ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
خوتۇنى ئۇرۇشقاق بولسا ئېرىنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ


خوتۇنى ئۇرۇشقاق بولسا ئېرىنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ


 

  بەزى ئاياللار ھەمىشە ئەرلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا چات كېرىۋېلىپ قەستەن قۇسۇر چىقىرىدۇ ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تىزگىنلەپ تۇرىدۇ . بەزى ئەرلەر ئۆزىنى ئاياپ ئاياللىرىنىڭ ئورۇنسىز جىدەللىرىگە يول قويىدۇ ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ . پىسخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە ئاياللارنىڭ يولسىز ناچار قىلىقلىرى ئەرلەرنىڭ ئىقتىدار خاراكتېرىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئاياللارنىڭ كەيپىيات تۇراقسىزلىقى ئەرلەردىن كۈچلۈك بولۇپ ئۇلار ئاچچىقىنى جېدەل قىلىش بىلەن چىقىرىۋالىدۇ - دە پىسخىك جەھەتتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نورمال ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ . ئەكسىنچە ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۈندىمەستىن بارلىق ئىشلارنى كۆڭلىدە ساقلاپ قەلبى ھەمىشە ئازاپ ئىچىدە تۇرىدۇ . ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئەر - ئايال مۇناسىۋىتىدىكى ياخشى - يامان ئىشلار ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇننى ئىگىلىگەن بولىدۇ . شۇڭلاشقا ئايال بولغۇچى ھەمىشە ئېرىنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈۋېتىشكە ماھىر بولىشى ، ئازادە ئائىلە مۇھىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك .


 

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776