمىلارنى دەيدىغانلىغىغا قاراپ بېقىڭ:
ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا سىزنىڭ قىزىقىشىىڭىز بىلەن كارى بولماي، ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ،ئۆزىنىڭلا گېپىنى قىلسا بۇنداق يىگىتلەر شەخسىيەتچى كېلىدۇ.


 

.ئۇنىڭ ئىلگىرىكى قىز دوستىغا قانداق باھا بېرىدىغانلىغىغا قاراپ بېقىڭ:
قىز دوستىنىڭ يامان گېپىنى قىلغان يىگىتلەر ئىشەنچىسىز كېلىدۇ.ئىلگلىركىقىز دوستىنى ھۆرمەتلىسە، بۇ ئۇنىڭ كەڭ قوساقلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ.


 

. ئۇنىڭ ئانىسى بىلە كۆرۈشۈپ بېقىڭ:
ئانىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان يىگىتلەرگە يېقىنلاشماڭ،ئەرلەرنىڭ ئانىسىغا بولغان مۇئامىلسىدىن ئۇلارنىڭ ئاياللارغا بولغان مۇئامىلىسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.ئانىسىنى ھۆرمەتلىگەن ئەر ئوخشاشلا ئۆز ئايالىنىمۇ قەدىرلەشنى بىلىدۇ.


 

.ئۇنىڭ پۇلغا بولغان قارشىغا قاراپ بېقىڭ:
بەزى يىگىتلەر ھەر دائىم بەس بەس بىلەن پۇل تۆلەشكە ئالدىرايدۇ،بۇ ئۇنىڭ سېخىلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ،ئەكسىچە بۇ ئۇنىڭ قىز دوستىنى تىزگىنلىمەكچى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ،بىراق بېخل يىگىتلەر ھىسسىيات جەھەتتىمۇ يىپىدىن يىگنىسىگىچە ھىساپلىشىدۇ.


 

. ئۇنىڭ ئۆز خىزمىتىدىن رازى - رازى ئەمەسلىگىگە قاراپ بېقىڭ:
ئەرلەرنىڭ خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيىسى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيىسىدۇر،خىزمىتى سەللە كۆڭلىگە ياقمىسا خىزمەت ئالماشتۇرىدىغان ئەرلەر كۈنەرنىڭ بىرىدەئەر- خوتۇن ئارىسىدا ئازراق ئوڭۇشسىزلىق يۈز بەرسىلا ئۆينى تاشلاپ كېتىش ئېھتىماللىغى چوڭراق بولىدۇ.


 

.ئۇنىڭ روھىي جەھەتتە ساغلام ساغلام ئەمەسلىگىگە قاراپ بېقىڭ:
باشقىلارنى زاڭلىق قىلىشنى ياخشى كۆرۈدىغان ئەرلەرباشقىلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆتۈرىدۇ،بۇ خىل يىگىتلەرنازۇك ھىسسىياتقا باي ئەمەس،پىسخىك جەھەتتە ساغلام ئەمەس.


 

مەنبە:« پەن ۋە تۇرمۇش» ژورنىلى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203